نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تۈركىيە نېمىشقا تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىنى كونترول قىلىدۇ؟

تۈركىيە نېمىشقا تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىنى كونترول قىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-30 ئاۋاتلىقى: 2617 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمىشقا تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىنى كونترول قىلىدۇ؟



توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، <<شام ئىسلام دۆلىتى>> بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تۈركىيە بىلەن سۇرىيەنىڭ 560 مىل كېلىدىغان چېگرا سىزىقىدا بولماقتا.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە كۆپ قېتىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى جەنۇبىي چېگرانى قامال قىلىپ، <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نىڭ خادىملىرى بىلەن ماددىي ئەشيا تولۇقلىمىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇنىڭغا پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرغانىدى.

بەزى ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ قارىشىچە، چېگرانى قامال قىلىش تازا رېئاللىققا ماس كەلمەيدىكەن، <<شام ئىسلام دۆلىتى>> چېگرانىڭ جەنۇبىدىكى سۇرىيەنىڭ زور بىر قىسمىنى كونترول قىلغانلىقتىن، چېگرانى قامال قىلىش ئېھتىياجلىق بولىدىغان قورشاۋ تام ياساش، ئالاقىدار ئامانلىق خادىملىرىنى سەپلەش تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ كېتىدىكەن، شۇنداقتىمۇ ناۋادا چېگرا ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىنسا، يەنە مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەگە قېچىپ كېلىشىنىمۇ توسۇش زۆرۈر بولىدىكەن.

بەزى تەھلىلچىلەر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋە تۈركىيە ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى ___ خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سالاھېتتىن دېمىرتاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەربابلارنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرانى قامال قىلىشنى رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى بىرلا ئەمەسكەن. رۇسىيە تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈركىيە ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇنچە سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللاۋاتقان بولۇپ، چېگرانى تاقىسا، بۇ ئىشلارغا پايدىسىز ئەھۋال شەكىللىنىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىقتىساد جەھەتتە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاشكارىلىغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە ئايان بولۇشىچە، تۈركىيە يەنىلا جەنۇبىي چېگرا ئارقىلىق نېفىت ساتقان. رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بۇ سەۋەبتىن تۈركىيەنى <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نىڭ نېفىت ئەتكەس قىلىشىغا ياردەم بەرگەن، دەپ قارىغان. رۇسىيەگە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەردە گەرچە گۇمانلىق نۇقتىلار مەۋجۇت، بولۇپمۇ بۇ سودىنىڭ بىر قىسىمى سۇرىيەدىكى كۇردلار زېمىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما چېگرانىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان قانۇنسىز سودا، شۇنداقلا تۈركىيەگە توختىماي كىرىۋاتقان <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نىڭ <<پىدائىي>>لىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەگە بولغان نارازىلىقىنى قوزغىغان. تۈركىيە چېگرىسىدىكى شەھەر ___ گازىيانتېپ ھەتتا شۇ جايدىكى ئەربابلارنىڭ نەزىرىدە <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نىڭ <<ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزى>> دەپ قارالماقتا.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي چېگرىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن بىز بۇ رايوننىڭ تارىخىنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، سۇرىيە چېگرىسى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتسادىي مەسىلىلەر ئىزچىل ھالدا سىياسىيونلار ۋە شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ كەلگەن.

چېگرا ئۇرۇشى

ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن رايونلارغا ئوخشىمايدىغىنى، تۈركىيە بىلەن سۇرىيەنىڭ چېگرىسى تۈركىيەنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئايرىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1923-يىلى <<لائۇسان شەرتنامىسى>>نى ئىمزالىغاندا سۇرىيە بىلەن بولغان چېگرىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. بۇ كېلىشىم بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىشىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەرگەن. تۈركىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بۇ چېگرا ئايرىشنىڭ مۇۋاپىق بولغانلىقىنى جاكارلىغان، چۈنكى ئۇنىڭدا 1918-يىلى ئوسمان قوشۇنى ئاخىرىدا ئىگىلىگەن زېمىن چېگرا چېكى ئەكس ئەتكەن. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ چېگرانىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر تۈركىيە بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئىرقىي ئايرىش لىنىيەسىگە سىمۋول قىلىنغانلىقىنى كەسكىن جاكارلىغان.

ئەلۋەتتە، بۇ مەنتىقە جەھەتتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيەدىكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى ___ فىرانسىيە ئالدىدىكى ئاجىز ۋەزىيەت ھەققىدىكى سۆھبەت مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كېيىنكى 15 يىلدا، تۈركىيە ئىزچىل ھالدا لائۇسان شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن چېگرا سىزىقىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە چېگراغا بولغان كونتروللۇقنى تىرىشىپ كېڭەيتتى ھەمدە مۇستەھكەملىدى. 1938-يىلى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەنىڭ كونتروللۇقىنى قوبۇل قىلغان، ئاساسلىق تۈرك تىلى ئىشلىتىدىغان خاتاي ئۆلكىسى، شۇنداقلا ئەينى چاغدىكى ئالېكساندرېتتا ئۆلكىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان.

خاتاي ۋە باشقا بىر قىسىم چېگرا رايونلىرىنى تۈركلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت شۇ جايدىكى بىر قىسىم قەبىلە ھەمدە ماكانسىز قالغان بالقانلىقلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىپ، تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەرنى بۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇرغان. ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئارقىلىق، تۈركىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۆلەتنى تېخىمۇ تۈركلەشتۈرۈش، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ سادىق بولۇشنى ئۈمىد قىلغان.

ئەمما چېگرا رايوندىكى كىشىلەرنى تۈركلەشتۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقلار باشتىن-ئاخىر ئالدىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي كەلدى. ھۆكۈمەت ئاھالىلارنى چەكلىمىلىك جايلار ۋە شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىشقا ھەرگىز مەجبۇرلىيالمايتتى، نۇرغۇن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئاھالىلار ئاخىرىدا يەنە قايتىپ كەلگەن.

شۇ ۋەجىدىن، چېگرادىكى تىللار ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىدا كۆپ خىللىشىش، ھەتتا كۆچمەن چارۋىچىلىشىشمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلانماقتا. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن سۇرىيە بىر خىل <<پاساۋان>> دەپ ئاتىلىدىغان سىستېمىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قىسىم شەخسلەر ۋە كوللېكتىپقا تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان (ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوق). شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ <<تۈركلەشتۈرۈش>> سىياسىتى نوپۇسنى كونترول قىلىشتا مەغلۇب بولغان.

ئىقتىسادىي ئالاقە

1923-يىلىدىن بۇيان، نەزەرىيەچىلەر ۋە قانۇن چىقارغۇچىلار چېگرانى تۈركلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىشنى تەڭ دەرىجىدە مۇھىم ئورۇنغا قويغان، دۆلەت ئورگانلىرى ئۇزاقتىن بۇيان ئىزچىل ھالدا سودا بىلەن سانائەتنى قاتتىق كونترول قىلغان. تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىمپورت سەپلىمىسى سىياسىتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ياسىمىچىلىقى ۋە دېھقانلارنى يۆلىگەن؛ دۆلەتنىڭ مۇھىم تاۋارلىرىدىن مەسىلەن: چاي، ئەپيۇن ۋە قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت قاتتىق كونترول قىلغان ياكى مونوپۇل قىلغان.

دۆلەتكە بايلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات پەقەت بۇ نىشاننىڭ بىر قىسىمى. ئۆتمۈشتىكى ئوسمان دۆلەتپەرەسلىك پىرىنسىپى بويىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇزاقتىن بۇيان ئىزچىل ھالدا دۆلەتنى مۇسۇلمانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان <<سودا مەدەنىيىتى>> بەرپا قىلشقا مۇھتاج، دەپ قاراپ كەلگەن. شۇنداقتىمۇ ئەينى چاغدىكى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ سودا ۋە ياسىمىچىلىقى غەيرىي مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ ماھىيەتتىن دۆلەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارالغان. ئانتالىيادا گرېتسىيە سودىگەرلىرى بىلەن ئەرمېنىيەلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار غەربكە ھېسداشلىق قىلىش پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىغانلىق، دەپ قارىغان.

شۇڭا، مۇسۇلمانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدە بەرپا قىلىشتا چوقۇم ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەرمېنىيە ۋە گرېتسىيەلىك سودىگەرلەر سىنىپىنى تەلتۆكۈس بىتچىت قىلىش كېرەك. 912-يىلىدىن 1923-يىلىغىچە، غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى زور مىقدارىدا چەكلەشكەن ۋە يوقىتىلغان، ئامان قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى سۇرىيە چېگرىسى ئەتراپىدا ماكانسىز قالغان، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى مۇسۇلمانلارنى نۇرغۇن يەر ۋە ئىگىلىكنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندۇرغان.

كېيىنكى تارىختىكى ھۆكۈمەتلەر ئۇتۇقلۇق ھالدا سودا ۋە ياسىمىچىلىق بازىلىرىنى تۈركلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ئىگىلىكىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ۋەيران قىلغان. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال سۇرىيە بىلەن چېگرىداش رايونلاردا تېخىمۇ روشەن بولغان. جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىن باشلاپ، مۇھىم تاۋارلارغا بولغان سودا كونتروللۇقىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مىسالەن ئېيتساق، دېھقانلار باشتىلا دۆلەتنىڭ پىستە بادام ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى كونترول قىلىشىنى بايقۇت قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدە بىر قىسىم تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياج ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ بىر قىسىم تۈرك تاۋارلىرىغا بولغان ئېھتىياجى (گۆش، سۈت ۋە چاي مەھسۇلاتلىرى) بۇ رايوندىكى شەھەر-بازارلاردىكى بازارلارنى، كىلىس بازىرىنى ۋەكىل قىلغان ھالدا قانۇنسىز ئەتكەس قىلىشنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرغان. بارلىق سۇرىيە چېگرىسىدىن ئۆتكەن چەكلەنگەن بۇيۇملاردىكى ئەپيۇن ئەتكەسچىلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان. نازارەتچىلىك ۋە چەكلەش بۇيرۇقلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جەنۇبىي چېگرىدا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.

ئەنقەرەنىڭ بۇ مەغلۇبىيەتلىك سىياسەتكە ئىزچىل كۆڭلىدە سان بار ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا كەلگەندە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى سۇرىيە چېگرىسىدىكى ئەتكەسچىلىكنى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ رىقابەت دەپ قارىغان. ئەنقەرە دائىرىلىرىدىكى باشقا رىقابەتلەرگە ئوخشاشلا، چېگرادىكى قانۇنسىز سودا دائىم مىللىي ۋە ئىرقىي مەسىلە سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن.

ئوخشىمىغان باسقۇچتا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتۋازلىرى بىلەن ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەسىلىنى كۇردلار، سىركاسسىئانلار ۋە ئەرەبلەرگە ئارتىپ قويغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئىچكى قىسىمدا ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئەتكەسچىلىكنىڭ تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، تۈركىيە ئەمەلدارلىرى <<پاساۋان>> سىستېمىسى ئارقىلىق قانۇنسىز ئەتكەسچىلىك ۋە قانۇنسىز چېگرىدىن كىرىشنى تەبىئىي شەكىللىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنداقلا، سۇرىيە بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى باھانى كونترول قىلىش ۋە ئىمپورتنى چەكلەشتىمۇ قانۇنسىز سودا ئەۋج ئېلىپ كەتكەن.

بۇ خىل ھۆكۈمەت ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز رىقابىتى ئاستىدا، ئەنقەرە دائىرىلىرى ئەزەلدىن قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن قورقۇپ باقمىدى. 1923-يىلىدىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك قىسمى سۇرىيە چېگرىسىدا نەچچە مىڭلىغان قوراللىق ۋە قورالسىز قانۇنسىز ئەتكەسچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، نەچچە ئون مىڭ كىشىنى قولغا ئالغان. ئوخشىمىغان باسقۇچتا، ھۆكۈمەتلەر قورشاۋ تام سېلىش ۋە خەندەك كولاش ئارقىلىق قانۇنسىز ئەتكەسچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئۇزۇن چېگرادىكى ئەتكەسچىلىك، زوراۋانلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغانلىقتىن، شۇ جايدا ھەتتا ناۋادا سىز كىلىس شەھىرىدە بىرەر توكۇر ياشنى كۆرسىڭىز، ئۇ چۇقۇمكى بىر ئەتكەسچى؛ ناۋادا سىز بىر توكۇر بوۋاينى كۆرسىڭىز، ئۇ ئىلگىرى ئاتاتۈرك بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان، دېگەن قاراشلار تارقالغان.

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيانقى مەمۇرى ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ئانچە بەك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىگەن. گەرچە تۈركىيە ئەركىن ئىگىلىك (دۆلەت ئىلكىدىكى سانائەتنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە قىسمەن دۆلەت مونۇپۇللۇقىنى بىكار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)كە ئۆتۈپ چېگرادىكى بىر قىسىم قانۇنسىز تاۋار سودىسىنى ئازايتقان ياكى تۈگەتكەن بولسىمۇ، ئەمما سۇرىيە (يەنە ئىراقمۇ بار)دىكى ئىقتىسادىي كىرزىس يېڭى بازار ياراتقانىدى.

1991-يىلى ئىراق ئىقتىسادى يىمىرىلگەن، كېيىنكى ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشلار تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بازارلاردىكى قانۇنسىز ئېكسپورت ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرىچە يېقىلغۇ ماتېرىياللىرى، يانفون، دورا ماتېرىياللىرى، زەھەرلىك بۇيۇملار ۋە باشقا بۇيۇملارنىڭ ئەتكەسچىلىكى شىددەت بىلەن ئاشقان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى شۇھامان زور مەبلەغ سېلىپ دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنى قايتا تەشكىللەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېڭى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى قۇرۇپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى (چېگرا باشقۇرۇش ئىشخانىسى 2014-يىلى قۇرۇلغان)نى قوغداشقا مەسئۇل قىلغان ھەمدە ئەتكەسچىلىك ۋە تەشكىللىك جىنايەت ئىشخانىسىنى مۇستەھكەملىگەن. (بۇ ئىشخانا 1980-يىلى قۇرۇلغان)

ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ مۇداخىلىسى چېگرا باشقۇرۇشقا دەخلى قىلغان. ئاتالمىش <<25-دېكابىر>> ۋەقەسىدە، كۆپ ناملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە __ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AKP)نىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى چىرىكلىك ۋە ئەتكەسچىلىك سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇ ۋەقە ئەردوغان ھاكىمىيىتىنىڭ ئەتكەسچىلىك ۋە تەشكىللىك جىنايەت ئىشخانىسى (بۇنى ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ قىساس ئېلىش قىلمىشى دېيىشكە بولىدۇ)نى ئۆزگەرتىشكە باشلىشىغا سەۋەب بولغان. 2014-يىلىدىن بۇيان، نەچچە يۈزلىگەن ساقچى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ياردەملەشكەن دېگەن جىنايەت بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، دەم ئېلىشقا چىقىرىۋېتىلگەن ياكى ئىچكى قىسىمدا ۋەزىپىسى تەڭشەلگەن.

بىز ھازىر بۇنىڭ سۇرىيە چېگرىسىدا قانۇن ئىجرا قىلىشقا بولغان تەسىرىنى ئېنىق بىلمىسەكمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندا چېگرادا نەق پۇل ئېلىۋېلىپ باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەردوغان ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ دۆلەتكە نەق پۇلنىڭ ئېقىپ كىرىش ياكى چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەدىكى قوراللىق قىسىم بارغانسېرى كۆپلىگەن تەدبىرلەر ئارقىلىق چېگرانى قوغدىغان. ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتىدىن ئەسكەرلەرنىڭ سەر كۈنى گۇماندارلارنى توسۇپ قالىدىغانلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر بۇ سان-سىفىرلارنىڭ ئەھمىيىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلمەكتە. تۈركىيە تاراتقۇلىرى بۇ ئىشلارغا باشقا نۇرغۇن جىددىي ئىشلارغا ئوخشاشلا مۇئامىلە قىلىپ، ھەمىشە ھۆكۈمەتنىڭ دوكلاتى ۋە سان-سىفىرلىرىنى خەۋەر قىلىۋەرگەن.

پايدا ئېلىش

نۇرغۇن مۇخبىرلار زادى كىمنىڭ تۈركىيە بىلەن سۇرىيە چېگرىسىدا يولسىزلارچە نەپكە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى سوراشقا پېتىنالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر بۇنىڭغا نۇرغۇن خادىملارنىڭ چېتىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ. سىياسىيونلار تارىختا قانۇنسىز سودىنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتدارلىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئابدۇللا كىللى دېلوسى ئارقىلىق بىر بەلكىم بىر قىسىم يىپ ئۇچىغا ئىگە بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

ئابدۇللا كىللى ئۇزاقتىن بۇيان تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت پارلامېنتىدا خاتاي رايونىغا ۋاكالىتەن، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا زەھەر چەكلەش مەھكىمىسى ئۇنىڭ چېگرادا زەھەر ئېلىپ سېتىشىنى يۇشۇرۇن ئەيىبلىگەن. بۇ ئەيىبلەش تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كىللىنى قوللاپ، بۇ ئەيىبلەشنىڭ قىلچە ئاساسىي يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىلگىرىكىنى قويۇپ ھازىرنى دېگەندىمۇ، چېگرادىكى قانۇنسىز بۇيۇملار سودىسى شۇ جاينىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغان.

تۈركىيەنىڭ چېگرا مەسىلىسى تارىخىدىن ئايانكى، گەرچە يەرلىك بىلەن رايون ئامىللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىدىكى ئەتكەسچىلىك پائالىيەتلىرىنى بىۋاسىتە شەكىللەندۈرمىگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا باشقۇرۇشىنى ئەيىبلەش تازا ئادىل بولمىغان، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە بۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.

تۈپ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاڭ شەكلى ۋە ئىستراتېگىيە توسالغۇسى سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. مۇشۇ نۇقتىنى ئويلاشقاندىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا مەسىلىسىدىكى مەغلۇبىيىتىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما، چېگرانى تاقاش تولىمۇ مۈشكۈل بىر ئىش، بۇنداق قىلغاندا ئېنىقلا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىيەت باشقۇرۇشىدىكى ئاجىزلىقى، ئىدىيە سىستېمىسىدىكى زەئىپلىكى، ھەتتا چىرىكلىكى ئاشكارىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.


ئەسلى مەنبەسى: http://toutiao.com/i6286614380750569986/


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى