نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيادىكى 16 چوڭ ھەقسىز مۇزېيغا نەزەر

دۇنيادىكى 16 چوڭ ھەقسىز مۇزېيغا نەزەر

ۋاقتى: 2015-05-22 ئاۋاتلىقى: 4235 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى 16 چوڭ ھەقسىز مۇزېيغا نەزەر
 توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
    18-ماي دۇنيا مۇزېي كۈنى بولۇپ، بىز بىرلىكتە دۇنيادىكى بىر قېتىم بېرىشقا ئەرزىيدىغان داڭلىق ھەقسىز مۇزېيلارنى كۆرۈپ باقايلى!

    نيۇيورك مېتروپولىس مۇزېيى
    بۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇزېي بولۇپ، كۆلىمى 130 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، مۇزېيدا ساقلانغان بۇيۇملارنى سانى ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ.

    ئەنگلىيە بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيى
    بۇ مۇزېي 1753-يىلى لوندوندا قۇرۇلغان بولۇپ، تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال مۇزېي، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ داڭلىق مۇزېيلارنىڭ بىرى. مۇزېيدا جەمئىي سەككىز مىليوندىن ئارتۇق بۇيۇم ساقلانغان.

    لوس ئانژېلېس گېتې مەركىزى
   بۇ ئامېرىكىدىكى باغچىسىمان قۇرۇلۇش بولۇپ، نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ يەردە 19-ئەسىردىكى ياۋروپا رەسساملىقىدىكى ئەسەرلەر، ئامېرىكىلىق فوتوگرافلارنىڭ ئەسەرلىرى، ھەيكەلتىراشلىق ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ساقلانغان.   

    پارىژ لوۋېر سارىيى   
    بۇ فىرانسىيە، ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مۇزېيلارنىڭ بىرى. بۇ مۇزېيدا 35 مىڭدەك بۇيۇم ساقلانغان.
 
    جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيى

    بۇ مۇزېي جۇڭگو بېيجىڭدا بولۇپ، بىر مىليوندەك بۇيۇم ساقلانغان.


    ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى، ئاۋىياتسىيە مۇزېيى
    بۇ مۇزېي ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە بولۇپ، تۈرلۈك ئايروپىلان، راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئالەم كېمىسى، شۇنداقلا داڭلىق ئۇچقۇچى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەر ساقلانغان.

    ئەنگلىيە كوۋېنترى قاتناش مۇزېيى
    بۇ ئەنگلىيەنىڭ كوۋېنترىدىكى بىر مۇزېي بولۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر قاتناش مۇزېيى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇزېيدا 240 تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، سودا ئاپتوموبىلى ۋە ئاممىۋى ئاپتوبۇس، 19 دانە موتوسىكلىت، 200 دانە ۋېلسىپىت، 25مىڭ دانە ئاپتوموبىل مودېلى ۋە بىر مىليونغا يېقىن ئارخىپ ۋە ئۆتكۈنچى بۇيۇملار ساقلانغان.

    ئاۋسترالىيە نىكولسون مۇزېيى
    بۇ مۇزېي ئاۋسترالىيەنىڭ سېدنېي شەھىرىدە بولۇپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ قەدىمىي مۇزېي، شۇنداقلا جەنۇبىي يېرىم شاردىكى قەدىمىي نەرسىلەر ئەڭ كۆپ ساقلانغان مۇزېي ھېسابلىنىدۇ.

    لوندون تەيت زامانىۋى سەنئەت سارىيى
    بۇ ساراي ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەتلىك خەلقئارا زامانىۋى سەنئەت مۇزېيى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سارايدا 1900-يىللىرىدىكى بۇيۇملار ساقلانغان.

    بېرلېن دەيملېر زامانىۋى سەنئەت سارىيى
    بۇ ساراي گېرمانىيەنىڭ بېرلېندا بولۇپ، 1977-يىلى قۇرۇلغان، مۇزېيدا 600 دىن ئارتۇق داڭلىق سەنئەتكارنىڭ 1800 دىن ئارتۇق سەنئەت ئەسىرى ساقلانغان.

    ئامېرىكا تەبىئەت تارىخى مۇزېيى
    1869-يىلى قۇرۇلغان بۇ مۇزېي ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە بولۇپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەبىئەت تارىخى مۇزېيلىرىنىڭ بىرى.

    ۋاتىكان مۇزېيى
    بۇ مۇزېي ۋاتىكاندا بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەسەرلەر ساقلانغان.

    ئامېرىكا ئاساسىي قانۇن مۇزېيى
    بۇ مۇزېي ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە بولۇپ، بىر ‹‹ئاساسىي قانۇن›› ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتنى تونۇشتۇرىدىغان مۇزېي.

    ئەنگلىيە دۆلەتلىك پۇتبول مۇزېيى
    بۇ مۇزېي ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېردا بولۇپ، پۇتبولغا ئائىت بارلىق بىلىملەرنى بۇ يەردە بىلگىلى بولىدۇ، بۇ يەردە 140 مىڭدىن ئارتۇق بۇيۇم ساقلانغان.

    بىرازىلىيە ئافرىقا مۇزېيى
    بۇ مۇزېي بىرازىلىيەنىڭ سانپاۋلودا بولۇپ، ئافرىقا مەدەنىيىتىنىڭ بىرازىلىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. بۇ مۇزېيدا 6000 دىن ئارتۇق سەنئەت ئەسىرى ساقلانغان.

    

    ئامېرىكا روسكوۋ چېركاۋى

    بۇ چېركاۋ ئامېرىكىنىڭ ھيوستوندا بولۇپ، دىن، مەزھەپ ھالقىغان چېركاۋ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چېركاۋ يەنە زامانىۋى سەنئەت سارىيى بولۇپ، 1971-يىلى ئېچىۋېتىلگەن.

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى