ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى يېڭى يۇلتۇز __ سوناكشى سىنھا
-
ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى يېڭى يۇلتۇز __ سوناكشى سىنھا
ۋاقتى: 2016-01-24 ئاۋاتلىقى: 13667 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى يېڭى يۇلتۇز __ سوناكشى سىنھا
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ھىندىستان كىنوچىلىقىدا يېڭىدىن چاقناۋاتقان ئۈمىدلىك چولپان سوناكشى سىنھا 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى شاترۇخان سىنھا بولۇپ، ئارتىس، قوشۇمچە سىياسىي ئەرباب ئىدى، ئاپىسىنىڭ ئىسمى پۇنام سىنھا بولۇپ، سوناكشىنىڭ كۇش سىنھا، لۇۋ سىنھا ئىسىملىك ئىككى قېرىندىشى بار. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇيغۇر كىنو مەستانىلىرىغا تونۇشلۇق بولغان <<تىمساھ پاجىئەسى>> دېگەن فىلىمدىكى تىمساھ چىشلىۋەتكەن ئايال خوجايىننى فىلىمنىڭ ئاخىرىدا قۇتقۇزۇۋالىدىغان ئەر پېرسۇناژنىڭ ئۆزى شۇ بولۇپ، ئۇ رول ئالغان باشقا فىلىملەر بىزگە يېتىپ كەلمىگەن. ئاتىسى ھازىر سىياسىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماقتا.سوناكشى ھازىر ھىندىستان <<بوللىۋود>> كىنو ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئارتىسى ۋە مودېل بولۇپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان. ئۇ تۇنجى قېتىم <<بوللىۋود>>نىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى سالمانخان باش رول ئالغان <<قالتىس ساقچى>> ناملىق فىلىمدە ئايال باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان. بۇ فىلىم <<بوللىۋود>> كىنولىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قويۇلغان فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، سوناكشىمۇ <<ئەڭ ئىستىقباللىق ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى ۋە <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.سوناكشىنىڭ كەسپىي ھاياتى مودېللىقتىن باشلانغان بولۇپ، ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2008-يىلى ۋە 2009-يىلىدىكى <<لاكمې>> مودا كىيىم ھەپتىلىكىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئارتىسلىق ھاياتى داڭلىق ئارتىس سالمانخان بىلەن رول ئالغان <<قالتىس ساقچى>> ناملىق فىلىم بىلەن باشلانغان.ئۇ كىنودا رول ئېلىشنى باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھىندىستان <<بوللىۋود>> كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ داڭلىق چولپانلىرىدىن سالمانخان، ئاجەي دېۋگان، ئاكشاي كۇمار، سەيف ئەلىخان، سۇنۇ سۇدې قاتارلىقلار بىلەن بىرگە رولغا چىققان. ئۇنىڭ تەبىئىي گۈزەل ھۆسنى، لاتاپىتى، رول ئېلىشتىكى ماھارىتى، يېقىملىق ئوبرازى كىشىنى ھەقىقەتەن مەپتۇن قىلىدۇ.سوناكشى سىنھا قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا، بىر قاتار شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ 2011-يىلى بىر يىلدىلا <<ئەڭ ئىستىقباللىق ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى، <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى، <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى يۇلتۇز>> مۇكاپاتى، <<كەلگۈسىدىكى ئايال گىگانت چولپان>> مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (2)
2015-02-05 17:36:544273ئىسھاقبېك مونۇنوفنىڭ تەرجىمىھالى
2015-05-03 23:21:264409ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (1)
2015-02-07 14:57:013755ماجاڭنى چەت ئەللەرگە يۈزلەندۈرەيلى
2015-03-11 15:05:594015جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى ئەڭ كەمتەر سەككىز كار
2016-07-25 18:33:33475ئاسىيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت ــ بۇتان
2015-07-22 13:29:453439تىل ئىنكاسىنى كۆندۈرۈش مەشىقىلىرى
2015-02-05 21:23:004532مۇھەممەد رەھىم: تىللىسا (شېئىر)
2015-02-04 21:23:104387
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-