نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

2016-يىلى قەد كۆتۈرگەن ئاسمان پەلەك بىنالار

2016-يىلى قەد كۆتۈرگەن ئاسمان پەلەك بىنالار

ۋاقتى: 2016-01-07 ئاۋاتلىقى: 4221 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2016-يىلى يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن ئاسمان پەلەك بىنالار


خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: ئەنگلىيە ‹‹مۇھاپىزەت گېزىتى››نىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئېگىز قەۋەتلىك قۇرۇلۇش ۋە شەھەر تۇرالغۇلىرى كومىتېتى يېقىندا دۇنيادا 2016-يىلى يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن 10 چوڭ ئاسمان پەلەك بىنانى رەتلەپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى جۇڭگودا قەد كۆتۈرگەن.

1. شېنجېندىكى ‹‹ئامانلىق›› پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 599 مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي پۈتۈش قىممىتى 678 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. پۈتكەندىن كېيىن دۇنيادىكى 4-چوڭ ئېگىز بىنا بولۇپ قالىدۇ.

2. تيەنجىندىكى ‹‹گاۋيىن 117›› بىناسى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 597 مېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي پۈتۈش قىممىتى 820 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.

3. سېئۇلدىكى ‹‹لوتتې›› دۇنيا بىناسى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 555 مېتىر كېلىدۇ. بۇ بىنادا تۈرلۈك دۇكانلار ۋە ئىشخانىلاردىن باشقا يەنە، يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن بىرى بار.

4. گۇاڭجوۋدىكى ‹‹جوۋدافۇ›› پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 530 مېتىر كېلىدۇ. بۇ بىناغا دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز لىفىت ئورنىتىلغان.

5. ۋۇخەندىكى ۋۇخەن مەركىزىي بىناسى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 438 مېتىر كېلىدۇ. بۇ بىنادا پارچە سېتىش دۇكانلىرى، ئولتۇراق ئۆي، ئىشخانا ۋە مېھمانخانا قاتارلىقلار بار.

6. دۇبەيدىكى ‹‹مارىيانا 101›› بىناسى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 426.5 مېتىر كېلىدۇ. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ‹‹خەلىفە›› مۇنارىدىن كېيىنكى 2-چوڭ ئېگىز بىنا بولۇپ قالىدۇ.

7. داليەندىكى ‹‹يۈجىڭ›› مەركىزىي 1-بىناسى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 381 مېتىر كېلىدۇ. بۇ ‹‹يۈجىڭ›› مەركىزىدىكى بەش بىنانىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا.

8. موسكۋادىكى ‹‹ۋوستوك›› مۇنارى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 373 مېتىر كېلىدۇ. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن ياۋروپادىكى 1-ئېگىز بىنا بولۇپ قالىدۇ.

9. داليەندىكى دۇنيا سودا مەركىزى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 370 مېتىر كېلىدۇ. ئىشخانا بىناسى بىلەن ئولتۇراق بىنا بىرىكىپ كەتكەن.

10. دۇبەيدىكى The Address The BLVD مېھمانخانىسى، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 370 مېتىر كېلىدۇ.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى