نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى ۋە ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورى بارلىققا كەلدى

‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى ۋە ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورى بارلىققا كەلدى

ۋاقتى: 2015-12-22 ئاۋاتلىقى: 6969 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى رەسمىي نەشر قىلىندى ۋە ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورى رەسمىي قوزغىتىلدى


ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېڭ جېنشەن مۇراسىمدا ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورىنى بىرلىكتە قوزغاتتى.


تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2015-يىلى 22-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنال تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى، ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورى رەسمىي قوزغىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېڭ جېنشەن مۇراسىمغا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 4-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) مەسئۇل بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنى ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنال بىلەن ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورىنى قۇرۇش خىزمىتىگە تەشكىللىگەن. يېقىندا، ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى بىلەن ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)غا ۋىۋىسكا ئېسىپ رەسمىي قۇرۇلغان.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئېلىجان ئىنايەت مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى بىلەن ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئەربابلار ۋە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا يۈزلەنگەن، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەل راينى يەتكۈزىدىغان، توغرا ئىشلارغا يېتەكلەيدىغان، پارتىيە-ھۆكۈمەت بىلەن كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم سۇپا. ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، قانۇن-بەلگىلىمىلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ، تىپىك شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار مۇھىم ئۇچۇرلار ۋە مۇھىم پائالىيەتلەر خەۋەر قىلىنىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىناقلىقىدىكى يېڭى نەتىجىلەر، يېڭى قىياپەتلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ.

ئالاقىدار ئورۇنلار نەق مەيداندا ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلىنى تاپشۇرۇۋالدى.

ئىگىلىنىشىچە، ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى ھەقسىز تارقىتىلىدىغان (قوش ئايلىق) ئىچكى ژۇرنال بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىدىكەن. ئاساسلىقى شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئەربابلىرى، مەسچىتلەر، مۇسۇلمان ئاممىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك بىرلىكسەپ، مىللەتلەر ئىشلىرى، ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرى، دىنىي كۇرسلار (نۇقتىلار)، شۇنداقلا مىللەت، دىنغا ئالاقىدار تارماقلارغا تارقىتىلىدىكەن. نۆۋەتتە، ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ ھەر سانىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 60 مىڭ نۇسخا، خەنزۇچىسىنىڭ 10 مىڭ نۇسخا، قازاقچىسىنىڭ 10 مىڭ نۇسخا بولىدىكەن. بۇ ژۇرنالدا جەمئىي 10 سەھىپە تەسىس قىلىنغا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە مۇقىم سەھىپە، ئۈچ ھەرىكەتچان سەھىپە.

‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە بەتلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ، تور بەت ئادرېسى: www.xjmuslim.com بولۇپ، تور بەتتە جەمئىي 10 سەھىپە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار: ‹‹خەۋەرلەر مەركىزى››، ‹‹سىياسەت، قانۇن-بەلگىلىمىلەر››، ‹‹مۇسۇلمانلار تۇرمۇشى››، ‹‹مەدەنىيەت-سەنئەت››، ‹‹ئىسلام دىنى ئاساسىي بىلىملىرى››، ‹‹ۋەز-تەبلىغلەر››، ‹‹ھەج ئىشلىرى››، ‹‹مەخسۇس سەھىپە››، ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلىنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورىنىڭ قوزغىتىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش، دىنىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ‹‹بەش ئاچقۇچ››تىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ھەققانىيەت ئارقىلىق بېسىم پەيدا قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق چەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ قوغداشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ بىرلىكسەپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش، جۇڭگوچە يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشتا باسقان مۇھىم قەدەم بولۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، مۇھىم ئۇچۇرلارنى تېزلىكتە يەتكۈزۈش، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەشنى بىر يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ.


ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلىنى تەقدىم قىلدى.


يىغىن نەق مەيدانى


يىغىن نەق مەيدانى


يىغىن قاتناشچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى