نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

رومان: يەرشارىنى 80 كۈندە ئايلىنىش (1)

رومان: يەرشارىنى 80 كۈندە ئايلىنىش (1)

ۋاقتى: 2015-03-17 ئاۋاتلىقى: 5146 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 يەرشارىنى 80 كۈندە ئايلىنىش (1)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى
رومان
ژىيۇل ۋېرىن (فىرانسىيە)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
بىرىنچى باب
 ماستېر فىلىيا فوگقا خىزمەتكار بولدى

   1782 – يىلى، بۇرلىڭتون گۈللۈكى سېۋېر كوچىسى7– نومۇرلۇق قورۇدا فىلىيا فوگ ئىسىملىك بىر كىشى تۇراتتى. شېرىدان 1816 – يىلى مۇشۇ قورۇدا ئالەمدىن ئۆتكەن. فىلىيا فوگ ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك بىرەر ئىش قىلىپ باقمىغان. بىراق، فوگ ئەپەندىم ئىسلاھ كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى ھەم بۇ شەرەپلىك تەشكىلاتتىكى ئەڭ ئالاھىدە، كىشىلەرنى ئۆزىگە ئەڭ جەلپ قىلىدىغان بىر ئەزا.
   فىلىيا فوگ ئەپەندىم ئىلگىرى ئەنگلىيەدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئۇلۇغ ناتىق شېرىداننىڭ ئورنىنى ئېلىپ مەزكۇر قورۇنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان. ئۇ ناھايىتى سىرلىق، چۈشەنگىلى بولمايدىغان شەخس. ھېچكىم ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيدۇ، كىشىلەرنىڭ بىلىدىغىنى ئۇنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا تەۋە خۇشچىراي، ئالىيجاناب مۆتىۋەر ئىكەنلىكىدىنلا ئىبارەت، خالاس.
   بەزىلەر ئۇنى بايرونغا ئوخشايدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا بايرونغا ئوخشاش ساقال – بۇرۇت كەم. ئەمما فوگ ئەپەندىمنىڭ پۇت – قولى ناھايىتى بىجىرىم. ئۇ ئېغىر – بېسىق بايروننىڭ ئۆزى بولۇپ، 1000 يىل ياشىسىمۇ قېرىمايدۇ.
   فىلىيا فوگ ئەنگلىيەلىك، ئەمما لوندونلۇق بولۇشى ناتايىن. كىشىلەر پۇل – مۇئامىلە بازىرى، بانكا ياكى سودا ماگىزىنلىرىدا ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان. لوندوندىكى ھەرقانداق بىر پورت ياكى پىرىستاندا ئۇنىڭ ئىگدارچىلىقىدىكى بىرەر كېمىمۇ توختاپ باقمىغان. بۇ ئەرباب سىياسىي ئىشلارغىمۇ ئارىلاشمايدۇ، قانۇن بىلەنمۇ ھەپىلىشىپ يۈرمەيدۇ. ئادۋوكاتلار ئۆمىكى ياكى تۆت قانۇنچىلىق جەمئىيتىدىمۇ ئەزەلدىن ئۇنىڭ نامىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇ ئەزەلدىن سوت ياكى ئايال پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا، ھەتتا مالىيە مۇپەتتىش مەھكىمىسى، دىنىي جەمئىيەت سوتلىرىدىمۇ دەۋالىشىپ باقمىغان. يەنە كېلىپ ئۇ سانائەت بىلەنمۇ، يېزا ئىگىلىكى بىلەنمۇ شۇغۇللانمايدۇ. سودا قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەننىۋاسىدىن مۇستەسنا. ئۇنىڭدىن باشقا فوگ ئەپەندىم ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى، لوندون ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرگىمۇ قاتناشمايدۇ. قول ھۈنەرۋەنچىلىك جەمئىيىتى ياكى رۇسسېل ئىلمىي جەمئىيىتىگە قاتناشمىغان. شۇنداقلا غەرب ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتى ياكى قانۇنچىلار جەمئىيىتىنىڭمۇ ئەزاسى ئەمەس. ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئىلىم ۋە سەنئەت بىرلەشمە يىغىنىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ ئالاقىسى يوق. قىسقىسى، ئۇ ئەنگىلىيە پايتەختىدىكى ھارمونىك ئىلمىي جەمئىيىتىدىن تارتىپ زىيانداش قۇرۇتلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھاشارەت ئىلمىي جەمئىيىتى دېگەندەك تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ بىرىگىمۇ تەۋە ئەمەس.
   فىلىيا فوگ پەقەت ۋە پەقەت ئىسلاھ كۇلۇبىنىڭ بىر ئەزاسى.
   بەزى كىشىلەر بۇ سىرلىق ئەربابنىڭ قانداق قىلىپ قىممەتلىك ئىسلاھ كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئۇ بارىن جەمەتىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ كۇلۇبقا ئەزا بولغان. ئەسلىدە فوگ ئەپەندىمنىڭ بارىن ئاكا – ئۇكىلار بانكىسىغا قويغان ناھايىتى نۇرغۇن پۇلى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھېساباتىدا مەڭگۈ پۇل ئۈزۈلمەيتتى. بارلىق مۇئامىلە ھەمىشە چەكنى كۆرۈپ پۇل چىقىم قىلىش شەكلىدە ماڭاتتى. شۇڭا بانكىدا خېلى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ھېسابلىناتتى.
   شۇنىڭدىن قارىغاندا فوگ ئەپەندىمنىڭ ناھايىتى پۇلدار كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇنىڭ بۇ بايلىقلارغا قانداق ئېرىشكەنلىكىگە كەلسەك قۇلىقى خېلى ئۇزۇن كىشىلەرمۇ بۇنىڭغا بىرنېمە دەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنى پەقەت فوگ ئەپەندىم ئۆزىلا بىلسە كېرەك. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر فوگ ئەپەندىم ئەزەلدىن بۇزۇپ – چېچىپ ئىسراپ قىلمايتتى ھەم پىخسىقلىقمۇ قىلمايتتى. بىرەر مېھرى – شەپقەت پائالىيىتىگە خىراجەت كەم بولۇپ قالسا ئۇ ھەمىشە پۇل چىقىرىپ ياردەم قىلاتتى، ھەتتا نامىنى يوشۇرۇپ پۇل ئىئانە قىلغانلىقىنى باشقىلارغا بىلدۈرمەيتتى.
   قىسقىسى، ئۇ كىشىلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان، كەمسۆز، تۇرمۇشى تەرتىپلىك، ئىش – ھەرىكىتى قائىدە – يوسۇنلۇق ئادەم.
   ئۇ ساياھەت قىلغانمۇ؟ ئېھتىمال شۇنداقتۇر. چۈنكى، ھېچكىمنىڭ دۇنيانىڭ جۇغراپىيەسى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى فوگ ئەپەندىمنىڭكىدەك مول بولمىسا كېرەك. ئۇ ھەتتا ناھايىتى چەت – ياقىدىكى جايلار توغرىسىدىمۇ پىششىق بىلەتتى. گاھىدا ئۇ ئاددىي ۋە ئىخچام بىر نەچچە ئېغىز گېپى بىلەنلا كۇلۇب ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن، ساياھەتكە چىققانلارنىڭ يولدىن ئادىشىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ، نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەتتى، شۇنداقلا بەئەينى مىڭ يول يىراقلىقتىن كۆرۈۋالغاندەك دېگەنلىرى ھەمىشە توغرا بولۇپ چىقاتتى. قارىماققا بۇ كىشى ھەممە يەرنى بىر قېتىم، ھېچ بولمىغاندا خىيالىدا بولسىمۇ بىرەر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندەك قىلاتتى.
   ھالبۇكى، جەزملەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش بار: كۆپ يىللاردىن بىرى فوگ ئەپەندىم لوندوندىن ئايرىلىپ باقمىغان. تەلىيىگە ئۇنى باشقىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تەستىقىچە، ئۇ ھەر كۈنى شۇ تۈز يولنى بويلاپ ئۆيىدىن كۇلۇبقا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەردە فوگنى كۆرگەنلەر يوق. گېزىت كۆرۈش ھەم ‹‹ئۇئىست›› (بىر خىل قارت ئويۇنى) ئويناش ئۇنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان بىردىنبىر پائالىيىتى. ئۇ دائىم پۇل ئۇتۇۋالىدۇ، ئۇتۇۋالغان پۇللىرىنى ئۆز چۆنتىكىگە سالماي ھەممىنى ياخشى ئىشلارغا، مېھرى – شەپقەت پائالىيەتلىرىگە ئىئانە قىلىدۇ. بىراق شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇنىڭ قارت ئوينىشى پۇل ئۈچۈن ئەمەس، قارت ئويناش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەيدان ئۇرۇش، بىر مەيدان مۈشكۈلات بىلەن بەسلىششىتىن ئىبارەت. شۇنىسى بۇ قول – پۇتنى ھەرىكەت قىلدۇرىدىغان، يۆتكىلىدىغان، چارچايدىغان ئۇرۇش ئەمەس.
   فوگ ئەپەندىمنىڭ خوتۇن – بالىلىرى ھەم يېقىن دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ يوقلۇقىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ئۇ سېۋېر كوچىسىدىكى تۇرالغۇسىدا يالغۇز تۇرىدۇ، ئەزەلدىن بىرەر كىشىمۇ ئۇنى ئۆيىگە يوقلاپ بارغان ئەمەس. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى توغرىسىدا ھېچكىم گەپ ئېچىپ باقمىغان. بىر خىزمەتكار ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىلا يېتەرلىك. فوگ ئەپەندىم چۈشلۈك ۋە كەچلىك تامىقىنى ئۆز ۋاقتىدا كۇلۇبتىكى مۇقىم بىر ئاشخانىنىڭ مۇقىم بىر شىرەسىدە يەيتتى. ئۇ ئەزەلدىن بىرەرسىنى مېھمان قىلغان ياكى كۈتۈۋالغان ئەمەس. فوگ ئەپەندىم ئادەتتە كەچ سائەت 12 دىن كېيىن ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ ئۇخلاپ قالاتتى. ئىسلاھ كۇلۇبىدىكى ئەزالار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئېسىل ياتاقنى ئىشلەتمەيتتى.
   فوگ ئەپەندىم بىر كۈندە 10 سائەت ئۆيىدە بولاتتى، ئۆيىدىكى چاغلاردا ئۇخلايتتى ياكى يۇيۇناتتى. كۇلۇبتىكى چاغدا سەيلە قىلىش توغرا كەلسىمۇ ھەمىشە نەقىشلىك پول ياتقۇزۇلغان زال ئىچىدە بىر قىلىپتا ماڭاتتى ياكى كارىدور ياقىلاپ ئاستا ماڭاتتى. كارىدورنىڭ ئۆگزىسى چىرايلىق بېزەلگەن ئەينەكلىك يۇمىلاق تورۇس بولۇپ، قىزىل چىپار تاشتىن ياسالغان ئىئونىيە ئۇسلۇبىدىكى 20 تال تۈۋرۈك تىرەپ تۇراتتى. ناۋادا ئۇ كەچلىك ياكى چۈشلۈك تاماق يېمەكچى بولسا كۇلۇبنىڭ تاماقخانىسى، ساقلاش ئورنى، بېلىق كۆلى ۋە سۈت پونكىتى تاماق شىرەسىگە مول يېمەكلىكلەرنى يەتكۈزۈپ بېرەتتى. پۇتىغا يۇمشاق چەملىك ئاياغ، قارا رەڭلىك كىيىم كىيگەن كۇلۇب كۈتكۈچىسى سالماقلىق بىلەن ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلاتتى، شېررى ھارىقى، پورت ئۈزۈم ھارىقى ئەكېلىپ بېرەتتى، قوۋزاق دارچىن، كومپىئونىيە ياكى دارچىن چىلانغان ئەتىرگۈل ھارىقى ئۇنىڭ تېتىپ بېقىشىغا ھەر ۋاقىت تەييار ئىدى. ھاراقلار كۇلۇبقا خاس ئالاھىدە خىرۇستال رومكىلارغا قۇيۇلاتتى. فوگ ئەپەندىمگە يەتكۈزىلىدىغان ئىچىملىكلەرنىڭ يېڭى ھەم تەمىنىڭ ئېسىللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۇلۇبنىڭ مۇز پارچىلىرى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ كۆللىرىدىن ئېلىپ كېلىنەتتى، توشۇش ھەققى ناھايىتى قىممەت ئىدى.
   مۇشۇنداق قىلىپتا ياشايدىغان كىشىلەرنى غەلىتە كىشىلەر دېسە، ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ!
   سېۋېر كوچىسىدىكى تۇرالغۇ گەرچە ئالىي دەرىجىلىك سانالمىسىمۇ، ناھايىتى راھەت. يەنە كېلىپ ئۆي ئىگىسىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى گويا سائەتكە ئوخشاش مۇقىم بولۇپ ئۇزاقتىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى. خىزمەتكارنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ كۆپ ئەمەس. شۇڭا، فوگ ئەپەندىم خىزمەتكاردىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەتلەرنى توپتوغرا ھەم رىتىملىق قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى.
   2 – ئۆكتەبىر كۈنى، فوگ ئەپەندىم جاموس فوسىتنى ئىشتىن بوشىتىۋەتتى. چۈنكى فوگ ئەپەندىم ساقال ئېلىۋېتىپ خىزمەتكار تەييارلىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئارانلا ℃46 ئىكەنلىكىنى، ℃48 گىرادۇسقا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇڭا ئۇ بۇ خىزمەتكارنى ئالماشتۇرۇۋېتىش قارارىغا كەلدى. جاموس فوسىت يېڭى خىزمەتكارنىڭ كېلىشىنى ساقلىشى كېرەك ئىدى. قائىدە بويىچە يېڭى خىزمەتكار سائەت 11:00بىلەن 11:30 ئارىلىقىدا يېتىپ كېلەتتى.
   فوگ ئەپەندىم يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا پۇتلىرىنى جۈپلەپ، پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان كىشىدەك قوللىرىنى تىزىغا قويۇپ، قەددىنى رۇسلاپ ئولتۇرۇپ، تامدىكى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە قارىغىنىچە يېڭى خىزمەتكارنى ساقلىماقتا. بۇ مۇرەككەپ تام سائىتى بولۇپ، مىنۇت سېكۇنتنى كۆرسەتكەندىن باشقا، يەنە چىسلانىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيتتى. سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قوڭغۇراق چالدى. ئۇ ئادىتى بويىچە دەل مۇشۇ چاغدا ئۆيدىن ئايرىلىپ ئىسلاھ كۇلۇبىغا قاراپ ماڭاتتى.
   بۇ چاغدا بىرەيلەن ئىشىك چەكتى. ئىشىكتىن ئىلگىرىكى خىزمەتكار جاموس فوسىت كىرىپ كەلدى.
   — يېڭى خىزمەتكار يېتىپ كەلدى، ـــ دېدى ئۇ.
   30 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت مېھمانخانىغا كىرىپ فوگ ئەپەندىمگە ئېھتىرام بىلدۈردى.
   — سىز فىرانسىيەلىكمۇ؟ ئىسمىڭىز جونمۇ؟ ـــ دەپ سورىدى فوگ ئەپەندىم.
   — كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، مېنىڭ ئىسمىم جېئان، ـــ دېدى يېڭى خىزمەتكار جاۋاب بېرىپ، ـــ لەقىمىم ماستېر، بۇ مېنىڭ تۇغۇلۇشۇمدىنلا تۈرلۈك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى سەمىمىي كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. مەن جاھانكەزدى ناخشىچى بولغان، سېرك ئۆمىكىدە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش ئارتىسى بولغان، يەنە تەنتەربىيە تىرېنېرى بولۇپ ئۆز قابىلىيىتىمنى تولۇق نامايان قىلغانمەن. ئىلگىرى پارىژدا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئىسمېنا باشلىقى بولۇپ، بىر نەچچە قېتىملىق خەتەرلىك ئوت ئاپىتىنى بېشىمدىن كەچۈرگەن. مەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ باققان، جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە كېزىپ يۈرگەن كىشىمەن. ئەمدى غوجىدارلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ، جان – دىلىم بىلەن خوجايىنىمغا خىزمەت قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. سىزنىڭ ئەنگىلىيە بويىچە مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىدىغان، جىمجىتلىقنى خالايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىز ماڭا ئايان، مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە بىر كىشىلىك تىنچ خىزمەتكە ئېرىشىپ، ئۆتمۈشنى، ھەتتا ماستېر دېگەن بۇ لەقەمنىمۇ ئۇنتۇپ خاتىرجەم ياشىسامكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.
   — مەن ماستېرغا ئېھتىياجلىق، ـــ دېدى فوگ ئەپەندىم، ـــ سىزنى باشقىلار تەۋسىيە قىلغان. مەن سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى بىلىمەن. ئەمما سىز تەلىپىمنى بىلەمسىز؟
   — بىلىمەن، ئەپەندىم.
   — ناھايىتى ياخشى، ھازىر سائىتىڭىز نەچچە بولدى؟
   ماستېر بەل خالتىسىدىن يوغان بىر دانە كۈمۈش سائەتنى چىقىرىپ جاۋاب بەردى:
   — 11 دىن 22 مىنۇت ئۆتتى.
   — سىزنىڭ سائىتىڭىز تۆت مىنۇت كەينىدە قاپتۇ، ئەمما ھېچقىسى يوق، بۇ پەرق ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھازىردىن باشلاپ، يەنى 1872 – يىلى 2 - ئۆكتەبىر سائەت 11 دىن 29 مىنۇتتىن باشلاپ سىز مېنىڭ خىزمەتكارىم بولدىڭىز، ـــ دېدى.
   فوگ ئەپەندىمنىڭ گېپى تۈگىدى. ئۇ قەددىنى رۇسلاپ، شىلەپىسىنى ئېلىپ بېشىغا ئەپچىللىك بىلەن كىيگەندىن كېيىن ئۈن چىقارماستىن مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن ماستېر چوڭ دەرۋازىنىڭ قۇلۇپلانغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ فوگ ئەپەندىمنىڭ دەل ۋاقتىدا ئىشىكتىن چىققانلىقىنى بىلدى. كەينىدىنلا يەنە بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىلگىرىكى خىزمەتكار جاموس فوسىت يۈك – تاقىسىنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغان ئىدى.
   ھازىر بۇ ھەشەمەتلىك قورۇدا ماستېر ئۆزى يالغۇز قالدى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
 
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى