نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

سەلتەنەتلىك ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتى

سەلتەنەتلىك ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتى

ۋاقتى: 2015-04-22 ئاۋاتلىقى: 3594 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى 8-چوڭ مەسچىت: ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتى

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي


ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇزابى شەھىرىدە بولۇپ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپا كۆۋرۈكى بىلەن ماجدە كۆۋرۈكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۇ مەسچىت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ناماياندە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسچىت 2007-يىلى قۇربان ھېيتتا پۈتۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بويىچە ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە 8-چوڭ مەسچىت ھېسابلىنىدۇ.


ئەبۇزەبى مەسچىتىنىڭ تولۇق نامى ‹‹شەيخ زاھىد بىن سۇلتان نەھيان مەسچىتى›› بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۇنجى خەلىپىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ مەسچىتنى يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ مەرھۇم خەلىپىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان، دېيىشكە بولىدۇ، مەسچىت ئىچىدە ئۇنىڭ قەبرىسى بار. شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسچىتنىڭ نامى بۇ مەرھۇم خەلىپىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. شۇ يەرلىك كىشىلەر ئاددىيلا قىلىپ چوڭ مەسچىت دەپ ئاتىشىدۇ.
بۇ مەسچىتنىڭ لايىھەسىدە قويۇق ئىسلام ئۇسلۇبى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق مەسچىتلەرنىڭ ئالاھىدە تەرەپلىرى ئۆرنەك قىلىنغان. بۇ مەسچىتنىڭ لايىھەلىگۈچىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىتالىيە، گېرمانىيە، ماراكەش، تۈركىيە، ئىران، ھىندىستان، جۇڭگو، گرېتسىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن، شۇ ۋەجىدىن بۇ مەسچىتتە خەلقئارالاشقان بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتىنىڭ كۆلىمى 22 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، 82 يەردە ئايلانما گۈمبەز لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئاساسىي گۈمبەزنىڭ ئېگىزلىكى 85 مېتىر كېلىدۇ، بېزەك ئالتۇن تۈۋرۈكتىن 1100 ى بار. بۇ مەسچىتتە بىرلا ۋاقىتتا 40 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ. پولغا بوياقلار، رەڭدار نەقىشلەردىن باشقا، يەنە سېلېستىت (ھاۋارەڭ تاش)، قىزىل ھېقىق، سۆسۈن كۋارتىس، سەدەب قاتارلىق تەبىئىي ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن.
بۇ مەسچىتكە جەمئىي بەش مىليارد 500 مىليون (تەخمىنەن 35 مىليارد 750 مىليون خەلق پۇلىغا باراۋەر) ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كەتكەن، پەقەت ئالتۇندىنلا 46 توننا ئالتۇن سەرپ قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن قۇرۇلۇش گرېتىسيەنىڭ ئاق مەرمەر تاشلىرى بىلەن ئورالغان بولۇپ، تولىمۇ سەلتەنەتلىك كۆرۈنىدۇ. مەسچىتتىكى نەپىس ئويمىلارنى جۇڭگونىڭ نەققاشلىرى ئىشلىگەن. ئاساسىي ساراينىڭ ئىچىدىكى پارس گىلىمى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قولدا توقۇلغان گىلەم ھېسابلىنىدۇ، بۇ گىلەمنىڭ كۆلىمى 5627 كىۋادرات مېتىرغا، ئېغىرلىقى 47 توننىغا يېتىدۇ، پۈتۈش باھاسى 580 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئىرانلىق 1200 نەپەر ئىشچى 38 توننا قوي يۇڭىدا بىر يېرىم يىلدا توقۇپ بولغان. كىشىنىڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، شۇنچە يوغان گىلەمنىڭ بىر يېرىدىمۇ ئۇلانغان ئىزى يوق. سارايغا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەتتە دانە ئالتۇن يالىتىلغان تۇچ خرۇستال ئاسما چىراغ ئېسىلغان بولۇپ، گېرمانىيەدە بۇيرۇتۇپ ياسالغان، پۈتۈش قىممىتى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. نۆۋەتتە بۇ مەسچىتتىكى چىراغلار چوڭلۇقى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.
ئەزان ئوقۇش مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 107 مېتىر كېلىدۇ، بۇ ئالتۇن مۇنارنىڭ ئۇچى تولىمۇ رەڭدار ۋە نۇرلۇق كۆرۈنىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتىدە بىرلا قېتىمدا 40 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ. مۇسۇلمانلار بىلەن باشقا دىندىكىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ مەسچىت 2008-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. ئۇ پۈتۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىردىنبىر سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن مەسچىت. بۇ مەسچىتنى ساياھەت قىلماقچى بولغانلار چوقۇم ئايىغىنى سېلىۋېتىشى، ئاياللار چوقۇم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قارا كىيىمىنى كىيىشى كېرەك.

تۆۋەندە ئەبۇزەبى مەسچىتىنىڭ مەنزىلىرىدىن ھۇزۇرلىنايلى!









































بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى