نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى يېڭى يۇلتۇز __ سوناكشى سىنھا

ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى يېڭى يۇلتۇز __ سوناكشى سىنھا

ۋاقتى: 2016-01-24 ئاۋاتلىقى: 13667 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى يېڭى يۇلتۇز __ سوناكشى سىنھا

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي


ھىندىستان كىنوچىلىقىدا يېڭىدىن چاقناۋاتقان ئۈمىدلىك چولپان سوناكشى سىنھا 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى شاترۇخان سىنھا بولۇپ، ئارتىس، قوشۇمچە سىياسىي ئەرباب ئىدى، ئاپىسىنىڭ ئىسمى پۇنام سىنھا بولۇپ، سوناكشىنىڭ كۇش سىنھا، لۇۋ سىنھا ئىسىملىك ئىككى قېرىندىشى بار. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇيغۇر كىنو مەستانىلىرىغا تونۇشلۇق بولغان <<تىمساھ پاجىئەسى>> دېگەن فىلىمدىكى تىمساھ چىشلىۋەتكەن ئايال خوجايىننى فىلىمنىڭ ئاخىرىدا قۇتقۇزۇۋالىدىغان ئەر پېرسۇناژنىڭ ئۆزى شۇ بولۇپ، ئۇ رول ئالغان باشقا فىلىملەر بىزگە يېتىپ كەلمىگەن. ئاتىسى ھازىر سىياسىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماقتا.
سوناكشى ھازىر ھىندىستان <<بوللىۋود>> كىنو ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئارتىسى ۋە مودېل بولۇپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان. ئۇ تۇنجى قېتىم <<بوللىۋود>>نىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى سالمانخان باش رول ئالغان <<قالتىس ساقچى>> ناملىق فىلىمدە ئايال باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان. بۇ فىلىم <<بوللىۋود>> كىنولىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قويۇلغان فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، سوناكشىمۇ <<ئەڭ ئىستىقباللىق ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى ۋە <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
سوناكشىنىڭ كەسپىي ھاياتى مودېللىقتىن باشلانغان بولۇپ، ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2008-يىلى ۋە 2009-يىلىدىكى <<لاكمې>> مودا كىيىم ھەپتىلىكىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئارتىسلىق ھاياتى داڭلىق ئارتىس سالمانخان بىلەن رول ئالغان <<قالتىس ساقچى>> ناملىق فىلىم بىلەن باشلانغان.
ئۇ كىنودا رول ئېلىشنى باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھىندىستان <<بوللىۋود>> كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ داڭلىق چولپانلىرىدىن سالمانخان، ئاجەي دېۋگان، ئاكشاي كۇمار، سەيف ئەلىخان، سۇنۇ سۇدې قاتارلىقلار بىلەن بىرگە رولغا چىققان. ئۇنىڭ تەبىئىي گۈزەل ھۆسنى، لاتاپىتى، رول ئېلىشتىكى ماھارىتى، يېقىملىق ئوبرازى كىشىنى ھەقىقەتەن مەپتۇن قىلىدۇ.

سوناكشى سىنھا قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا، بىر قاتار شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ 2011-يىلى بىر يىلدىلا <<ئەڭ ئىستىقباللىق ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى، <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى، <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى يۇلتۇز>> مۇكاپاتى، <<كەلگۈسىدىكى ئايال گىگانت چولپان>> مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان.



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى