نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش جەريانى

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش جەريانى

ۋاقتى: 2015-10-09 ئاۋاتلىقى: 4652 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش جەريانى


تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي





   پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىدىغان نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش جەريانى تۆۋەندىكى يەتتە باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

   بىرىنچى، ھەر يىلى 9-ئايدىن كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تۈرلۈك نوبېل مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلار قوبۇل قىلىنىدۇ. ئادەتتە ھەر يىلى تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلار 1000 دىن 2000 غىچە ئەتراپىدا بولىدۇ.

  ئىككىنچى، نامزاتلارنى تەۋسىيە قىلغۇچلار نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، نوبېل تىنچلىق كومىتېتى، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پىروفېسسورلىرى، نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىرى (ئەدەبىيات مۇكاپاتى)، خەلقئارا يىغىن ۋە تەشكىلاتلار (تىنچلىق مۇكاپاتى) بولۇشى كېرەك. 
   ئۈچىنچى، ئۆز-ئۆزىنى تەۋسىيە قىلىشقا بولمايدۇ.
   تۆتىنچى، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنىڭ باھالاش خىزمىتىگە ئارىلىشى ھوقۇقى يوق، بۇ ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلارنى قوللىشىغا ياكى قارشى تۇرۇشىغا بولمايدۇ.
   بەشىنچى، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلارنى تاللاش، بېكىتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، خىزمەت ئەھۋالى قاتتىق مەخپىي تۇتۇلىدۇ.
   ئالتىنچى، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈرلۈك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ.

   يەتتىنچى، 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبېلنىڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى، بۇ كۈنى ستوكھولم ۋە ئوسلودا ئايرىم-ئايرىم ھالدا داغدۇغىلىق نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۋېتسىيە پادىشاھى مۇراسىمغا قاتنىشىدۇ ھەمدە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىدۇ.





بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى