نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹‹60 ›› ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

‹‹60 ›› ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

ۋاقتى: 2015-02-28 ئاۋاتلىقى: 5380 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئىمتىھان ۋە سىرلىق سان ‹‹ 60 ›› ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

فىليەتۇن

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

    ھەممىمىزگە مەلۇم، بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۆزىگە چۇشلۇق مەنىسى،  سىر – ھېكمەتلىرى بار. چوڭقۇر سىر – ھېكمەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن سانلارنىڭ سىرى ھەم ئۇنىڭ ھېكمەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش تولىمۇ مۈشكۈل ھەم قىزىقارلىق ئىش بولسا كېرەك. تارىختا ھەر قايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ سانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىپادىلىگەن مەنىسى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقىنىغىمۇ ئۇزۇن زامانلار بولدى. شۇنداقلا بۇ ئايىقى چىقماس تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت ھەم نەتىجىلەرمۇ زور بولدى. بۇلارنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ سانلارنىڭ سىرى – ھېكمىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ ساھەدە ماڭا ئوخشاش دادىللىق بىلەن ئىزدىنىۋاتقان سانشۇناسلارنى بىىر ئوبدان تەييار ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. 
    ئەل – ئاغىنىلىرىمگە، تونۇش – بىلىشلىرىمگە مەلۇمكى، مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا چايناپ بەرگەن ناننى يېمەيدىغان، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاسانلىقچە ياراتمايدىغان،  جۈملىدىن ھەممە ئىشقا گۇمانىي نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان،  ھەر قانداق مۈشكۈل شارائىتتىمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا تولىمۇ ماھىر بىر زىيالىي بولغاچقا، خەق دەپ بولغاننى يەنە ئەزۋەيلەشنى، خەق قىلىپ بولغاننى يەنە دوراپ قىلىشنى، مۇنداقچە ئېيتسام تەييارغا ھاييار بولۇشنى ئۇچىغا چىققان تىرىكتاپلىق، پەسكەشلىك، ئۆزۈمىنڭ ئىناۋىتىنى ئۆزۈم شىددەت بىلەن يەرگە ئۇرغانلىق دەپ ھېسابلىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن،  بىر يېڭىلىق يارىتىپ باقاي دېگەن مەقسەت – مۇددىئالار بىلەن ھاياتىمدىكى تۇنجى تەتقىقاتىمنى دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر ئالىم،  سانشۇناس تېخىچە نەزەر كۆزىنى سېلىپ باقمىغان بىزنىڭ ئىمتىھانلىرىمىزدىكى سىرلىق سانلىرىمىزنى تەتقىق قىلىشتىن باشلاشنى مۇۋاپىق تاپتىم. 
    مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بولغان 17 يىللىق مەكتەپ بىلەن ھەپىلىشىش ھاياتىمدا،  ئاز بولمىغان بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئىگە بولۇشۇم مېنىڭ سان ساھەسىگە كىرىپ قېلىشىمنىڭ تۇنجى قەدىمى بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. مەن 11- ئەسىردە ياشاپ ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىيچە روھ ۋە ئىرادە بىلەن، 17 يىل توختىماي، ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىزنىڭ يادلاشنى ئاساس قىلغان تۇرغۇن مائارىپىمىزدا، جۈملىدىن ھەر تۈرلۈك ئىمتىھان ۋە سىناقلىرىمىزدا بىزنىڭ كۆزىمىزنى غەلەت قىلىپ پارازىتلارچە ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ساننىڭ بارلىقىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بايقىۋالدىم. بۇ سان بىزنىڭ چوڭ – كىچىك تەقدىر بەلگىلىگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىمتىھانلىرىمىزنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىپ، ھەممىمىزنى ساراسىمىگە سېلىپ كەلمەكتە.  بۇ سان بىر،  ئىككى، ئۈچمۇ ئەمەس. خەنزۇلار ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۆتمۇ ئەمەس. توققۇز، ئونمۇ ئەمەس. ياۋرۇپالىقلار قورقىدىغان 13 مۇ ئەمەس.  40، 50 تېخىمۇ ئەمەس. 95، 100 غۇ ئەسلا ئەمەس. ئۇنداقتا بۇ سىرلىق ھەم غايىبانە  سان زادى قايسى ساندۇر؟ بىز بۇ ساننى پەقەت دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا ئېلىپ قويۇپ قاتتىق ئويلانساقلا تېگىگە يېتەلەيمىز.  بۇ سان دەل بىزنىڭ يادلاشنى ئاساس قىلىپ كېلىۋاتقان تۇرغۇن مائارىپىمىزدا ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان، مائارىپىمىزدىن – مائارىپىمىزغا ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەپ كېلىۋاتقان خەتەرلىك ھەم مۇھىم تەسىرگە ئىگە چېگراۋىي سان، ھەتتا بەزىدە بىزنىڭ ئۆردىكىمىزنى ئۇيان، غېزىمىزنى بۇيان قىلىۋېتەلەيدىغان  قۇدرەتكە ئىگە ئىلاھى سان ‹‹ 60 ›› تۇر.  مەن مۇشۇ سىرلىق ھەم خەتەرلىك سان ‹‹ 60 ›› نى تەتقىق قىلىشنى ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ئىنسانىي بۇرچۇم، مائارىپىمىز تەرەققىياتىغا قوشقان بىر كىشىلىك ھەسسەم دېگەن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن، بۇ جىددىي خارەكتېرلىك تەتقىقاتىمغا بېشىمچىلاپ كىرىشىپ كەتتىم.  شۇڭا بۇ تەتقىقاتىمغا ‹‹ ئىمتىھان ۋە سىرلىق سان ‹ 60 › ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش ›› دېگەن ئۆزگىچە سەرلەۋىنى قويدۇم. 
    مەن مۇنداق خىيال قىلسام، ئاتا – ئانامنىڭ ‹‹جەننەتتىن چىققان كۆك تاياق،  يۈگۈرتىدۇ يالاڭئاياق›› دەپ مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي كالتەك، توقماق، مۇشت، پەشۋا، تىپىك،  شاپىلاق،  تەستەك ۋە ھەرخىل ئاھانەتلىك تىللار بىلەن تىللاپ قورقۇتۇپ مەكتەپكە سۈرگۈن قىلغانلىقى ئېسىمدە. مەن مەكتەپكە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مۇئەللىملىرىمىز بەزىلىرىمىزنى دەرستە ياخشى،  ئەقىللىق،  كاللىسى ئىشلەيدۇ، دەپ ماختاشقا ، بەزىلىرىمىزنى دەرستە ناچار، تومپاي تىلىمىز بىلەن ئېيتساق كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، دۆت، كالۋا دەپ ئەيىبلەشكە باشلىدى. كېيىن بىلسەم، دەرسلەردە بىر سۆزنىمۇ ئۇيان – بۇيان قىلماي شۇ پېتى يادلاپ بېرەلىگەنلەر،  سىناقلاردا،  ئىمتىھانلاردا ئىنجىقلاپ ، قىزىرىپ، تاتىرىپ يۈرۈپ 60 نومۇر ئالالىغانلار ياكى     60 تىن سەللا يۇقىرى نومۇر ئالالىغانلار ئەقىللىق، لاياقەتلىك سانىلىپ مۇئەللىم ۋە باشقىلارنىڭ ماختاش ۋە ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولىدىكەن. دەرسلەرنى يادلاشتا بىرەر سۆزنى ئۇيان – بۇيان دەپ قويغانلار،  
سىناق ۋە ئىمتىھانلاردا خۇددى كېسەك قۇيغاندەك ئۆلچەملىك، نەق جاۋابنى دەپ بېرەلمىگەنلەر،  جۈملىدىن يادلىۋالغان تەييار جاۋابتىن زەررىچە چەتنەپ كەتكەنلەر ‹‹60›› تىن ئىبارەت بۇ سۆيۈملۈك نومۇرغا ئېرىشىش شەرىپىدىن قۇرۇق قالىدىكەنمىز. شۇنداقلا لاياقەتسىز ھېسابلىنىپ دۆت، كالۋا، گومۇش،  پوقنى ئارىدىن ئىككى قىلالمايدىغان دۆرۈن،  دەرسكە دىققەت قىلمايدىغان ياغاچ قۇلاق دېگەندەك ئەشەددىي ناملارنىڭ سادىق ئىگىلىرىگە ئايلىنىپ قالىدىكەنمىز. ھەتتا بەزى كېچە – كۈندۈز كىرپىك قاقماي  ۋەتەننى،  مىللەتنى ئويلايدىغان ‹‹ئۇستازى زالىم بولسا، شاگىرتى ئالىم بولۇر›› دەيدىغان بۇ دەھشەتلىك ئەۋلاد تەربىيىلەش ئەنئەنىسىگە بەيئەت قىلىدىغان، كىنو چولپىنى چېڭلوڭغا ئوخشاش پۇت – قۇلى چاققان بىر قىسىم ئۇرۇشخۇمار مۇئەللىملىرىمىزنىڭ بالىلارنىڭ ئالدىدىلا پېشانىمىزغا نوقۇشلىرىغا،  قوڭلىرىمىزغا قاتتىق ئاياغلىرى بىلەن رەھىمسىزلەرچە تېپىشلىرىدىن ئىبارەت ئاچچىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىكەنمىز. بىز بۇ ئاچچىق قىسمەتلەرگە ماڭقىمىزنى ئېقىتىپ، مىشىلداپ يېغلاش بىلەن، بىزنى بۇ خىل قىسمەتلەرگە دۇچار قىلغان مۇئەللىملەرگە غۇم – ئاداۋەت ساقلاش بىلەن سۈكۈت قىلىپ تۇرىمىز. بىز بۇ قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشتىن ئۆزىمىزنى ھېچنەگە ئېلىپ قاچالمايتتۇق. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى بىزنىڭ ‹‹ئەقىللىق›› ياكى ‹‹دۆت›› لىكىمىزنى، جۈملىدىن ‹‹ساپالىق›› ياكى ‹‹ساپاسىز›› لىقىمىزنى ئۆلچەپ بېرەلەيدىغان مۇھىم چېگراۋىي ھەم ئىلاھى سان ‹‹60›› ئۆزىنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى بىزدىن تولىمۇ يىراقلارغا ئېلىپ قاچقانىدى. شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى،  بىزنىڭ يۇقىرىقىدەك دۆت، كالۋا، دۆرۈن، گومۇش دېگەندەك سېسىق ناملارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشىمىزدا، ئەڭ ئېچىنارلىقى ئۇرۇشخۇمار مۇئەللىملەرنىڭ پۇت – قوللىرىنى مەشىق قىلدۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن، بوكسيورچىلارنىڭ قۇم خالتىسىدەك قارا نىشانغا ئايلىنىپ قېلىشىمىزدا، جىمىكى پېشكەللىكنىڭ،  نەسلىكنىڭ ئانىسى بولمىش بالاخور  سان ‹‹60›› نىڭ گۇناھى - كىبرى خۇددى بېشىمىزدىكى چېچىمىزدەكلا كۆپ ، ئەلۋەتتە.
    يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ،جۈملىدىن سىنىپتىن سىنىپقا كۆچۈشىمىز، مەكتەپتىن مەكتەپكە يۆتكىلىشىمىز بىلەنمۇ ‹‹دەرستە ‹60› نومۇر ئالالىغانلار ئەقىللىق، ‹60› نومۇر ئالالمىغانلار دۆت ، كالۋا›› دەيدىغان، مائارىپىمىزدىكى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدىغان، بۇ ئىلمىي، نەزەرىيىۋى يەكۈننىڭ گۈزەل رۇخسارىغا  قىلچە نۇقسان يەتمىدى. ئەكسىچە ھۆسن – جامالى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ،  ئىلگىرىكىدىنمۇ رەڭدار قىياپەت بىلەن كۆز ئالدىمىزدا جۇلالاندى. بۇ ئاتالمىش ئىلمىي،  نەزەرىيىۋى يەكۈننىڭ ئىلمىي ۋە ماددىي ئاساسلىرى مائارىپ سېپىدىكى چوڭ – كىچىك باشلىقلارنىڭ ھەرخىل يىغىنلاردا شالۋىقىنى چاچرىتىپ، قۇرۇق پەتىۋا ئېتىشى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەمكەندى. ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش،  ئۇنىۋېرسال ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگەندەك گەپلەر خۇددى ئەسكى چاپاننى چۆرۈپ تاشلىغاندەك يىراقلارغا چۆرۈپ تاشلاندى. بىزنىڭ دەۋر تەلىپىگە ماسلاشقان ھالدا ئەتراپلىق ئىلىم – تەھسىل قىلىپ ۋەتەنگە،  مىللەتكە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت،  ئاجايىپ پاك ھەم ساپ ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز خۇددى يېتىم بالىدەك، ھەتتاكى كوچىدىكى بىچارە تىلەمچىدەك مىسكىنلىك، غېرىبلىق كوچىسىدا بويۇن قىسىپ قالدى. ئەمما ئوقۇماي بولمايتتى.  ئاتا – ئانىمىزنىڭ ئالدىدا ياخشى بالا، مۇئەللىملىرىمىزنىڭ  ئالدىدا ئەقىللىق ئوقۇغۇچى بولۇش ئۈچۈن جەزمەن ‹‹60›› نومۇرنى ئاداققىي نىشان قىلىپ ئوقۇماي بولمايتتى. ئوقۇدۇق ، ھارماي – تالماي ئوقۇدۇق، بىلمىگەننى بىلەرمىزمىكىن دېگەن ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر بىلەن كېچە – كۈندۈزلەپ تىرىشىپ – تىرماشتۇق. لېكىن، بىزدىكى ئوقۇش يېشىغا يېتىپ، مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ شەكىللەنگەن، خۇددى كىشىلەرنى تۇيۇقسىزلا ئۇرۇپ – تىللىۋالىدىغان ساراڭدىن ھەزەر ئەيلىگەندەك ‹‹60›› تىن قورقۇش پسخىكىسى بىزنىڭ روھىيەت ئېتىزلىقىمىزدا ئۆزىمىزگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆزىمىزدىكى ھەرخىل بىلىم ۋە ئىقتىدارلارغا ھەر ۋاقىت گۇمان بىلەن قارايدىغان پاسسىپ روھىي ھالەتنىڭ بەدبەشىرە ھەيكىلىنى يۆلەپ تۇرغۇزغانىدى.
    شۇنداق قىلىپ بىز باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى خۇددى باغنىڭ ئۇ شورىسىدىن كىرىپ بۇ شورىسىدىن چىقىپ كەتكەندەك ناھايىتى تېزلا پۈتتۈردۇق.  بەزىلىرىمىز خۇددى مەككىنىڭ رودىپېيىدىن قېچىپ قۇتۇلغان كاندىدات ھاجىمدەك ئالدى – كەينىمىزگە قارىماي ئۆيىمىزگە بەدەر قاچتۇق.  سەككىز،  توققۇز يىلىمىزنىڭ ئىلىم – ئىرپان بۇلاقلىرىدىن بىرەر يۇتۇم سۇ ئىچەلمەي، خۇددى كۆلدىكى ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ، ھېچنېمە ئىگىلىيەلمەي بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە ئېچىنماستىن، بەلكى ئالتە قوينىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرەلمىگەنلىكىمىزگە،  چاپالمىغان كەتمەنلىرىمىزگە، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئوينايدىغان ۋاقتىمىزغا تولىمۇ ئېچىندۇق، تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق.  ئاقىۋەت شۇ بولدىكى ھەممىمىز ئائىلە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەتمەن فاكۇلتېتى يەرگە ئىشلەش ۋە پادا بېقىش سىنىپلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئايلاندۇق.  يەنە بەزىلىرىمىز ‹‹60›› نومۇر تۈپەيلىدىن يولۇققان ئاچچىق قىسمەتلەرنى ئۆزگەرتىش، جۈملىدىن تېخىمۇ كەڭرەك بىلىم مۇھىتىدا ياشاپ بېقىش ئىستىكىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بوسۇغۇسىدىن چوڭ – چوڭ قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدۇق.  لېكىن بۇ يەردىمۇ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ئىدى،  تۆت ئەمەس بەش، ئالتە ئىدى. دېمەك،  قورقۇنچلۇق سان ‹‹60›› مۇشۇ يەرگىمۇ چاڭگال سالغانىدى. بىراق بىز بۇ يەردە ئىلگىرىكىدىن ياخشىراق ھەم دادىلراق ئىلىم – تەھسىل قىلىشقا باشلىدۇق. چۈنكى،  بىزدە بىر ئۇلۇغ نىشان بار ئىدى. بۇ نىشان،  ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇ ئىدى.  ئاخىرى ئارزۇيىمىز روياپقا چىقىپ، بىزدەك توپا چىراي،  تۇپراق تەلەت دېھقان بالىلىرى ئۈچۈن كاتتا بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغۇسىدىنمۇ مەردانىلەرچە كىرىپ كەلدۇق. بىز ئۆزىمىزچە ‹‹60›› دېگەن بۇ بالاتەككۈر سان ئالىي مەكتەپتە مەرىپەت ئىگىلىشىمىزگە پۇتلىكاشاڭ بولالماس دەپ ئويلىدۇق.
    بەكمۇ ئەپسۇس ، ‹‹60›› دېگەن بۇ ئۆلمىگۈر ، جوھوت ، مۇناپىق دېگەندەك جاھاندىكى جىمى سېسىق ناملارغا لايىق قارغىش قېپى ساننىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىمۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ بولغانلىقىنى كىم بىلسۇن . ئېگىز بىنالار بىلەن قورشالغان زامانىۋى شەھەرنىڭ كىچىككىنە بىر بۆلىكى ھېسابلانغان ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ‹‹60›› نومۇر قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، كۆپىنچىلىرىمىز دەرسخانىدا پەقەت ‹‹60›› نومۇر ئۈچۈنلا سۆلەت بىلەن ئولتۇرۇشقا مەجبۇر . سىناقلاردا ، ئىمتىھانلاردا نومۇرىمىز ‹‹60›› قا ئۇلاشسىلا ماكچىيىپ قالغان كالاچتەك ھىجىيىپ ، دوپپىمىزنى ئاسمانغا ئاتىمىز . نەتىجىمىز ‹‹60›› تىن بىرلا نومۇر تۆۋەن چۈشۈپ كەتكەنلىرىمىزنىڭ ھالىغا ۋاي . چىرايىمىز ئون يىل كېسەل تارتقان ئادەمدەك سارغىيىپ ، سۇسىز قالغان مايسىدەك سۇلىشىپ ، چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىمىزگە ئوخشىمايلا قالىمىز .  
    بىز بەزىدە ‹‹60›› دېگەن لەنەتتەككۈر ساننىڭ بەزىلىرىمىزنى دوپپىمىزنى ئاسمانغا ئاتتۇرۇۋېتەلەيدىغان ، بەزىلىرىمىزنى سۇغا چۈشكەن مۈشۈككە ئوخشىتىپ قويالايدىغان قۇدرىتىگە قاراپ ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئىلاھى سان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپمۇ قالىمىز . بۇ يەردە بىر مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . بىر ئوقۇغۇچى ھەممە پەندە يۇقىرى نومۇر ئېلىپ ، پەقەت بىرلا پەندە 59 نومۇ رئېلىپ قالدى ، يەنى ‹‹60›› نومۇر ئالالمىدى دەيلى ، بۇ ئوقۇغۇچى ئاشۇ بىر پەندە ‹‹60›› نومۇر ئالالمىغانلىق سەۋەبىدىن ھەرخىل نامدىكى ئوقۇش مۇكاپاتلىرىدىن ، شان – شەرەپلەردىن بىر يولىلا قۇرۇق قالىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ ئاشۇ بىر پەندىكى 59 نومۇرىغا يەنە بىر نومۇر قوشۇپ ‹‹60›› نومۇرغا ئۆزگەرتىپ قويۇلسا يۇقىرىقى ئەھۋانىڭ دەل ئەكسىچە بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ھەقىقەت . بۇ يەردە بۇنى ئارتۇقچە ئەزۋەيلەپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار . كەلتۈرۈپ كەلسەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار خاماندىكى ساماندەكلا تولا . لېكىن ۋەكىل قىلىپ مۇشۇ بىرنىلا كۆرسىتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم . 
    گۆرىستان جىملىقى ھۆكۈم سۈرگەن سۈرلۈك ئىمتىھان مەيدانلىرىدا ، ‹‹60››  نومۇرغا چۇشلۇق يەرگە ئىشەنچلىك جاۋاب بېرەلىسەكلا ‹‹ئۇھ›› دەپ يىنىك تىن ئالىمىز ، يەلكىمىزدىن بىر تاغار يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك ئۆزىمىزنى يەڭگىل ھېس قىلىمىز . ناۋادا بەرگەن جاۋابىمىز ‹‹60›› نومۇرغا توشمىغۇدەك بولسا مۇئەللىملەرنىڭ كەينىدىن سوكۇلدىغىنىمىز سوكۇلدىغان ، 59 نومۇرىمىزغا  يەنە بىر نومۇرنى قوشۇپ ‹‹60›› نومۇرغا ئۆزگەرتىپ قويۇشقا چىدىمىغان پىخسىق مۇئەللىملەرنىڭ كەينىدىن كوتۇلدىغىنىمىز كوتۇلدىغان ، 58 ، 59 نومۇرىمىزغا بىرەر ، ئىككى نومۇرنى شاققىدە قوشۇپ ، ‹‹60›› ، 61 نومۇرلار بىلەن ئىمتىھاندىن ئىبارەت بۇ پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن تىنچ – ئامان ئۆتۈۋېلىشىمىزغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن مۇئەللىملەرنى مەرد ، سېخى دەپ ئاغزى – ئاغزىمىزغا تەگمەي ماختىغىنىمىز ماختىغان . ھەرخىل چوڭ – كىچىك ئىمتىھانلاردا ‹‹قېلىنلىق ‹60› نومۇر›› ، ‹‹يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى - ‹60› نومۇرغا ئېرىشىشىمنىڭ تۈپ كاپالىتى›› دېگەندەك زامانىۋى ماقاللاردا دېيىلگەندەك ، ئىمتىھانلاردا كۆچۈرۈش بۇيىچە ئەنئەنىۋى تېخنىكا بىلەن زامانىۋى تېخنىكىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن بىر قىسىم تالانتلىق ، ئىستىداتلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن خۇددى داغدام يولدا ماڭغاندەك لەرزان قەدەملەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىشى بىزنى ھەيرانۇ – ھەس قالدۇرغىنى قالدۇرغان . ‹‹60›› نومۇرغا زار بولغانلىرىمىز ئۇلاردەك زامانىۋى كۆچۈرۈش تېخنىكىلىرىنى ھەق – دادىغا يەتكۈزۈپ ئىگىلىيەلمىگەنلىكىمىزگە ئىچ – ئىچىمىزدىن ئەپسۇسلانغىنىمىز ئەپسۇسلانغان . ھازىر بىز دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بىر چىنە ئاشنى بىكارغا بەرمەيدىغان ئاجايىب بىر رىقابەتلىك دۇنيادا ياشاۋاتىمىز . دەۋر چاقىنىڭ توختاۋسىز ئىلگىرىلىشى كىشىلەردىن ئىلغار تېخنىكا بىلەن قوراللىنىشىنى ، جۈملىدىن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئىمتىھانلاردا نازارەتچىلەر ئاغمىخاندەك سەزگۈرلۈك بىلەن قاراپ تۇرسىمۇ ، قىلچىلىك تۇيدۇرماي كۆچۈرەلەيدىغان زامانىۋى كۆچۈرۈش تېخنىكىلىرى بىلەن قوراللىنىپ ، ئىمتىھانلاردىن ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ . لېكىن بىز بۇ يوللۇق تەلەپنىڭ تولىمۇ يىراق سەھراسىدا توپا دەسسەپ يۈرۈۋاتىمىز . بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇنچىۋالا نادانلىقىمىزغا ، دىتسىزلىقىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز . 
    پۈتۈن ئەس – يادىمىز بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق ، ‹‹60›› دېگەن ئېغىزغا ئالغۇسىز سېسىق ، ئەپسانە تىللارغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بۇ تامتەشتى ، جوھوت ساننىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ياش بۇغۇنلارنىڭ سەھرانىڭ سۈزۈك ئاسمىنىدەك پاك ۋە غۇبارسىز روھىيىتىگە ھەقىقەتەنمۇ ، تۈۋى يوق دېڭىزدەك چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقىنى بايقايمىز . ‹‹ ‹60› نومۇر ئۈچۈن كۈرەش›› ، ‹‹ ‹60› نومۇر ياشىسۇن›› دەك ھاياجانلىق شۇئارلار ، ‹‹ ‹60› نومۇرنىڭ قەلبىمدىكى يۈكسەك ئورنى›› ، ‹‹ئەڭ سۆيۈملۈك سان ‹60› ›› ، ‹‹ئېھ ! ‹60› نومۇر ›› ، ‹‹ئىمتىھاندا ‹60› نومۇر ئالالىسام ، بۇ مېنىڭ غەمكىن كۆڭلۈم ئېچىلاتتى›› غا ئوخشاش ماقالە ، نەسر ، شېئىرلار ، ‹‹ئىمتىھان بەرسەڭ ‹60› نومۇرنىڭ پېيىدا بول›› ، ‹‹ئىمتىھاندا ‹60› نومۇر ئالمىغان ياش ، تام تۈۋىدىكى كېرەكسىز تاش›› ، ‹‹ئاش – تاماق كۈندە كېرەك ، ‹60› نومۇر ئىمتىھاندا كېرەك›› دېگەندەك زامانىۋى ماقال – تەمسىللەر ، ‹‹ئىمتىھاندىكى قىممەت ، ‹60› تىكى ھېكمەت›› ، ‹‹مېنىڭ بۈگۈنۈم ۋە ئەتەم ‹60› بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان›› دېگەنگە ئوخشاش ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋىي قىممىتى تولىمۇ يۇقىرى بولغان مۇھاكىمىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى دەل يۇقىرىقى بايقىشىمىزنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ ؟ بولۇپمۇ شائىرلىق كوچىسىغا ئەمدىلەتىن تەمتىلەپ كىرىپ كېلىۋاتقان تالانتلىق شائىرىمىز تۇپراقىينىڭ قەلىمى ئاستىدا روياپقا چىققان ‹‹ئىمتىھان مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە ، مەۋسۈملۈك ئىمتىھانغا ئاتاپ قويارمەن ‹60› نى›› ناملىق چوڭ ھەجىملىك شېئىرىنىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ ، ئۇلارنىڭ بەس – مۇنازىرە قىلىشىغا ، ھەۋەس بىلەن يادلىۋېلىشىغا ، سىنىپ ۋە ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىغا ھۆسنخەتچىلەپ يېزىپ چاپلىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولۇشى بۇ سۆزىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىلى ئەمەسمۇ ؟ 
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، ھازىر بىزنىڭ مائارىپىمىز ئىمتىھان مائارىپى ، يەنى يادلاش مائارىپىدىن ساپا مائارىپىغا ناھايىتىمۇ ئاستا قەدەم بىلەن ئۆتۈشتىن ئىبارەت بىر مۇھىم تارىخىي باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ . مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئاشنالىرىنىڭ ئاتالمىش ‹‹ ‹60› نومۇر ياشىسۇن›› ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشى بىلەن ‹‹ ‹60› نومۇر قىزغىنلىقى›› تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى . بۇنداق يۇقىرى سەۋىيە بەلكىم ئەمدى كۆرۈلمەس ، كۆرۈلسىمۇ بۇنىڭغا يېتەلمەس . ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ‹‹سانشۇناسلىق تەتقىقات ئىشخانىسى›› خاسىيەتلىك سان ‹‹60›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ياخشى – يامان ، چوڭ – كىچىك ئىشلارنى ئەينەن ، راستچىللىق بىلەن بىرمۇ – بىر خاتىرلەپ ، ئىستاتىستىكا قىلىشقا مەسئۇل . بۇ ئىسخانىدىكى بىر مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ يىل ‹‹60›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ –كىچىك ئىشلار پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ ، بەزى ستۇدېنتلار ھەتتا كېچىلىرى ئۇخلىغاندىمۇ ‹‹60›› ... ‹‹60›› ... دەپ جۆيلۈگىنىچە ئۇيغىنىپ كېتىدىكەن . 
    دېمەك ، بىر ساننىڭ ، جۈملىدىن خاسىيەتلىك ھەم سىرلىق ‹‹60›› قا ئوخشاش بىر ساننىڭ ئىنسان مېڭىسىگە بۇنچىۋالا دەرىجىدە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلىشى ئىنسانىيەت تارىخىدا كەمدىن – كەم كۆرۈلىدىغان ياكى پەقەتلا كۆرۈلمەيدىغان ھادىسە. 
    ‹‹جاپانىڭ تېگى ئالتۇن›› دېگەندەك ، مېنىڭ بۇ مەشھۇر تەتقىقات تېمام ‹‹شەھەرلىك سانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى›› تەرىپىدىن ‹‹دۆلەتلىك سانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى›› گە تەۋسىيە قىلىندى ھەم دۆلەتنىڭ ‹‹365 قۇرۇلۇشى›› غا رەسمىي كىرگۈزۈلدى . ئۆزۈممۇ مائارىپىمىزدىكى سىرلىق ھەم ئىلاھى سان ‹‹60›› ئۈستىدە دەسلەپكى تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغۇچى دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن دۆلەتنىڭ ‹‹12 بىر قۇرۇلۇشى››  مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم . كېيىن مەن 17 يىل توختىماي ئىزدىنىپ تەتقىق قىلغان بۇ  سان ‹‹خەلقئارالىق جېنس رېكورتىنى باھالاش كومىتېتى›› ۋە ‹‹خەلقئارالىق سانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى سىرلىق سانلار تەتقىقات بۆلۈمى›› قاتارلىق نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن باھالاپ سېلىشتۇرۇشى ئارقىلىق دۇنيادىكى سانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە ، شۇنداقلا ئىنتايىن كۆپ سىر – ھېكمەتلەر يۇشۇرۇنغان ئىلاھى سان دەپ قارىلىپ ، ‹‹جېنس رېكورتى ياراتقان سان›› دېگەن شەرەپ بىلەن ‹‹دۇنيا جېنس رېكورتى قامۇسى›› غا كىرگۈزۈلدى ھەم سانلارنىڭ گۈلتاجى دېگەن ئالاھىدە نام بېرىلدى . ئۆزۈممۇ دۇنيادىكى ‹‹توققۇز مەشھۇر ياش›› نىڭ 9- سى بولۇپ باھالاندىم . 
___ بۇ فىليەتۇن 2005-يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە مەشق ھېسابىدا يېزىلغانىدى، بۇرۇن بىرەر يەردە ئېلان قىلىنمىغانىدى، يانبىلوگىمدا ئېلان قىلدىم، نەزەر سېلىپ باققايسىلەر. 


      




Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى