بۇ يۇمۇرلارغا كۈلمەي تۇرالمايسىز
-
بۇ يۇمۇرلارغا كۈلمەي تۇرالمايسىز
ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 4307 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بۇ يۇمۇرلارغا كۈلمەي تۇرالمايسىزمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى
ياخشى ئەربىر ئەپەندى تۆت كوچا ئېغىزىدا يېشىل چىراغنىڭ يېنىشىنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن، بىر تىلەمچى ماشىنا دېرىزىسىنى چېكىپتۇ:— ئەپەندىم، ئازراق سەدىقە بەرسىڭىز.ھېلىقى ئەپەندى ئۇنىڭغا بىرلا قارىۋەتكەندىن كېيىن، بىر تال تاماكا تەڭلەپتۇ:— مە، بۇنى ئال.— مەن تاماكا چەكمەيمەن، ئازراق پۇل بەرسىڭىزلا بولدى، — دەپتۇ تىلەمچى.— ئەمىسە ماشىنامدا پىۋا بار، ئازراق ئىچىپ قوي.— مەن ھاراق ئىچمەيمەن، ئازراق پۇل بېرىڭ.— مۇنداق بولسۇن: مەن سېنى ماجاڭخانىغا ئېلىپ باراي، پۇلنى مەن چىقىرىمەن، سەن قىمار ئوينايسەن، ئۇتۇۋالغان پۇل سېنىڭ بولسۇن.— مەن قىمار ئوينىمايمەن، ئازراقلا پۇل بەرسىڭىز بولدى.— ئەمىسە سېنى ھورداقخانىغا ئېلىپ بېرىپ تازا بىر تاماشا قىلدۇراي، پۇلى مەندىن.— مەن ئاياللارغا قانات سۆرىمەيمەن، ئازراق پۇل بەرسىڭىزلا بولىدۇ.— ئۇنداقتا، ماشىنامغا چىق. مەن سېنى قىز دوستۇمنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ ئۇنىڭغا تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان، قىمار ئوينىمايدىغان، ئاياللارغا قانات سۆرىمەيدىغان ياخشى ئەرنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي.پىيەنچۈكنىڭ ئۆيىگە قايتىشىبىر پىيەنچۈك ھاراقنى جىق ئىچىپ قويۇپ يولدا دەلدەڭشىگىنىچە ئۆيىگە قاراپ مېڭىۋېتىپ، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىزچاقتىن سوراپتۇ:— بېشىمدا قانچا ھۇررەك بار ئىكەن؟ھودۇقۇپ كەتكەن قىز ئالدىراپلا:— ئۈچى باركەن، — دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.— ھە، — دەپتۇ پىيەنچۈك، — يەنە تۆت ئىستولبىدىن ئۆتسەم ئاندىن ئۆيۈمگە يېتىپ بارالايدىكەنمەن!سەككىز ئەسكەرسەككىز ئەسكەر بىر كۈن رۇخسەت سوراپ شەھەرگە ئوينىغىلى كىرىپتۇ. بىراق ئەتىسى ئەتىگەندىمۇ قايتىپ چىقماپتۇ. سىرژانتنىڭ بەكلا ئاچچىقى كېلىپتۇ.سائەت يەتتىدىن ئازراقلا ئۆتكەندە بىرىنچى ئەسكەر قايتىپ كەپتۇ:— بەكلا ئەپسۇس كوماندىر، — دەپتۇ ئۇ سىرژانتقا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، — سائىتىم كېيىن قاپتىكەن، پويىزغا ئۈلگۈرەلمەي بىر كىرا ماشىنىسىغا چىققانىدىم. بىراق، يېرىم يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى. بىر كەنتتىن بىر ئات سېتىۋالغانتىم، كىم بىلسۇن، ئۇ ئات ئۆلۈپ قالدى. ئاخىرى ئون چاقىرىمدىن كۆپرەك يولنى پىيادە بېسىپ قايتىپ كەلدىم.سىرژانت ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ناھايىتى تەسىلىنىپ كېتىپتۇ. ھايالشىمايلا قالغان ئالتە ئەسكەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلاپتۇ. ھەممىسىلا ئوخشاشلا پويىزغا خاتا چىقىپ قالغانلىقى، ماشىنا كىرا قىلغانلىقى، ئات سېتىۋالغانلىقىنى دەپتۇ. سىرژانتنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ تۇرۇشىغا، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسكەرمۇ يېتىپ كەپتۇ.— مەن پويىزغا خاتا چىقىپ قېلىپ، ئاندىن ماشىنا كىرا قىلىپ...— ئاغزىڭنى يۇم! — سىرژانت غەزەپ بىلەن ۋارقىراپتۇ، — سەنمۇ ماشىنا بۇزۇلدى، دېمەكچىما؟— ياق، كوماندىر، — دەپتۇ ئەسكەر، — ماشىنا بۇزۇلمىدى، بىراق، نۇرغۇنلىغان بۇزۇلۇپ قالغان ماشىنا ۋە ئۆلۈپ قالغان ئاتلار يولنى توسۇۋېلىپ، ماشىنا ئۆتەلمەي قالدى.خەنزۇچە ‹‹پاراسەت›› ناملىق ژۇرنالنىڭ 2009-يىل 5-سانىدىن تەرجىمە قىلىندىئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى
مۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قىزىقارلىق چەت ئەل يۇمۇرلىرى
2015-03-11 15:16:464126ھەر يىلى 22-ئاپرېل دۇنيا يەرشارى كۈنى
2015-04-22 16:15:304160جوبسنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
2015-08-27 14:23:066899كەلگۈسىدە يالتىراق پۇل ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
2015-02-05 11:58:513952ئامېرىكىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى (2-ھۆججەت)
2015-04-12 12:48:183874بىل گايتس ئەر-ئايالنىڭ 2016-يىللىق ئوچۇق خېتى
2016-02-28 23:24:0513913ما يۈننىڭ گېرمانىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى
2015-04-02 18:46:254767پوۋېست: قارا يۈرەك - 3 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:14:524088
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-