نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تىل ئىنكاسىنى كۆندۈرۈش مەشىقىلىرى

تىل ئىنكاسىنى كۆندۈرۈش مەشىقىلىرى

ۋاقتى: 2015-02-05 ئاۋاتلىقى: 4492 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


تىل ئىنكاسىنى كۆندۈرۈش مەشىقىلىرى

☆  ئالا كالا –قارا كالا، قارا كالا-ئالا كالا (تەكرار)
☆  كۆك كەپتەر –كۆپكۆك كەپتەر، ئاق  كەپتەر-ئاپئاق كەپتەر (تەكرار)
☆  مەن ئاكام بىلەن توقماقلاشماقچىدىم.
توقماقلاشمىساممۇ توقماقلاشماقچىدىم.
☆  تۆت ئۇيغا تۆت تۇقۇم، تۆت تۆشتارتقۇ، تۆت قوشقۇن. 
☆  قىرىق قۇرغۇي قىرىق قىر تۆپىسىدە يورغىلىيالىغايمۇ؟
☆  بىزنىڭ ئۆيدە تۆت تەكچە، چەتتىكى چاك تەكچە، ئوتتۇرىدىكى تەكچە ساق تەكچە.
☆ بىر تۈپ تۇت، بىر تۈپ تۇتنىڭ تېگىدە تۇرۇپ، تۇتنىڭ تۇمۇرىنى تۇرۇپ تارتىپ تۇرۇپ تارتىپ تۇرۇپتىمۇ؟ ياكى تۇرۇپنىڭ تۇمۇرىنى تۇت تارتىپ تۇرۇپتىمۇ؟
☆  ئىشىك ئالدىدا بىر كۈپ تۇرۇپتۇ، كۈپنىڭ قېشىدا بىر تۈپ تۇرۇپتۇ. كۈپ تۈپنى تۇتۇپ تۇرۇپتىمۇ؟ تۈپ كۈپنى تۇتۇپ تۇرۇپتىمۇ؟
☆  كالا گۆشىگە چوغ چاپلاشماسمىش.
☆  ئالا قۇيرۇقلۇق قارا كالا.
☆  قىردا يورغىيالىغان تورغاي، قىلدا يورغىيالىغايمۇ؟
☆ ھارۋىنىڭ ئوڭ شۇتىسى، ھارۋىنىڭ سول شۇتىسى.
☆  ئاقسۇدىن چىققان ئاق مەخمەل پايپاق، كۆكسۇدىن چىققان كۆك مەخمەل پايپاق.
☆  قىشتا كىشمىش پىشماسمىش، پىشسىمۇ كىشى يېمەسمىش.
☆  بۇ قورغان بۇرھان قۇرغان قورغان، بۇ قورغان تۇرغان قۇرغان قورغان. 
☆  قىرىق قاراقچىغا قىرىق ئاق-قارا قالپاق كەم (تەكرار)
☆  سەن ئىچكەن سۇ ئاشۇ سۇ شۇمۇ؟ مەن ئىچكەن سۇ مۇشۇ سۇ شۇ.
☆  كىشى مېنى كىشى دېسە، يانچۇقۇمدا كىشمىشىم.
     كىشى مېنى كىشى دېمىسە، كىشى بىلەن نېمە ئىشىم؟
☆ كالتا قۇيرۇق قارا كالا قالغان بىلەن، ئالا قۇيرۇق كالا ئالدىدا ماڭدى.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى