نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹‹تۆمۈر ئايال›› ساچىر خانىمنى بىلەمسىز؟

‹‹تۆمۈر ئايال›› ساچىر خانىمنى بىلەمسىز؟

ۋاقتى: 2015-02-08 ئاۋاتلىقى: 4059 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

‹‹تۆمۈر ئايال›› ساچىر خانىمنى بىلەمسىز؟

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي 

   

    دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى مەشھۇر سىياسىيون، قابىل رەھبەر، باشقىلار تەرىپىدىن ‹‹تۆمۈر ئايال›› دەپ نام ئالغان ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىم ھەممىمىزگە تونۇشلۇق. ئۇنىڭ قىسقىچە ھايات تارىخىدىن خەۋەردار بولۇپ قويۇش بىزگە ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك. 
   ساچىر خانىم (تولۇق ئىسمى: مارگارىت ھىلدا زاتچېر بولۇپ، ئادەتتە ساچىر خانىم دەپ ئومۇملاشقان) 1925-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان. 1943-يىلى ئوكسىفورت ئۇنىۋېرسىتېتى سومىرۋېل قىزلار ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئۇنىۋېرسىتېتىكى مەزگىللىرىدە كونسېرۋدتىپلار پارتىيەسىگە كىرگەن ھەمدە ئوكسىفورت ئۇنىۋېرسىتېتى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 
   1947-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە ئىككى ئائىلە خىمىيە شىركىتىنىڭ خىمىيە تەتقىقاتچىسى بولغان، بوش ۋاقىتلىرىدا قانۇن ئوقۇغان، 1953-يىلى لىنكولىن ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئادۋوكات بولغان. 
   ساچىر خانىم 1959-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 
   1961-يىلى سۇغۇرتا مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان.
    1964-يىلى ئاۋام پالاتاسى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى رەتتىكى باياناتچىسى بولغان.
    1970-يىلى مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن ۋەزىرى بولغان. 
   1975-يىلى 2-ئايدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى بولغان.
   1979-يىلى 5-ئايدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلغان، ساچىر خانىم ۋەزىرلىكنى ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگلىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش ۋەزىر بولۇپ قالغان. 
   1983-يىلى 6-ئايدا ۋە 1987-يىلى 6-ئايدا ئۇدا باش ۋەزىر بولغان.
   1990-يىلى 11-ئايدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 
   1992-يىلى 6-ئايدا ئۆمۈرلۈك ئاقسۆڭەك بولۇپ تەيىنلەنگەن. 
   1993-يىلى 5-ئايدا ۋېلليام ــ مارىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ 21-نۆۋەتلىك پەخرى مۇدىرى بولغان. 
   2005-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 80 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن، سىياسىي ساھەدىكى دوستلىرى بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى دوستلىرى بولسۇن ھەممىسى كېلىپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەن.
ساچىر خانىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن ‹‹دوۋرىڭ كوچىسىدىكى كۈنلەر›› بار بولۇپ، بۇ ئەسىرى ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ ـــ ‹‹گارتېر چەۋەنداز ئوردېنى››غا ئېرىشكەن. 
   ئەنگلىيە نوپۇزلۇق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى لورد سپايكېرنىڭ يېڭى كىتابى ـــ ‹‹سپايكېرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى››دە خاتىرىلىنىشىچە، ساچىر خانىمنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئېرى دېنىس باشتىن-ئاخىر ئۇنى قوللاپ كەلگەن. ئەمما دېنىس 2003-يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تازا ياخشى بولماي قالىدۇ. ساچىر خانىم ھازىر ياشىنىپ پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغلى مارك ئالتە ھەپتىلەردە بىرەر قېتىم ئاپىسىنى يوقلاپ كېلىدۇ، قىزى كارول بەزىدە نەچچە ئايلارغىچە ئاپىسىنى يوقلاپمۇ كەلمەيدۇ. ساچىر خانىم ئىلگىرى: ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇغىلى بولغان بولسا، ئائىلىسى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ سىياسىي بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى