نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (1)

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (1)

ۋاقتى: 2015-02-07 ئاۋاتلىقى: 3756 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (1)

1

ئاشىق بولساڭ بولغىن شەيدايۇ مەستان، 

دىۋانە، بىنەۋا، رەسۋايۇ جاھان.

ھۇشيار بولساڭ تەشۋىش بولۇر ھەننىۋا نەرسە، 

مەست بولغاچ ئوشۇققا كەلمەيدۇ توپان.

2

تاڭنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماس كىشى، 

نە كېرەك سەۋدالىق دىلنىڭ تەشۋىشى. 

ئايدىڭدا مەي ئىچكىن، ئەي ئاي بىزدىن سوڭ، 

ئاي بىزنى تاپالماس، ئىزدەپ ياز - قىشى.

3

كىشىنى رەنجىتمە، رەنجىتمە زىنھار،

قەھرىڭنى بىراۋغا چاچمىغىن، ئەي زات.

ھېچكىمنى رەنجىتمە، ئۆزۈڭ رەنجىگىن،

گەر دېسەڭ راھەتنى ئۆزۈڭ غەمگە پات.

4

ھەر نېمە بولسىمۇ يۈزلىرىم گۈزەل، 

قامىتىم سەرۋىدەك تىك ۋە مۇكەممەل.

چۈشەنمەي ئادامەن نېچۈن بۇنچىلىك، 

ئۇز ھۆسن بەردىكىن نەققاشى ئەزەل.

5

مەن ئۆلسەم مەي بىلەن يۇيۇشنى كۆزلەڭ، 

يوقلاشتا جام بىلەن شارابتىن سۆزلەڭ.

قىيامەت كۈنىدە تاپماق بولسىڭىز، 

مەيخانا تۇپرىقى تۈۋىدىن ئىزلەڭ.

___ تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى