نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ما يۈننىڭ يەنە بىر نادىر نۇتۇقى (2)

ما يۈننىڭ يەنە بىر نادىر نۇتۇقى (2)

ۋاقتى: 2015-08-28 ئاۋاتلىقى: 5412 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ما يۈننىڭ ‹‹ما يۈنگە سوئال›› پائالىيىتىدىكى نۇتۇقى (2-بۆلىكى)

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي

(تەرجىمان: شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر)


    2015-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ما يۈن بېيجىڭ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ما يۈنگە سوئال›› پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە ‹‹كۈللى ئالەم بىر ئائىلە›› شياڭگاڭ ياشلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۆمىكىگە نۇتۇق سۆزلىدى. 


   ھازىر ئىنتېرنېت + نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىنتېرنېتنىڭ بىر خىل ئەمەلىيەتتە قوللىنىشى دېمەكتۇر. كەلگۈسىدىكى دەۋردە، بىلىمگە، قەيسەرلىككە تايىنىشقا، تېخىمۇ مۇھىم بوشاشماي تىرىشىدىغان روھقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، كەلگۈسىدىكى 30 يىلدا، بىز چوقۇم دەۋرگە لايىقلىشالمايمىز. مەن سىلەر بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ۋاقتىمدا، لى جياچېڭدەك ئۇتۇق قازىنىشنى خىيال قىلاتتىم.، لېكىن ئۇنىڭدەك بولۇشۇم مۇمكىن ئەمەستەكلا تۇيۇلاتتى. ئەمما ھازىر پۇرسەتلا بولسا، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلايمەن، يەنە 40 يىل ئۆتسە، ئۇ قېرىيدۇ، شۇندىلا مەن ئۆتۈپ كېتەلەيمەن، مەن راستتىنلا مۇشۇنداق ئويلايمەن. ئەمما كۆپچىلىككە شۇنى دەپ قويايكى، ناۋادا بىر-ئىككى يىلدا بىزدىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلىساڭلار، پۇرسەت بەك چوڭ ئەمەس، پەقەت مەن ئەخمەق بولمىساملا. مەن بەلكىم سەل ئەخمەقتۇرمەن، ئەمما مەن ئەتراپىمدا بىر توپ ئانچە ئەخمەق ئەمەس ئادەملەر بار، شۇڭا بىر-ئىككى يىلدا يېتىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما 20 يىل ئىچىدە، 15 يىل ئىچىدە تامامەن بىزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. كەلگۈسى 30 يىلدا ھەقىقىي پۇرسەت كېلىدۇ، كەلگۈسى 30 يىلدا ئىنسانىيەت I T دەۋرىدىن B T دەۋرىگە ماڭىدۇ، جەمئىيەتتىمۇ ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، ھەربىر قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى، ھەربىر قېتىملىق جەمئىيەت داۋالغۇشىدا يېڭى پۇرسەتلەر مەيدانغا چىقىدۇ.

   پۇرسەت قاچان كېلىدۇ؟ پۇرسەت دېگەن باشقىلار ئاغرىنىپ يۈرگەندە، ئەكسىچە، كۆپچىلىك ياخشى پۇرسەت كەلدى دېگەندە . مەن ئىلگىرىمۇ ئېيتقان، بەزىدە ھۆكۈمەت كۆپچىلىكنى ئالغا مېڭىشقا چاقىرىق قىلغاندا، سىز ئېھتىيات قىلىسىز، زور قوشۇن ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتە، بەلكىم سىز ئۆتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، كۆپچىلىك پۇرسەت يوقلۇقىنى ھېس قىلغاندا سىز ئالدىغا مېڭىڭ. شۇڭا 15 يىلدىن بېرى مەن ئامال تاپسام، باشقىلار ياخشى ئامالكەن دېيشىتى، مەن ئېھتىيات قىلغاندا، كۆپچىلىك ھەقىقتەن ياخشى ئەمەس دېيىشتى، پۇرسەت ھەمىشە مانا مۇشۇنداق يەردە. بىز ھەربىرەيلەننىڭ مۇستەقىل تەپەككۇرى، مۇستەقىل كۆزقارىشى بار، قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى، مەسلەكداشلارنى تاپقاندا، بەش يىل ياكى ئون يىللارغىچە چىڭ تۇرسىڭىزلا چوقۇم ئۇتۇق قازىنىسىز.
   دەمالىققىلا ئۇتۇق قازىنىشنى ئۈمىد قىلىش گوياكى بۈگۈن ۋاڭفۇجىڭغا بېرىپ ھەميان تېپىۋېلىشنى ئۈمىد قىلغاندەكلا بىر ئىش، پۇرسەتنىڭ نىسبىتى بەكلا تۆۋەن بولىدۇ. مەن قانداق قىلىپ بىراقلا، يەنە كېلىپ تېز بېيىپ كېتىشنى ئويلىمايمەن، نۇرغۇن كىشىلەر ‹‹ئالى بابا›› قالايمىقان مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدۇق، كۆپچىلىك ناۋادا بىلەلىگەن بولساڭلار، بىز يەنە نېمە قىلالايتتۇق؟ ئالدىرىماي بىلىپ قالىسىلەر، بەلكىم ئون يىللاردىن كېيىن بىلىپ قالارسىلەر. بۈگۈن كۆپچىلىك روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، تېز ئۇتۇق قازىنىشقا نىسبەتەن ئۈمىد تۇغۇلدى، سىز كەلگۈسىەە تايىنىپ ئۇتۇق قازىنىش خىيالىدا بولۇشىڭىز كېرەك. كۆپچىلىك كەلگۈسىدە ئۇتۇق قازىنىشنى ئويلىغاندا، سىز بۈگۈنكى ئىشلىرىڭىز پۇختا قىلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى پۇرسەتلەر بىر-بىرىنى چەكلەيدۇ. 
بۈگۈنكى شياڭگاڭ ياشلىرى، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلار ئىنتايىن ياخشى. شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، پۇل مۇئامىلە ۋە بىلىمدىكى ئەۋزەللىكى، يەرشارىلاشقان نەزەر قاتارلىقلاردا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ھەرقانداق شەھەردىن ئۈستۈ تۇرىسىلەر، مەن سىلەرگە ھەۋەس قىلىمەن. مەن دائىم شياڭگاڭغا بېرىمەن، ئەمما مەن كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، پۇرسەت ئۆزۈڭلارنىڭ قولۇڭلاردا، ئۆزۈڭلارنىڭ نەزەر دائىرەڭلاردا.
   ئىلگىرى بىزنىڭ جېجياڭدا خۇ شۆيەن ئىسىملىك بىر كارخانىچى بولىدىغان، ئۇ مۇنداق بىر گەپنى قىلغان: ‹‹سودا قىلماق بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەمما تەسلىشىپ كېتىۋاتقىنىنىڭ ئۆزى پۇرسەتتۇر.›› مۇھىم ھالقا نەزەر دائىرىمىز، قەيەرنى كۆرەلىسەك، شۇ يەردە سودا قىلىش، شياڭگاڭنى كۆرەلىسەك، شياڭگاڭدا سودا قىلىش، ئىچكىرىنى كۆرەلىسەك، ئىچكىرىدە سودا قىلىش، ناۋادا پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالالىساق، پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدە سودا قىلىشتىن ئىبارەت. سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىز كەڭ قانچە كەڭ بولسا، ئىرادىڭىز قانچە كۈچلۈك بولسا، قارنى-كۆكسىڭىز قانچە كەڭ بولسا. شۇنچە يىراقلارغا ئۇزاپ كېتەلەيسىز.

   كارخانا قۇرۇشتا بازاغا تايىنىش كېرەك، شەھەر باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش كېرەكمۇ ياكى بازارغا نەزەر سېلىش بولسۇن، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەممىنى ئاڭلايمىز، ئەمما مەن بازارنىڭ ئەھۋالىغا كۆپرەك قۇلاق سالىمەن، بازارنىڭ ۋە ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجىغا قۇلاق سالىمەن. بەزىدە شەھەر باشلىقلىرىنىڭ دېگەنلىرى توغرا بولۇشى ناتايىن. ئىگىلىك تىكلەشمۇ ئوخشاش، ئاتا-ئانىمىز بىلەن پىكرىمىز بىريەردىن چىقماي قالىدۇ. مەن ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغاندا، ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىغانىدى، ئەمما مەن ياخشى كۆرگەچكە، ئۇتۇق قازىنىش-قازىنالماسلىق ماڭا مۇھىم ئەمەس ئىدى، مەن شۇ چاغدا ما يۈن ئۇتۇق قازانسا، جۇڭگودىكى % 80 ياشنىڭ ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى ئىدىم. بىز ھۆكۈمەتنىڭ، بانكىنىڭ بىر پۇڭ پۇلىنى ئالمىغانىدۇق. بىزگە پۇل قەرز بېرىپ تۇرىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىغانىدى، بىزدە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ يوق ئىدى، ھەممىز ئادەتتىكى ئىستۇدېنتلار ئىدۇق. شۇ نۇقتا ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ناۋادا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتكۈزگەن بولساڭلار، ھۇزۇرلىنىش ھېسسىياتىڭلار بىلەن باشقىلارغا نەزەر سېلىپ بېقىڭلار. ناۋادا سىلەر ئادەتتىكى مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن بولساڭلار، ھۇزۇرلىنىش نەزىرىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارغا نەزەر سېلىپ بېقىڭلار، بىز ئەمەلىيەتتە ھەممىنى قىلالايمىز. 


   مەن نۇرغۇن كىشىنى كۆزىتىپ، شۇنى بايقىدىمكى، جەمئىيەتكە چىققاندا، ئانچە كۆپ ئوقۇپ بولالمىغان كىشىلەرگە پۇرسەت ئىنتايىن كۆپ بولىدىكەن، ھېسسىي ئىقتىدارى يۇقىرى كىشىلەرگىمۇ پۇرسەت كۆپ بولىدىكەن. بەزىلەر ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇمايدۇ، كۆپچىلىك كىتاب ئوقۇيالمىغىنىغا بەك ئازابلىنىپ كېتىشى ھاجەتسىز. بەزىلەر كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق، بۇلارنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئاشۇ كىتابتىن باش كۆتۈرمەيدىغانلار بەلكىم جەمئىيەتكە چىققاندا ئىشلارنى كۆپ ئوقۇپ بولالمىغانلارچىلىك قىلىپ بولالىشى ناتايىن، شۇڭا ھەربىرەيلەنگە بېرىلگەن پۇرسەت ئوخشاش. كېيىنكى كۈنلەردە بالىلىق بولۇپ، بالىلىرىڭلار كىتاب ئوقۇشقا قىزىقمىسا، ئۇلارنىڭ ھېسسىي ئىقتىدارىنى يۇقىرىراق قىلىپ تەربىيەلەڭلار، ئۇلاردا ئىتتىپاقلىشىش ئېڭى، مىنەتدارلىق تۇيغۇسى، ھېيىقىش تۇيغۇسى بولسۇن! كۆپچىلىككە شۇنى ديمەنكى، مەن كۆرگەن مۇتلەق كۆپ قىسىم خوجايىنلار ۋاررېن باففىت، بىل گايتس، سوروس قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باققان، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈمىدۋار، ئۇلارنىڭ ئاغرىنىدىغان چاغلىرىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇلار مەيۈسلەنگەندە يەنە پۇرسەت ئىزدەيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئاغرىنمايدۇ، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ دېگەنلىكىم ئەمەس، ھەممەيلەن ھاياتىدا ئۈمىدسىزلىنىشتىن خالى ئەمەس. ئەمما تاللىغاندا، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىش كېرەك، بۇ تولىمۇ مۇھىم. ئىككىنچىدىن، ئۇلار ئىنتايىن ئاكتىپ. دۇنياغا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىدۇ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇلار قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدۇ. ناۋادا بىر كۈنلەردە ھەقىقەتەن ئىگىلىك تىكلەپ ياكى بىر ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىغا كىرىپ، ئازابلانغىنىڭىزدا ئۆيىڭىزگە قايتىپ راسا بىر ئۇخلاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە داۋاملىق ئىشلەۋېرىڭ. مېنىڭ كۆز يېشىمنى ناھايىتى ئاز كىشىلەر كۆرۈپ باققان، چۈنكى مېنىڭ ياش تۆككۈدەك ۋاقتىممۇ يوق، مەن پەقەت رىقابەتچىمنى ياش تۆككۈزىمەن. بىز ناۋادا ۋاز كەچكەن بولساق، ئالدىنقى 15 يىلدا، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ مىڭ قېتىملاپ پۇرسەتتىن ۋاز كەچكەن بولاتتۇق. پەقەت ئازراق چىدىۋەتسەكلا، ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىككە شۇنداق دېمەكچىمەنكى، كەلگۈسىڭلاردىن ئۈمىدۋار بولۇڭلار، ئاكتىپ پۇرسەت ئىزدەڭلار، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭلار ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەڭلارغا ئېلىڭلار. 
   كەلگۈسى 30 يىلدا، ھەرقانداق كەسىپتە ‹‹يېڭىلىق يارىتىش››تىن ئىبارەت بۇ سۆز كەم بولمايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىنىڭ يادروسى. سىز چوقۇم مەن قانداق قىلسام باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قىلالايمەن، ئوخشىمايدىغان قىلسام، كىملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، بۇنداق سوئاللارنىڭ تۇغۇلۇشىنى توغرا چۈشىنىمەن. مەن كۆپچىلىككە سوغۇق سۇ سەپمەكچى ئەمەسمەن، ئىگىلىك تىكلەش بىر تولىمۇ مۇشەققەتلىك يول، كۆپچىلىكنى رايىنى ياندۇرغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ھەربىرەيلەننىڭ ئۆزىگە خاس تاللىشى بولغاچقىلا، بۇ دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭىدۇ، ناۋادا بۇ ئادەملەرنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسىڭىز بەئەينى بىر پاي چېكى سېتىۋالغىنىڭىزغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇلارغا ئەگەشسىڭىز، ئۇلارغا ياردەم بەرسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا ئۆزىڭىزنىڭ پاي چېكى بولغىنىدا، ئەتراپىڭىزدا بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى غايىسى ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقانلىقىغا قاراپ قويۇڭ. بۈگۈن ئاساسلىقى كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقچى، مەن بىرلا ئادەم سۆزلىسەم بولمايدۇ، ماڭا يەنە ئۈچ كۈن ۋاقىت بېرىلسىمۇ سۆزۈم تۈگىمەيدۇ، چۈنكى ئىگىلىك تىكلەشتە جاپا-مۇشەققەتلەرمۇ، يۈرەككە يىغىلىپ قالىدىغان گەپلەرمۇ كۆپ بولىدىغان گەپ. مەن كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ھۇزۇرىنى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت. 

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى