پوۋېست: قارا يۈرەك - 2 (داۋامى بار)
-
پوۋېست: قارا يۈرەك - 2 (داۋامى بار)
ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 4172 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قارا يۈرەك (2)( پوۋېست )ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزانتەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى2بۇ يىل قىش بالدۇر كېلىپ، 12 - ئاي كىرە - كىرمەيلا ھاۋا - جاھان سوۋۇپ كەتتى. ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا سوغۇق خېلىلا كۈچىنى كۆرسىتىدىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ساۋۇت ساختا خېلى بۇرۇنلا ‹‹قار ياغقاندا قۇشقاچ تۇتۇش›› نىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئاياغ جازىلىرىنى ھەر خىل پاسۇندىكى ئەرزان باھالىق قىشلىق ئاياغلار بىلەن تولدۇرۇۋەتتى.كۈنلىرى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدىلا ئۆتىدىغان، پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق نومۇسسىزلىق، پەسكەشلىك، يالغانچىلىق، ساختا قەسەم قىلىشتىنمۇ يانمايدىغان، ساۋۇت ساختا ئۈچۈن بۈگۈن ‹‹قۇشقاچ تۇتۇش›› نىڭ راستىنلا ئوبدان پۇرسىتى كەلگەن ئىدى.كېچىچە ياغقان قار پۈتكۈل ئالەمنى ئاق لىچەككە ئورىغان، كائىنات مۇزدەك قاتقان ئىدى. لېكىن، ئاپپاق قار ساۋۇت ساختىنىڭ قەلبىدىكى قارا زېمىننى ئاقارتالمىغان، ئەكسىچە يۈرىكىنى مۇزدىنمۇ بەكرەك قاتۇرۋەتكەن ئىدى. يېزىدا ئاران – ئاران تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان قانچىلىغان نامراتلار قىشنىڭ بالدۇر كېلىپ قالغانلىقى، سوغۇقنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشلىنىپ، قىز - ئوغۇللىرىنىڭ كام – كۇتىسىنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ، قانداق قىلىپ قىشنى ئامان - ئېسەن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدا بېشى قېتىۋاتسا، ئەكسىچە ساۋۇت ساختا ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇۋاتاتتى. ئۇ ئەزەلدىنلا كۈننىڭ دائىم مۇشۇنداق جۇدۇنلۇق بولۇشىنى تىلەيتتى. شۇنداق بولغاندىلا ئاياغلىرىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ قىممەت باھادا ساتالايتتى. بىرلىرى نەچچە ھەسسە قىممەت ئېلىش بەدىلىگە نېسىگە بېرىشنى ئۆتۈنۈپ يېلىنىپ - يالۋۇراتتى، يەنە بىرلىرى نائىلاجلىقتىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ قويۇشقا ماقۇل بولاتتى. ساۋۇت ساختىنى ھوزۇرلاندۇرىدىغىنىمۇ مانا مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەر ئىدى.ئۇ ئالدىراپ ئۆيىدىن چىقىپ، قۇلاقچىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ، قايسىدۇر بىر خەلق ئاھاڭىغا ئالا - تاغىل غىڭشىغىنىچە تېخى ھېچكىم ئىز سېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئاپئاق قارلارنى غىرىسلىتىپ دەسسەپ دۇكىنى ئالدىغا كەلدى ۋە ‹‹بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم›› دەپ قۇلۇپقا ئاچقۇچ سالدى. ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ئۆزىگە پارە قىلىپ قۇيدۇرغاندەكلا ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، يوغان قورساقلىق، بودەككىنە چۆيۈن مەشكە ئوتۇننى بولۇشىغا تىقىپ ئوت ياقتى، كۆمۈرنىڭ سەرخىللىرىنى تاللاپ سېلىپ قويۇپ سۈپۈرگىنى قولىغا ئالدى.ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرۈپ بولۇپ كىرگەندە، دۇكان ئىچى خېلىلا ئىللىپ قالغان ئىدى. ئۇ قولىنى مەشكە بىردەم قاقلىۋالغاندىن كېيىن، دەسمالنى ئېلىپ پۇكەي، مال جازىلىرىنى تۈجۈپىلەپ سۈرتتى. ئادىتى بويىچە تۈۋى تېشىلىپ كەتكەن كونا لېگەنگە مەشتىن چوغ چۈشۈرۈپ، ئۈستىگە ئادراسمان ئۇرىقى، ئارچا يۇپۇرمىقى سېلىپ، نېمىلەرنىدۇر پىچىرلىغىنىچە دۇكاننىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىنىمۇ قويماي ئىسرىق سېلىپ چىقتى. ئاندىن ئاياغ جازىسىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ھەرخىل پاسۇندىكى ئەڭ ئەرزان ئاياغلارنى تاللاپ يالتىراق خالتىغا قاچىلاپ، رەڭگى، نومۇرى، پاسۇنى بويىچە ئايرىپ، ئۆزى پىششىق بىلىدىغان قىلىپ، جاي - جايىغا قويۇپ ئالدىن تەييارلاپ قويدى. يەنە قايسىبىر ئىشنى خىيال قىلىپ تۇرغىنىدا، تونۇشلا بىر ئاۋاز قۇلىقىغا ئاڭلاندى:— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ساۋۇت باي ئىنىم، تىنچلىقمۇ؟ بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئېچىپسىزغۇ دۇكىنىڭىزنى، تېخى ئاچمىغان بولسا ئۆيىگىلا بارارمەن، دەپ خىيال قىلىپ كېلىپ بېقىۋىدىم، - بوسىغىدىن ئاتلا - ئاتلىمايلا جاۋىلداپ كىرگەن ئايال ساۋۇت ساختىنىڭ مەرھۇم چوڭ ئاكىسىنىڭ ئايالى ئىدى.— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام يەڭگە، قەدەم مۇبارەك، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە كۆرۈشمىگىنىمىزگىمۇ ئۈچ - تۆت ئاي بوپتۇ مانا، ئوبدان تۇرۇۋاتامسىز؟ ئۆي ئىچى تىنچلىقتۇ؟ - ساۋۇت ساختا قولىدىكى ئىشنى قويۇپ مەشنىڭ يېنىغا كەلدى،- قېنى كېلىڭ، سوغۇقتا مۇزلاپ كەتكەنسىز، ئاۋۋال ئىسسىنىۋېلىڭ.— سىزنىڭمۇ بالا - چاقىڭىز تىنچلىقتۇ؟ بىزمۇ شۇ بىر كۈن ئاچ، بىر كۈن توق دېگەندەك كۈننى كۈنگە ئۇلاپ قەدىر ئەھۋال ئۆتۈپ كېتىۋاتىمىز، ئىنىم. بىر ئۆي دېگەننىڭ غېمى تۈگىمەيدىكەن، بىرسىگە تاپساڭ بىرسىگە يوق، بىرسىنى يامىساڭ بىرسى يىرتىلغان، رەھمەتلىك ئاكىڭىز بولغان بولسىغۇ بۇنچىۋالامۇ قىينىلىپ كەتمەس ئىدۇق، - ئايال ئېغىر ئۇھسىندى. ‹‹ئاياغ سېتىۋالغىلى كەلدىمىكىن دېسەم، ئەتىگەندە پۇل سوراپ كەلدىمۇ نېمە، بۇ تىجىمەل›› دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ساۋۇت ساختا، شۇنداقتىمۇ مەقسىتىنى ئېنىق بىلىپ باقماقچى بولدى.— يەڭگە، ئەتىگەندە تويغا چىللاپ كەلدىڭىزمۇ ياكى؟...— ئادەمنى مازاق قىلمىسىڭىزچۇ ئەتىگەندە، بىزدەك كەمبەغەللەرگە توي نېمە ئىش قىلسۇن بۇ قەھرىتان كۈنلەردە، تويمۇ سىلەردەك بايلارغا يارىشىدىغان بولۇپ كەتتى. مۇنداق ئىش ئىدى: ئۆيدە ئازراقمۇ كۆمۈر قالماپتىكەن، - گەپنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغىچە ساۋۇت ساختىنىڭ يۈرىكى جىغلا قىلدى، ‹‹مانا دېمىدىممۇ، ئىت پوق يېمەستە پۇل سوراپ كىرگەن گەپ››دېگەن خىيال كۆڭۈل ئېكرانىدىن غىل - پاللا ئۆتتى - دە، چىرايى تۇتۇلدى، - قاراپ ئولتۇرساق توڭلاپ قالغۇدەكمىز، شۇڭا غوپۇرجان ئوغلۇم غەيرەتكە كېلىپ خاڭدىن بىر ھارۋا كۆمۈر ئەپكېلىشنىڭ تەرەددۈتىنى قىلغان ئىكەن، قارىسام ئايىغى بەكلا ئەسكىرەپ كېتىپتۇ، شۇنداقلا يولغا سېلىپ قويسام پۇتلىرىنى ئۈششىتىپ قويغىدەك، شۇڭا دۇكىنىڭىزدىن مۇۋاپىق كەلگۈدەك ئاياغدىن بىرنى ئېلىپ بېرەيمىكىن، دەپ كەلگەن.ساۋۇت ساختىنىڭ كۆڭلى ئەمدى بىر ئاز ئىزىغا چۈشكەندەك بولۇپ، قىشنىڭ ئاسمىنىدەك تۇتۇق چىرايى بىردىنلا يېڭى گۆشنىڭ شورپىسىدەك ۋىلىلداپ ئېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە يەنىلا نېمىدىندۇر تەشۋىشلىنىۋاتقاندەك خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىۋاتاتتى.— ياخشى بوپتۇ، ئوغۇل بالا دېگەن شۇنداق بولمامدۇ، جاپا تارتسىمۇ ئۆينىڭ غېمىدە بولۇۋېتىپتۇ مانا. خېلى چىداملىق، غەيرەتلىك ئادەم بولدى جۇمۇ غوپۇرجان، سوغۇقتا توڭلىسىمۇ بىر – ئىككى ھارۋا كۆمۈر چۈشۈرۈۋالسا قىشمۇ چىقىپ كېتىدۇ، دېگەن گەپ، ھە، قانداقراق ئاياغ ئېلىپ بېرەي دەۋاتىسىز؟— قاراڭ، بىز كەمبەغەللەرگە قانداق ئاياغ بولماقچىدى، پۇلى ئەرزان، ئۇزاقراق پايلىغىدەك پىششىق ئاياغ بولسىلا بولدى، ئۆزىڭىز بىلىپ تاللاپ بەرمەمسىز.— شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىز بىر كۆرۈپ بېقىڭ، ماۋۇ خىلدىكىسى سەل قىممەترەك، ماۋۇ خىلدىكىسى سەل ئەرزان ھەم پۇختا، ماۋۇ خىلدىكىسىمۇ خېلى ئەرزان، كۆركەم، سىزنىڭچە؟...— قىممەترەك بولسىمۇ، ئۇزاقراق پايلايدىغىنىنى ئېلىپ بېرەيمىكىن.— نەچچىنچى نومۇرلۇق بولسا بولىدىكەن؟— 42 -، 43 - نومۇرلۇق بولسا بولىۋېرىدۇ دېگەندەك قىلغان، يەنە بىر گەپنى ئالدىن دەۋالاي: ھازىر نەق پۇل بېرەلمەيمەن، دەپتىرىڭىزنىڭ ئوڭ بېتىگە يېزىپ قويۇپ تۇرۇڭ، كېلەر ئايلىق ‹‹دىباۋ ئىش ھەققى›› چىققان ھامان بېرىۋېتىمەن.ساۋۇت ساختىنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى، يۈزلىرى تاتاردى، ئاياغ تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى تىترەپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاۋازىنى سىيلىق چىقىرىپ:— ماڭا قايلاڭ يەڭگە، سىزمۇ سودىگەرنىڭ قائىدىسىنى ئوبدان بىلىسىز، بىزدە ‹‹ئەتىگەندە نېمە يېسەڭ، كەچكىچە شۇ›› دەيدىغان گەپ بار، مەن تېخى دەسلەپمۇ قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ نېسىگە ئاياغ بېرەلەيمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دېگەن 42 -، 43 - نومۇرلۇق ئاياغدىن بىرسىمۇ يوق دەڭا، تۈنۈگۈنلا سېتىلىپ بولغان.— ماڭا قايلاڭ ئىنىم، مەن سىزگە تاغدەك ئىشىنىپ ئەتىگەندە ئالدىڭىزغا كەلدىم، مەن دېگەنلىرىدىن بولمىسا باشقىچىراقلىرىدىن بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ، مەن يا پۇلىنى بەرمەيمەن دېمىدىمغۇ ئاخىر، مېنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭ، جىيەنىڭىزگىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، ئۇ سىزنى بەكلا چوڭ بىلىدۇ. يېتىمنىڭ بېشىنى سىيلاپ قويسىڭىز ساۋاپ بولار، ئوقىتىڭىز تېخىمۇ روناق تاپار ئىلاھىم. مەرھۇم ئاكىڭىز ھايات بولغان بولسىغۇ ئايىغىڭىزنىڭ پۇلىنى نېسى قىلماس ئىدى، مەرھۇمنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ... - ئايال گەپ قىلالماي قالدى.ساۋۇت ساختا يەڭگىسىنىڭ يول - يول قورۇق باسقان نۇرسىز مەڭزىنى بويلاپ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك دومىلاپ چۈشۈۋاتقان كۆز ياشلىرىغا پەرۋا قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇ تاپتا پۈتكۈل ئەس - يادى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپرەك پۇل تاپارمەن، دېگەن شېرىن خىيالنىڭ ئىسكەنجىسىگە بەند بولغان ساۋۇتنىڭ قەلب خانىسىدا تويماس نەپسىنىڭ قارا كۆلەڭگۈسى ئەگىپ يۈرەتتى. بۇ قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭ ئىنساپ - ئەقىدە، مېھرى – شەپقەت قالقانلىرىنى ئۆتمىتۆشۈك قىلۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدەك پۇل ۋە ماددىي مەنپەئەتنىلا چۈشەيدىغان نەپسى بالالار ھەمىشە ئىپلاس خىياللارنىڭ قاينىمىدىلا ياشايدۇ، ياخشىلىق، ئىنسانىيلىق، ئۇرۇق – تۇغقان، قوشنا - قولۇم، ھەتتا ئاتا - ئانا دېگەنلەر خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە بۇنداق ئۇقۇملار ئاللىقاچان يوقىلىپ كەتكەن. ھەتتا ئۇ بىرەر ئاجىز - ئورۇق بەندە ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ يېتىپ قالسىمۇ، ئامالسىزلىقتىن ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ سەكراتقا چۈشۈپ قالسىمۇ پەرۋايىغا ئالماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل ئالدىدا باشقا ھەر قانداق نەرسە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى.— خاپا بولماڭ يەڭگە، مەن راستىنلا قاقپودا نېسىگە ئاياغ بېرەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن دېدىمغۇ سىز دېگەن ئاياغلار يوق دەپ، مېنى خىجىل قىلىپ ئىت پوق يېمەستە سوغۇق بۇرۇن قىلماي، باشقا دۇكانلارنى كۆرۈپ بېقىڭ! - ساۋۇت ساختا ئېلىپ كۆرسەتكەن ئاياغلارنى جايىغا تىزىپ قويۇپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى.بىچارە ئايال قايتا يالۋۇرۇپ - يېلىنىپمۇ كەتمىدى، باشقىلارغا ئوخشاش ‹‹نەپسىڭگە بالا تېگەر، دۇكىنىڭغا ئوت كېتەر ئىلاھىم...›› دەپ قارغاپمۇ كەتمىدى، ئەكسىچە ‹‹قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھ كۆڭلۈڭگە ئىنساپ بەرگەي ئىلاھىم›› دەپ چىن دىلىدىن خەيرلىك تىلەپ، ئۈن - تىنسىزلا دۇكاندىن چىقىپ كەتتى. ساۋۇت ساختا خۇددى زەھەرلىك چۆپ يەۋالغان قويدەك خامۇش بولۇپ قالدى. قولى ئىشقا بارمىدى. خىياللىرى چېچىلدى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا تونۇشلا بىر چىراينىڭ دۇكانغا كىرىشى بىلەن ئېسىنى يىغدى:— خۇش كەپسىز مېھمان، سىزگە قانداقراق ئاياغ لازىمكىن؟— ماڭا ئەمدى سىزنىڭ ئايىغىڭىز لازىم ئەمەس، پۇل لازىم، پۇل! ماۋۇ ‹‹ھەقىقىي خۇرۇم›› ئايىغىڭىزنى ئېلىپ، 90 كوي پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ، - ئاچچىقتىن چىرايى تامدەك تاتارغان خېرىدار تۇمشۇقى تومۇز ئىسسىقتا قاغجىراپ كەتكەن ئۆردەكنىڭ تۇمشىقىدەك ئېچىلىپ تۇرغان ئاياغنى پۇكەينىڭ ئۈستىگە تاشلىدى.— ئاچچىقلانماڭلا بۇرادەر، بۇ ئاياغنى مۇشۇ دۇكاندىن ئالغانما؟ - ھېچنېمىنى بىلمىگەندەك پەرۋاسىزلا سورىدى ساۋۇت ساختا.— نېمە دېگىنىڭلار ھوي، بۇ؟ ئادەمنىڭ خۇرۇجىنى ئۆرلىتىپ، تېخى ئۈلۈشكۈنلا ئالەمدىكى ئېسىل گەپلەر بىلەن داڭلاپ ساتقانتىڭلارغۇ؟— شۇنداقمۇ؟ ئالەرمەنلەر كۆپ بولغاچ ئېسىمدە قالمىسا كېرەك، لېكىن بىزنىڭ دۇكاندا بۇنداق ئاياغ باردەك قىلمايتتى... خوش، نېمە دېمەكچى سىلى؟ ئوچۇقراق دەڭلار قېنى.— نېمە دېمەكچىدىم، ‹‹ئىللا بىللا ھەقىقىي خۇرۇم›› دەپ قەسەم ئىچىپ ساتقان ئايىغىڭلار ساختا چىقىپ، ئۈچ كۈن بولمايلا تۇمشۇقى ئېچىلىپ قالدى مانا ، ئايىغىڭلىنى ئېلىپ پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار.— نەدە شۇنداق لاي – پاتقاقتا شالاقلىتىپ كېيىپ بەش پارچە قىلىۋەتكەن ئاياغنى ياندۇرۇپ ئالىدىغان ئىش بار؟ ياندۇرماقچى بولساڭلار شۇ كۈنى كەلسەڭلار بولمامدۇ؟ مەن يا سىلىگە زورلاپ ساتمىسام يا قاراڭغۇ كېچىدە ساتمىسام، ئۆزۈڭلار كۆرۈپ، رازى بولۇپ ئالغان تۇرۇقلۇق، بۇ كۈن بولغاندا ئېلىپ كەلسەڭلار قانداق بولغىنى؟ قاملاشمىغان گەپ بولدىغۇ بۇ؟! ماڭا قاراڭلار مېنى تولا نوي - نوي قىلماي ئاۋۇ ياماقچىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ چىرايلىق يامىتىپ كېتىڭلار جۇما؟ ئا...تە !— نېمە، پۇلنى ياندۇرمامسىلە؟! بۇنداق قىلىشمىساق بولارمىكىن؟ بولمىسا ھېلىلا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدە كۆرۈشۈپ قالارمىزمىكىن! - خېرىدار ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، گۈرەن تومۇرلىرى قاسساپ سىيرىۋاتقان قوينىڭ ئازراقلا تېگىپ قويسا ۋارتلا قىلىپ يېرىلىپ ئىچىدىكى ھەرەندە - چەرەندىلەر چاچراپ چىقىپ كېتىدىغان ئۈچىيىدەك كۆپكەن ئىدى.— شېرىن چۈش كۆرۈپ قاپسىلەر جۇما سىلى، ماڭا قايلاڭلا، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىچۇ، ئاۋۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ يېنىدىكى بازار باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ ئىچىدە، تېزرەك بېرىڭلا!— كۆرسىتىپ قويمىساڭلىمۇ ئېنىق بىلىمەن، قېنى كۆرۈشۈپ قالارمىز تېخى، - خېرىدار كۆڭلى ئەسكى بولغان ھالدا دۇكاندىن چىقىپ كەتتى. ‹‹پوپوزىسىنى كۆرۈڭ، ماۋۇ سولتەكنىڭ، نەگە بارسا بارمامدۇ؟ ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدىكىلەر مېنى نېمە قىلالايتتى، جاجىسى يەنە ئۆتكەنكىدەكلا بىر پاقلاننىڭ كاۋىپى تايىنلىق، نەچچە يىلنىڭ بېرى سېنىڭدەكلەردىن نەچچىنى يولغا سالغانمەن، قورقۇپ قالىدىغاندەك...›› ساۋۇت ساختا ئۆز - ئۆزىگە غۇدۇرىدى. بىر تۇرۇپ بازار باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ يېڭىدىن ئالمىشىپ كەلگەن باشلىقى بىلەن تېخى تۈزۈكرەك تونۇشۇپ قويمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىپ بىرئاز ئەنسىرەپمۇ قالدى. تۇرۇپلا يەنە ‹‹نېمىگە بۇنچە ئەنسىرىگۈلۈك، يېزا باشلىقى دولقۇنجان تېخى ھاياتقۇ؟ ئۇ ئوتتۇرىغا چىقسا كىم بىر نېمە دىيەلەيتتى›› دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ خاتىرجەملىنىپ قالدى.ئىشقىلىپ بۈگۈن كۈن ئىلگىرىكىدەكلا شەرقتىن چىقسىمۇ، ئەمما ساۋۇت ساختا ئۈچۈن خۇددى غەربتىن چىققاندەكلا نەس كۈن بولدى. ئەتىگەندىلا مۇزدەك قاتقان يۈرىكى تا كەچكىچە ئىللىمىدى، زەئىپ روھى بىرئاز بولسىمۇ كۆتۈرۈلۈپ باقمىدى. ‹‹ھەممىسى شۇ نەس خوتۇننىڭ كاساپىتى، ئەتىگەندىلا سوغۇق بۇرۇن قىلىپ...›› دەپ غۇدۇراپلا تۇردى. ئۇنىڭغا بۈگۈن كۈن بەك تەستە كەچ بولغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.داۋامى بارمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مەشھۇر نۇتۇق: مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار
2015-02-08 16:41:233966‹‹60 ›› ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
2015-02-28 00:49:235324ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
2015-07-26 00:41:424146بىلىشكە تېگىشلىك دوستلۇق مىزانلىرى
2015-07-21 13:18:483745ئامېرىكا پارلامېنتىدا كىملەر نۇتۇق سۆزلىيەلەيدۇ؟
2016-06-27 13:17:171103نامراتلىقتىن مىليونېرلىققىچە بولغان يەتتە باسقۇچ
2015-11-27 01:36:254979بىل گايتسنىڭ باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان 17 ئىشى
2016-02-07 18:01:316105داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (14)
2015-03-01 22:27:483539
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-