نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نامراتلىقتىن مىليونېرلىققىچە بولغان يەتتە باسقۇچ

نامراتلىقتىن مىليونېرلىققىچە بولغان يەتتە باسقۇچ

ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 4977 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نامراتلىقتىن مىليونېرلىققىچە بولغان يەتتە مۇھىم باسقۇچ

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


مەن نېمىشقا بېيالمايمەن، بۇ زادى نېمىشقا؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدىن مۇشۇ مەسىلىنى سورىشىدۇ. بۇ ئادەملەر دائىم باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان، ياخشى تەربىيە ئالغان، يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەردۇر. ئۇنداقتا، نېمىشقا بايلارنىڭ پۇللىرى يەنىلا ئاز؟
<<مىليونېر قوشنام>> ناملىق كىتابتا 500 دىن ئارتۇق مىليونېرنىڭ شەخسىي سۆھبىتى ۋە كوللېكتىپ سۆھبەتلىرى، شۇنداقلا نەچچە مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى قىممەتتىكى بايلىق ياكى يۇقىرى كىرىملىكلىكلەرگە قارىتا يازمىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.
بايلىق ئادەمنىڭ چىن قەلبىدىن كېلىدىغان بىر خىل ئىدىيەۋى ھالەتتۇر. بارلىق بايلىقلارنىڭ مەنبەسى ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى بولۇپ، پوزىتسىيە ئادەمنىڭ نامرات ۋە باي بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

تۆۋەندە نامراتلىقتىن مىليونېرلىققىچە بولغان يەتتە باسقۇچنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

بىرىنچى، تېجەشلىك بولۇش، بايلارنىڭ خەجلەيدىنى تاپىدىغىنىدىن ئاز بولىدۇ.


بەزىلەر نامراتلىق بىلەن بايلىق قاراشتا پەقەت باشقىلارنىڭ قانداق يېمەكلىق، ئىچىملىك، كىيىم، سائەت ۋە ماشىنا قاتارلىقلارنى تاللىغانلىقىغا قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، پۇلدارلار يۇقىرى ئىستېماللىق بۇيۇملارنى تاللىشى كېرەككەن. ئەمما، قىممەت بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش بايلىققا ئېرىشىشتىن كۆپ ئاسان. ۋاقىت ۋە زېھنىنى ھەشەمەتچىلىككە قاراتقاندا، ئېرىشىدىغىنى ھەمىشە ناچار ئىقتىسادىي ھالەت بولۇپ قالىدۇ.
ئۈچ سۆز ئارقىلىقلا بايلارنى سۈپەتلىگىلى بولىدۇ. ئۇ ئۈچ سۆز قايسى؟
ئۇ «تېجەشلىك، تېجەشلىك، يەنە تېجەشلىك بولۇش»تىن ئىبارەت.
بۇ ئۈچ مەسىلىنى ئويلاپ باقايلى:
ئاتا-ئانىڭىز تۇرمۇشتا تېجەشلىكمۇ؟ جاۋابى: چوقۇم شۇنداق.
سىز تۇرمۇشتا تېجەشلىكمۇ؟ جاۋابى: چوقۇم شۇنداق.
سىزنىڭ جۆرىڭىز تۇرمۇشتا تېجەشلىكمۇ؟ جاۋابى: چوقۇم شۇنداق.
ئاخىرقى بىر سوئالنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، ناۋادا مۇھەببەتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئادەم توي قىلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ھەرگىز بېيىپ بولالمايدۇ، بىر تەرەپتىن پۇلنى بۇزۇپ چېچىپ، بىر تەرەپتىن بىنا سالالايدىغان ئادەملەر يوق دېيەرلىك.

ئەلۋەتتە، پەقەت تېجەشلىك بولۇشلا سىزنى پۇلدىن ئۈزۈپ قويمايدۇ.


ئىككىنچى، ۋاقىتتىن، زېھنىدىن ۋە پۇلدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، بايلىق يارىتىش


ئۈنۈم بايلىق جۇغلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى. نۇرغۇن كىشىلەر بېيىشنى ئويلايدىيۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر زۆرۈر بولغان ۋاقىت، زېھىن ۋە پۇلنى چىقارماي تۇرۇپ، نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ.
بايلارنىڭ ھەر ئايدىكى پىلانلىق مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى نامراتلارنىڭ بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ، بايلار ئادەتتە ھەر ئايدا 8.4 سائەت ئۆزىنىڭ مەبلەغ ۋە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلايدۇ، ئادەتتىكى ئادەملەر بۇ ئىشقا ھەر ئايدا پەقەت 4.6 سائەتلا ۋاقىت ئاجرىتىدۇ. ئۇنداقتا سىزچۇ؟
سىزدىن يەنە ئۈچ مەسىلىنى سوراپ باقايلى:
سىز نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىزنى پىلانلىماقچىمۇ؟ جاۋابى: شۇنداق.
ئۆزىڭىزنىڭ مەبلىغىنى باشقۇرغۇدەك يېتەرلىك ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ جاۋابى: شۇنداق.
ئىشلارغا ۋاقتىڭىزنى تەقسىملىگەندە، مەبلەغ باشقۇرۇش ھەمىشە باشقا پائالىيەتلىرىڭىزنى ئالدىدا تۇرامدۇ؟ جاۋابى: شۇنداق.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىكى پاراۋانلىقتىن ئەنسىرەيدىغان ۋاقتى بەكمۇ ئاز بولىدۇ. ئەكسىچە، نامراتلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا باش قاتۇرىدىغان ۋاقتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما چارە تېپىپ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى بەكمۇ ئاز بولىدۇ.
بايلار ئاز دېگەندىمۇ % 15 كىرىمىنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىدۇ. ئۇلار پۇل خەجلىگەندە ئىستېمالنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار پۇللىرىنى نەگە خەجلەشنى ھەمدە خاتىرىلەشنى بىلىدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن، تەكشۈرۈشتىكى %95 مىليونېرلارنىڭ ھەممىسى پاي چېكى بار، نۇرغۇن بايلارنىڭ ئاشكارا سودا قىلىدىغان پاي چېكى بار. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى پاي چېكى بازىرىنىڭ كۈندە ئۆزگىرىۋاتقان ئۆرلەش ۋە چۈشۈشىنى قوغلىشىپ كەتمەيدۇ.


ئۈچىنچى، قۇرۇق سۆلەت بەگزادە بولۇشتىن، پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇستەقىللىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ.


ئوتتۇراھال ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىليونېرلارنىڭ قىممەت باھالىق كىيىملىرى، قول سائەتلىرى ۋە باشقا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى بىلدۈرىدىغان بۇيۇملىرى بار، دەپ قارايدۇ، ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس.
نۇرغۇن بايلار پۇل تاپقاندا، پۇلنى قىممەت نەرسىلەرگە خەجلىمەيدۇ، بەلكى مەبلەغ سالىدۇ. جۇغلاپ بايلىق يارىتىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر پۇل جەھەتتىن مۇتلەق مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ باقمىغان، يۇقىرى كىرىمنىڭ بولۇشى پۇل جەھەتتىن مۇستەقىل بولغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇنىڭدا چوقۇم پىلانلىق ئىشلەش ۋە قۇربان بېرىش كېرەك.
سىزدىن تۆت مەسىلىنى سوراپ باقايلى. سىز بۇ مەسىلىلەرگە «ھەئە» دېيەلەمسىز؟
ئائىلە ئىقتىسادىڭىز بىر يىللىق خامچوت بويىچە يۈرۈشۈۋاتامدۇ؟
ئائىلەڭلەرنىڭ ھەر يىللىق چىقىملىرى قانچە پۇل بولۇۋاتىدۇ؟
ئائىلەڭلارنىڭ كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، يىللىق ۋە ئۆمۈرلۈك نىشانىنى شەرھىيەلەپ بېرەلەيدىغان سىستېما بارمۇ؟
نۇرغۇن ئادەتتىكى كىشىلەر خىزمەت بىلەنلا ئۆزىنى قامداشقا كۆنۈپ كەتكەن، بۇنداق ئادەملەر بەلكىم يۇقىرى كىرىملىكتۇر، ئەمما ئۇلار بۇ پۇللارنى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئىشلىتىدۇ، مەسىلەن: قىممەت بۇيۇملارنى، ھەشەمەتلىك ماشىنا، داڭلىق سائەت، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدۇ. يېنىڭىزدا بۇ خىلدىكى «بايلار»دىن قانچىسى بار؟

ئۇنداقتا، سىز ھەقىقىي باي بولماقچىمۇ ياكى بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان ئادەم بولماقچىمۇ؟


تۆتىنچى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەيدۇ.


سىز مىليونېرلارنى «ھەسەل كورىسى»غا تۇغۇلغان دەپ ئويلامسىز؟
ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، بايلارنىڭ %80 ى باي ئائىلىدە تۇغۇلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇنجى مىليون پۇلىنى ئۆزلىرى تىرىشىپ تاپقان دېيىشكە بولىدۇ.
سىز تەڭرىنىڭ ئاسماندىن مىليونلاپ پۇل تاشلاپ بېرىشنى كۈتۈپ تۇرسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ مىليونېرغا ئايلانسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىز قايسىسىنى ئۈمىد قىلىسىز؟ بايلار دەل ئىككىنچى خىل قاراشنى تاللايدۇ. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بېيىش ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان قىلىدۇ ھەمدە بايلىق يارىتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇلار يەنە ئىككىنچى مىليون، ئۈچىنچى مىليونلارنى تاپالايدۇ.
مىليونېرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ باي-كەمبەغەللىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن بىر ئادەمنى چوقۇم باي ئائىلىدە تۇغۇلۇشى كېرەك دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە، ناۋادا بىر نورمال مۇھىتتىكى كىشى بايلىققا ۋارىسلىق قىلغاندىلا مىليونېرغا ئايلىنىدىغىنىغا ئىشەنسە، ئۇنداقتا ئۇ ئېنىقلا بېيالمايدۇ.

ھالبۇكى، 100 نەچچە يىللار ئىلگىرىكى ئەھۋال شۇنداق ئىدى. ستانلېي لېبېرگوت «ئامېرىكا ئىقتىسادى» ناملىق ژۇرنالدا، 1892-يىلى ئامېرىكىدىكى 4047 مىليونېر توغرىسىدىكى بىر قېتىملىق تەتقىقاتقا باھا يازغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ بايلارنىڭ % 84 ى بىراقلا بېيىپ كەتكەنلەر بولۇپ، ھېچقانداق ۋاسىتىسىزلا مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىپ، يۇقىرى قاتلامغا چىققان.


بەشىنچى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولىدۇ.
كىشىلەر ھەمىشە بايلارنىڭ بالىلىرى كىچىكىدىن يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولۇشى ناتايىن. ئىلگىرى بىر بالا بولۇپ، ئۇ 13 يېشىدا، ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئۆي ئېلىپ بەرگەن، يەنە ئۇنىڭغا ھەر كۈنى 50 دوللاردىن پارچە پۇل بەرگەن، ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ بالا ئاخىرىدا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقان ھەمدە ئوغرىلىق قىلىپ جازالانغان.

بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى يۇقىرى كىرىملىك، لېكىن بايلاردىن ئەمەس ئىدى، ئۇلار پەقەت بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولغان. ھەقىقىي بايلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئىقتىسادتا مۇستەقىل ئادەملەرگە ئايلاندۇرىدۇ، ئۇلار بالىلىرى نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بەرمەيدۇ، ئۇلار بالىلىرىنى كىچىكىدىنلا تېجەشلىك قىلىپ تەربىيەلەيدۇ.


ئالتىنچى، بازار پۇرسىتىنى ئىنتايىن توغرا چەنلەيدۇ.
سىز نېمىشقا باي ئەمەس؟ ئېھتىمال سىز بازاردىكى پۇرسەتلەرنى بايقىيالمىغانسىز.

بايلار ھەمىشە توختىماي پۇرسەت ئىزدەيدۇ، ئۇلار مەبلەغ سالغاندا توغرا مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى تاللاپ، ئۆز بايلىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ بارىدۇ.


يەتتىنچى، مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش
ئىلگىرى بىر دۆلەتلىك ئاخبارات ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق سورىغان: مىليونېرلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟
جاۋاب مۇنداق بولغان: «سىز بىر ئادەمنىڭ كەسپىگە قاراپ ئۇنىڭ كەلگۈسىدە مىليونېر بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايسىز.» بىر ئادەم ئۇ كىشىنىڭ باسقان قەدەملىرىنىڭ باي بولۇشقا قاراپ ماڭغان قەدەم ئىكەنلىكىگە جەزملەشتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
بەزى كەسىپلەردە باشقا كەسىپتىكىلەرگە قارىغاندا ئاسان پايدا ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇنى ياخشى تەكلىپ دېيىشكە بولمايدۇ.
ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بايلار ئۆزىگە نېمە كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە ماھىرلىقىنى بىلىدۇ. كەسىپ تاللاشتا مۇھىم بولغىنى ھاياتلىقتىكى تاللاش بولسا كېرەك، ئادەتتىكى كىشىلەر بىر مائاش ئالىدىغان كۈندىن يەنە بىر مائاش ئالىدىغان كۈننى تاللايدۇ، بايلار ئۆزى ماھىر ئىشلارنى قىلىدۇ ھەمدە ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدۇ.

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى