تەكشۈرگۈچ پلۇتون بىلەن دىدارلاشتى
-
تەكشۈرگۈچ پلۇتون بىلەن دىدارلاشتى
ۋاقتى: 2015-07-15 ئاۋاتلىقى: 4134 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئىنسانلارنىڭ تەكشۈرۈش ئەسۋابى پلۇتون بىلەن تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتا ‹‹دىدارلاشتى››
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنخۇا تورى، لوس ئانژېلېس، 14-ئىيۇل تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ ‹‹يېڭى نەزەر›› ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 14-ئىيۇل سائەت 7:49 دە پلۇتونغا يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق يىراق بىر سەييارىنى تەكشۈرگەن تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولۇپ قالغان.‹‹يېڭى نەزەر›› ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى پلۇتونغا يېقىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە تۋىتتېر تورىدا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹سالام پلۇتون! بىز ئارىلىقىمىز ئۆزئارا ئىنتايىن يېقىن تۇرۇۋاتىمىز››. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹يېڭى نەزەر›› ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى پلۇتونغا تەخمىنەن 12500 كىلومېتىر يېقىنلاشقان.‹‹يېڭى نەزەر›› ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى 2006-يىلى 1-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن، بوشلۇقتا توققۇز يىلدىن ئارتۇق سەپەر قىلىپ، ئاخىرى پلۇتون بىلەن ‹‹دىدارلاشقان››. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ سىن فىلىمىدە ئايان بولۇشىچە، يەر يۈزى كونترول مەركىزىدە نۇرغۇن كىشى كۆز يېشى قىلىشقان.پلۇتون ئەزەلدىن يەرشارىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن بۇنداق يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ باقمىغان، ‹‹يېڭى نەزەر›› ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئۆزى ‹‹كۆرگەن›› بارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىۋالغان. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابى يەنە داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىپ، قۇياش سىتېمىسى ئەتراپىدىكى سىرلىق كويپېر بەلبېغىغا كىرىدىكەن، بۇ يەردە ئېھتىمال مۇزقاتما جىسىملار بولۇشى مۇمكىنكەن.ئىنسانلار پلۇتونغا 1930-يىلى تۇنجى قېتىم دىققەت-ئېتىبارىنى ئاغدۇرغان بولۇپ، ئىلگىرى قۇياش سىستېمىسىدىكى 9-چوڭ سەييارە دەپ قارالغان. ئەمما خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلەشمىسى 2006-يىلى چوڭ سەييارىلەرگە قارىتا قايتىدىن ئېنقلىما بېرىپ، پلۇتوننىڭ ‹‹دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ›› پاكار سەييارە دەپ ئاتىغان. پلۇتوننىڭ ھەجمى كىچىك ھەمدە يەرشارىدىن بەك يىراق بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
پوۋېست: قارا يۈرەك - 10 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:28:026751چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى
2015-02-11 18:36:404551داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (33)
2015-03-01 23:19:173917دۇنيا بويىچە خادىمى ئەڭ كۆپ 50 شىركەت
2015-12-20 12:41:586667ئامېرىكىدا نېمىشقا پارات كۆپ ئۆتكۈزۈلمەيدۇ؟
2015-04-14 23:57:374232ما يۈننىڭ يەنە بىر نادىر نۇتۇقى (2)
2015-08-28 18:30:285418كوچىلاردىكى ساختا مەسچىتكە پۇل يىغقۇچىلار
2015-06-04 15:33:404972توقسۇ ئاياللىرى تاماق ئېتىشتە مۇسابىقىلەشتى
2015-05-29 12:52:474035
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-