نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى (ھېكايە)

ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى (ھېكايە)

ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 4026 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى 
ھېكايە
شيوڭ لىگوڭ
ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى
 
    جيا ھاكىم كەچتە ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر پىروگراممىسىنى كۆرۈۋاتاتتى. بىۋاسىتە ئاڭلىتىلغان بىر خەۋەر تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «چوڭ تاغ يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ خەنزى ئۆز ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، تاغدىكى ئورمانغا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، كوللېكتىپ ئورماننىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بىراق، ئۆزى ئوتتا كۆيۈپ، پۈتۈن بەدىنى ئېغىر يارىلاندى، ئۇ ھازىر ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ.......»
    جيا ھاكىم دەرھال چوڭ تاغ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقىغا تېلېفون بېرىپ، بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كاتىپنى ئېلىپ ‹‹ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى››نى يوقلىغىلى دوختۇرخانىغا ماڭدى. يولدا كېتىۋېتىپ كاتىپ بىر نەچچە كىشىگە ئايرىم-ئايرىم تېلېفون بەردى.
    جيا ھاكىم دوختۇرخانىغا بارغاندا، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇخبىر قاتارلىقلار دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەر ياتىقىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئىدى. دوختۇر جيا ھاكىمغا:
    ـــ بىمار ھازىر خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، يوقلاشقا بولمايدۇ، ـــ دېدى.
    جيا ھاكىم كۆرسىتىش ئېكرانى ئارقىلىق پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق داكا بىلەن تېڭىۋېتىلگەن «ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى»نى كۆرۈپ، ئىنتايىن تەسىرلەندى ھەمدە دوختۇرلاردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى»نى قۇتقۇزۇشنى، تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ ۋاڭ خەنزىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن تاغدىكى ئورمانغا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرگەنلىك توغرىسىدىكى قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
    شۇ كۈندىكى كەچلىك خەۋەرلەر پىروگراممىسىدا، جيا ھاكىم «ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى» توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆردى، ئۆزىمۇ تېلېۋىزورغا چىققان ئىدى.
    ئىككىنچى كۈنى، ۋاڭ خەنزىنىڭ تاغدىكى ئورمانغا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرگەنلىك توغرىسىدىكى ئىش-ئىزلىرىدىن پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەممە ئادەم خەۋەر تاپتى. كىشىلەر ۋاڭ خەنزىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىك توغرىسىدىكى ئىش-ئىزلىرىدىن ھەمدە جيا ھاكىمنىڭ خەلقنى سۆيۈش، خەلققە غەمخورلۇق قىلىشتەك ئىشىدىن تەسىرلەندى. بەزى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، «ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى» ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىپ، مېھرى-شەپقەت يەتكۈزدى.
    رەھبەرلەر ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەت قوللىغان بولسىمۇ، بىراق ۋاڭ خەنزىنىڭ يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا، ئۈچىنچى كۈنى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى قازا قىلدى. جيا ھاكىم چوڭ تاغ يېزىسىغا بېرىپ، ۋاڭ خەنزىنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسسىمدا، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ خەنزىگە «ئادالەت يۇلىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان» دەپ نام بەرگەنلىك توغرىسىدىكى قارارىنى ئۇقۇدى ھەمدە پۈتۈن ناھىيەدىكى خەلقنى ۋاڭ خەنزىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلدى.
    جيا ھاكىم ۋاڭ خەنزىنى «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى ماتېرىيالىنى ئۆز قولى بىلەن تەييارلاپ، پۈتۈن ناھىيە خەلقىنى قەھرىماندىن ئۆگىنىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاۋاتقان چاغدا، ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جيا ھاكىمغا بۇ ئىشنىڭ تەپسىلىي جەريانىنى دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى:
    ـــ تەكشۈرۈپ رازۋېدكا قىلىشىمىزچە، چوڭ تاغ يېزىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئوت قويغۇچىسى ۋاڭ خەنزى ئىكەن.
    جيا ھاكىم ئىدارە باشلىقىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپلا، قاتتىق غەزەپلەندى-دە:
    ـــ سىلەر دەسلەپتە بۇ ئىشنى تەكشۈرمەي نېمە ئىش قىلدىڭلار؟ ئەمدى تەكشۈرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟ ـــ دەپ غەزەپ بىلەن چەكچەيدى. ئىدارە باشلىقى جيا ھاكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خۇددى بېشىغا بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك، دىر-دىر تىترەپ كەتتى، جيا ھاكىم ئۆزىنى سەل بېسىۋېلىپ، چوڭ بىرنى تىندى-دە:
    ـــ ئوت قويغان ئىشنى ئەمدى سۈرۈشتۈرمەڭلار، بۇ ئىش گەرچە سەل غەلىتە(بىمەنە) بولسىمۇ، بىراق ئاساسىي مېلودىيەدە خاتالىق يوق، ئۇ «قەھرىمان» بولۇشقا تېگىشلىك، يەنىلا ئەسلى بېكىتىلگەن پىلان بويىچە ئۇنى تەشۋىق قىلىپ، تەقدىرلىشىمىز لازىم، ـــ دېدى.
خەنزۇچە «مىكرو ھېكايىلەر ئايلىق ژۇرنىلى» (微型小说月报)نىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى