پوۋېست: قارا يۈرەك - 6 (داۋامى بار)
-
پوۋېست: قارا يۈرەك - 6 (داۋامى بار)
ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 3878 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قارا يۈرەك (6)( پوۋېست )ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزانتەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى6يېزا باشلىقى دولقۇن نېمىلا دېگەن بىلەن گېپىدە تۇردى. ساۋۇت ساختىنىڭ چەككەن رىيازەتلىرى، قۇربان بېرىشلىرى بوشقا كەتمىدى. ناھايىتى ئاز بىر قىسىم تەلەيلىكلەر بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقسا، ئۇ ماھىرلىق بىلەن ئۈچ پاختەك سوقتى: بىرىنچىدىن، يېزا باشلىقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ئەڭ يېقىن، ئەتىۋارلىق كىشىسىگە ئايلاندى؛ ئىككىنچىدىن، قۇمتاش كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى — 360 تۈتۈنلۈك دېھقاننىڭ بېشى بولدى؛ ئۈچىنچىدىن، كىچىكرەك بولسىمۇ مۇشۇ يېزىدىكى بىردىنبىر كارخانا — ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچىسى سۈپىتىدە كوپىراتىپنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، بەلگىلىك پۇلغىمۇ ئېرىشتى. ئىشقىلىپ كۆڭلىگە پۈككەن، ئۇيقۇسىز كېچىلەردە تىنىمسىز خىيال قىلغان شېرىن ئارزۇ - ئۈمىدلىرى بىر - بىرلەپ ئىشقا ئېشىشقا باشلىدى. ئۇ دائىم ‹‹ئەلۋەتتە، ئوغلاق كاۋىپى يىيىشنى ئويلىغان ئادەم ئالدى بىلەن جاپادىن قورقماي ئۆچكە بېقىشى، ئاندىن ئاچچىق ئىسنىڭ كۆزلىرىگە كىرىشىدىن قورقماي ئوت قالىشى لازىم. شۇندىلا يۇمران ئوغلاق گۆشىدە پىشۇرۇلغان مەززىلىك كاۋاپنىڭ شېرىن لەززىتىنى تېتىيالايدۇ - دە؟›› دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگىنىدە، مۇشۇ كۈنگە ئېرىشكىچە ئۇياق – بۇياققا چېپىپ چەككەن شۇنچە رىيازەتلىرىنى، يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ تارتقان خورلۇقلىرىنى بىراقلا ئۇنتۇپ، ئۆز - ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ كېتىدۇ. ھەقىقەتەن بىر كەنتنىڭ كىچىككىنە ئەمىلى ئۇنىڭغا ئۆزى خىيال قىلغاندىنمۇ ئارتۇقراق خۇشاللىق ئاتا قىلدى. شۇڭا ئۇ بەزىدە كەنت كومىتېتىدىكى ئىشخانىسىدا بولامدۇ ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئىشخانىسىدا بولامدۇ، ئۆز ھويلىسىدا بولامدۇ ياكى يولدا كېتىۋاتقاندا بولامدۇ، دىقماققىنە كەلگەن قىسقا قوللىرىنى كەينىگە قىلىپ، باداڭ قورسىقىنى پومپايتىپ، گىدەيگەن ھالدا ئۇياق - بۇياققا ماڭغىنىچە قايسىبىر ئاھاڭلارغا غىڭشىپ كېتىدۇ.ئۇ ئاخشام كۆڭلى سۆيۈنگىدەك ياخشى چۈش كۆرگەنمۇ – قانداق، بۈگۈن ئەتىگەن كەيپى خۇش ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەڭ ئاۋۋال بىر - بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك سايرىشىۋاتقان كەپتەرلىرىگە دان چېچىپ بەردى، قوي - كالىلىرىغا ئوت سالدى. ئاندىن ئايالى تەييارلاپ قويغان داستىخانغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، قىزىرىپ پىشقان گىردە بىلەن بادام، ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزىنى قوشۇپ ئۇزاق چايناپ ھوزۇرلىنىپ يېدى، قېنىق دەملەنگەن چايدىن قانغىدەك ئىچتى.ئۇ ‹‹ئاۋۋال كەنت ئىشخانىسىغا بارايمۇ ياكى كوپىراتىپ ئىشخانىسىغا بارايمۇ›› دېگەننى خىيال قىلىپ ئەمدىلا دەرۋازا تەرەپكە قەدەم ئېلىشىغا، قېلىن شالدىن ياسالغان، كىنولاردىكى يامۇلنىڭكىدەك ھەيۋەتلىك دەرۋازا ئەنسىز ئېچىلىپ، ئارزۇلۇق قىزى نۇسرەتقىز گۈللۈك ياغلىققا ئورالغان يوغانلا بىر بوغچىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.ئۇنىڭ ناچىدەك بۇرنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ ، بۇرۇنقى نۇرلۇق كۆزلىرى قۇرۇغان بۇلاقتەك ئولتۇرۇشقان، غۇلجا ئالمىسىدەك قىپقىزىل مەڭزىنىڭ قېنىمۇ، گۆشىمۇ قېچىپ تامدەكلا تاتارغان، جىنەستىدەك لەۋلىرى زاغرا ناندەك يېرىلىپ كەتكەن ئىدى. بۇرۇنقى كۆرگەنلا كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان ، قوي كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، ئويماقتەك ئاغزى ھەمىشىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغان خۇش چىراي قىزىنى بۇ ھالدا كۆرۈشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ساۋۇت ساختا دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېتىپ قالدى. يۈرىكى بىرسى قىزىق ياغ قۇيۇۋەتكەندەك ئېچىشىپ، ۋۇجۇدى كۈچلۈك شىۋىرغاندا قالغان ياپراقتەك تىترىگەن چاغدىلا ئېسىگە كەلدى.— ئاپىسى! ھوي ئاپىسى! قېنى سىلى؟ چاپسان بۇياققا چىقىڭلا!— ھە مانا، مانا، نېمانداق ئەنسىز ۋاقىرايسىلە، - دېگىنىچە باغدىن ئالدىراپ چىققان ئايال قىزىنىڭ بىچارە ھالىنى كۆرۈپ قولىدىكى ئوتياشنى تاشلاپ غۇلىچىنى كەرگىنىچە كەلدى، - ۋاي ئاتام، ۋاي ئانام! سىزگە نېمە بولدى ئاي قىزىم، قايسى مەلئۇن مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى قىزىم ...نۇسرەتقىز ئىچ - ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلىغىنىچە ئاپىسىنىڭ بوينىغا گىرە سالدى. ئۇ بار دەرد - ئەلىمىنى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇپ تۈگىتىۋېتىدىغاندەكلا تۆكۈلۈپ يىغلىدى. ساۋۇت ساختىنىڭ ئەتىگەنكى كۆتۈررەڭگۈ كەيپىياتى ئاللىقاياقلارغا يوقالدى. مودۇر - چوقۇر يۈزىگە ئەنسىزلىك، بىئاراملىق ئىپادىسى تېپىپ چىقتى.— ئېيتىڭا جېنىم قىزىم، سىزگە زادى نېمە بولدى؟ - دېدى ساۋۇت ساختا ئىككەيلەننىڭ يىغىسى سەل بېسىققاندا پىشايۋان ئاستىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرۇۋېتىپ.— ئاجرىشىپ كەتتۇق، - دېدى نۇسرەتقىز ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپ. خاپىغان چىرايىدىن يۈرەك زېدىسى مانا مەن، دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ قۇم تىققاندەك ئېچىشىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ئاتىسىغا تىكتى، نېمىدۇر بىر نېمە دېمەكچىدەك ئېغىزىنى ئۆمەللىدى - يۇ، يەنە ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى.— نېمە دەيدىغانسىز قىزىم، ياخشى - يامان گېپىڭلار يوق بىر ئوبدان ئۆتۈۋاتاتتىڭلارغۇ، قانداق كۆزى ياماننىڭ كۆزى تەگكەندۇ سىلەرگە؟ - دېدى ئاپىسى نۇسرەتقىزنىڭ يۈز - كۆزلىرىنى سىيلاپ تۇرۇپ.— كىمنىڭ يامان كۆزى تېگەتتى، مۇشۇ ئاتاملارنىڭ ئىشى بولمامدۇ، - دېدى نۇسرەتقىز بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ ئاپىسىغا يۈزلىنىپ. ئۇ ھەر ئېغىز گەپنى قىلغۇچە قاپاقلىرىنى سۈزۈپ، قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ، گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى ھىمىرىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى، - ھېلىقى بالا - قازا سايلام قاچان بولدى، بىر ئوبدان ئۆيىمىزدە شۇندىن باشلاپ جىدەل قۇرۇمىدى. قايسى شۇم ئېغىز يەتكۈزۈپ قويدىكىن مېنىڭ دولقۇن دېگەن تۈلكىگە بېلەت تاشلىغىنىمنى ، ئۆيدە بولامدۇ ، ئېتىز بېشىدا بولامدۇ ، ئەتراپىدا ئادەم بارمۇ - يوق، ئىشقىلىپ كۈندىلا شۇ پاراڭ ، ‹‹سەن ئايالىم تۇرۇپ ئاكامغا بېلەت تاشلىماي ، نەدىكى ھارامتاماق، كىشىنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان بىر نېمىگە بېلەت تاشلاپسەن ، قېيناتام بولغان ئادەمنىڭمۇ شاپاشلاپ يۈرۈپ قىلمىغانلىرى قالماپتۇ ، مانا مۇشۇ كۈنلەردە تېخىمۇ ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ يۈرىدۇ. دېگىنە، سىلەرگە زادى نېمە قىلىپ بەرگەن ئۇ چايان؟ ئاكام زادى سىلەرگە نېمە قىلغان؟ ئارپاڭلارنى خام ئورىغانمۇ - يا؟ مانا ئەمدى بىر ئوبدان بېشىمىزنى سىيلاپ كېلىۋاتقان ئاكامنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ ئۇزۇن جاھان بۇ، كۆرىمىز تېخى! ماڭ، سەنمۇ ئىشىڭنى قىل ، بېرىپ ئاتاڭنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالا! ئەمدى سەندەك تۇغقان تونۇمايدىغان بىكۆيۈم خوتۇننى كۆرەر كۆزۈم يوق!›› دەپ ھەيدىگىنى ھەيدىگەن، چىشىمنى چىشلەپ، خورلۇققا چىداپ بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۈزدۈم، يېلىنىپ – يالۋۇرۇپمۇ باقتىم، بولمىدى. ئاخىرى ئۆزۈمنىڭمۇ، سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارنى ئاغرىتماي دەپ ھېچكىمنىڭ مەسلىھەتىسىزلا تىپتىنچ ئاجرىشىپ كەتتۇق شۇ...شۇ تاپتا قىزىغا قانداق تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمەي قالغان ساۋۇت ساختىنىڭ بېشى قاتتى، قېلىن كالپۇكلىرى قېرى تۆگىنىڭكىدەك ساڭگىلاپ كەتتى. ئۇ ‹‹ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى، بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىمىزمۇ خەيرلىك بولىدۇ›› دەپ خۇش بولغان ئىدى. لېكىن ‹‹بىر كۈلكىنىڭ كەينىدە بىر يىغا بار›› دېگەندەك كۈتۈلمىگەن بۇ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ يۈز بېرىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ نەگىدۇر بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ئۈن – تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى. سايلامنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئىشلارنى خىيال قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئازراق ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىزىغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى.راست، قۇمتاشلىقلار ئاجايىپلا كىشىلەر، كۆز – قاراشلىرى، خۇي - پەيلى، تۇرمۇش ئادەتلىرى قوشنا كەنتلەرنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىق. ئوڭايلىقچە باشقا يۇرتتىن ئوغۇل ئۆيلىمەيدۇ، باشقا يۇرتلۇقلارغا قىز بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق، يۇرتۋازلىق تۇيغۇسى ئالاھىدە كۈچلۈك. شۇڭا ئېرىنىڭ نەزەرىدە نۇسرەت قىز ئېرىگە، ياق ! ئېرىنىڭ باشپاناھىغا ساتقىنلىق قىلغان، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش شەرمەندىلىك بولۇپ ھېسابلىناتتى. نۇسرەتقىز ئائىلىسى مانا مۇشۇ ئالاھىدە تۇيغىنىڭ قۇربانى. ئەلۋەتتە، شۇ قېتىملىق سايلامغا نۇسرەتقىز قاتناشمىغان بولسا، بۇ كۆڭۈلسىزلىكمۇ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. نۇسرەتقىزغا ئوخشاش قانچىلىغان ئەر - خوتۇن، ئاكا - ئىنى ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئازارلىشىش، قىيدىشىشلار كەنت سايلىمىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. بۇ يۇرتنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ساۋۇت ساختىغىمۇ سىر ئەمەس، ئەلۋەتتە.تاياق - توقماق تەگكەن يارا ئىزى ئوڭايلا يوقالغان بىلەن يۈرەككە تەگكەن ئەلەم توقمىقىنىڭ يارا ئىزى ئۇنچە ئاسان يوقالمايدۇ. شۇڭا ساۋۇت ساختا ئورنىدا ئولتۇرالماي قالدى. خۇددى تۇخۇم تۇغقۇسى كېلىپ، ئۇۋىلىق ئىزدەپ ئۇياق - بۇياققا چېپىپ يۈرگەن قېرى مېكياندەك ھويلا ئىچىدە مېڭىشقا باشلىدى.— بولغۇلۇق بوپتۇ قىزىم، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، سىزنى گۈلدەك ئاسراپ، ئەتىۋارلاپ باققۇچىلىكىمىز بار تېخى، ئۇ توڭرىلىقلارنىمۇ كۆرۈپ باقارمىز تايىنلىق، - دېدى ئانىسى قىزىنىڭ ياش ئەگىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتكەچ، - ئاتىڭىزدىنمۇ خاپا بولماڭ، ئائىلىمىزنىڭ بەختىنى دەپ بەزى ئىشلارنى چولتا ئويلاپ قالغان چېغى.— ئاپىڭىز توغرا دەيدۇ قىزىم ، كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇڭ، تېخى بىز ھاياتقۇ؟! ‹‹مۈڭگۈزلۈككە ئۈستۈرمەي، تۇياقلىققا تەپكۈزمەي›› ئەتىۋارلىغۇچىلىقىمىز بار. ئەتىدىن باشلاپلا مەن بىلەن كوپىراتىپىمىزغا بېرىپ كاسسىرلىق قىلىپ بېرىڭ –بولامدۇ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ زېرىكىپ قالماڭ، - دېدى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرغان ساۋۇت ساختا قىزىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.‹‹خەپ توختاپ تۇرسۇن، كۆرەرمىز قېنى›› دەپ غۇدۇرىدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە ئەلەم بىلەن. شۇ تاپتا ئۇ ئىچ – ئىچىدىن پۇچىلىنىپ ئۆرتەنمەكتە ئىدى. ھويلىنى سۈكۈت باستى.داۋامى بارمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
جالالىدىن رۇمىي: نەينامە (شېئىر)
2015-03-05 12:12:513921لى جياچېڭ، ما يۈن، ۋاڭ جيەنلىننىڭ ئوغۇللىرىغا ئې
2016-03-30 15:49:587906داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (17)
2015-03-01 22:38:423425ئۇيغۇر تىلىدىكى تۆت تاۋۇشلۇق بىر بوغۇملۇق سۆزلەر
2015-05-29 13:39:104660ئامېرىكا پارلامېنتىدا كىملەر نۇتۇق سۆزلىيەلەيدۇ؟
2016-06-27 13:17:171096ئاسىيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت ــ بۇتان
2015-07-22 13:29:453419‹‹ئاننان نۇتۇقلار توپلىمى››نىڭ خەنزۇچىسى تارقىتى
2015-04-23 12:46:2638582000 يىل بۇرۇن مودا بولغان قاتلاق يوپكا
2015-04-24 17:59:393498
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-