نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (33)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (33)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3627 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ـــ 33) 
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى 
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي   
يەتتىنچى بۆلۈم سىلۋېرنىڭ ۋاستىسى    
ئالتىنچى باب سىلۋېر پۈتۈنلەي تۈگەشتى
 
    دېڭىز قاراقچىلىرى قۇپقۇرۇق ئازىگالغا قارىشىپ بۇتتەك قېتىپ قېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن سىلۋېر ئېسىنى تاپتى. ئۇ تېخى بايىلا بايلىقلارنى ئويلاۋاتاتتى، ئەمدى دەرھال پىلانىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى چۈشەندى.
    ـــ جىم، ـــ دېدى ئۇ ماڭا پەس ئاۋازدا، ـــ بۇنى ئېلىپ ئۆزۈڭنى قوغداشقا تەييار بول.
    ئۇ گەپ قىلۋېتىپ ماڭا بىر قوش ئاتار تاپانچا ئۇزاتتى.
    ئارقىدىنلا ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك شىمال تەرەپكە سۈرۈلدى. بۇنداق بولغاندا ئازگال بىز ئىككىمىزنى ئاۋۇ بەش قاراقچىدىن ئايرىۋېتەتتى. ئاندىن ئۇ ماڭا قاراپ باش لىڭشىتتى، قىياپىتى ناھايىتى دوستانە كۆرۈنەتتى.
    ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئىپادىسى مېنى بىزار قىلىپ قويدى. مەن پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا:
    ـــ يەنە قىياپىتىڭنى ئۆزگەرتمەكچىكەنسەندە، ـــ دېدىم.
    سىلۋېر جاۋاب بەرمىدى. قالغان دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھەممىسى نىمىلەرنىدۇ تىللىغىنىچە ئازگالغا سەكرەپ چۈشۈپ قوللىرى بىلەن ئوت چۆپلەرنىڭ ئارسىنى سىلاشتۇرۇشقا باشلىدى. مورگان بىرتال ئالتۇن پۇل تېپىۋالدى. ئۇ تىللىغىنىچە ئالتۇن تەڭگىنى قولىغا ئىلىپ باشقا قاراقچىلارغا سۇندى.
    ـــ بۇ دەل سەن ئېيتقان قىممىتى 700 مىڭ فوندسىتېرلىڭلىق بايلىقمۇ؟ ـــ دېدى مېرري سىلۋېرغا قولىدىكى ئالتۇن تەڭگىنى ئالقىنىدا ئوينىتىپ تۇرۇپ. ئۇ زەردە بىلەن ۋارقىرىدى، ـــ بۇ سەن قىلغان سودىما؟ ھۇ كارغا كەلمەس قېرى.
    ـــ داۋاملىق كولاڭلار، بىرنەچچە تال ياڭيو تېپىۋالامسىلەر تېخى، ـــ دېدى سىلۋېر مەسخىرە ئارىلاش.
    ـــ بۇرادەرلەر، ـــ دەپ ھۆركىرىدى مېرري، ـــ ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئۇ مۇشۇنداق بولۇشىنى بۇرۇنلا بىلگەن. ئۇنىڭ چىرايى ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    ـــ مېرري، سېنىڭ يەنە كاپىتان بولغۇڭ كەپتۇ-دە؟
    بۇ قېتىم ھەممىسى مېرري تەرەپكە ئۆتۈپلا كەتتى. ئۇلار ئۆمىلەپ چىقىپ ئازگالنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ سىلۋېر ئىككىمىزگە ياۋۇزلارچە تىكىلدى.
    بىز مۇشۇنداق تىركىشىپ تۇرۇپ قالدۇق، ھېچكىم ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. سىلۋېر ھاسىسىغا تايىنىپ ئۆرە تۇرغىنىچە ئۇلارغا تىكىلگەن بولۇپ تۇرقى ئىلگىرىكىدەكلا سالماق ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن قورقۇمسىز كىشى بولۇپ، بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايتتى. ئاخىرى مېرري ئېغىز ئاچتى.
    ـــ بىرى بىزنى ئالدىغان قېرى چولاق، بىرى سېرىق تۈك ھارىمى، ـــ دېدى ئۇ ھۆركىرەپ، ـــ يەنە نېمىنى ساقلايمىز، بىز...
    ئۇ قورالىنى كۆتۈرۈپ بىزگە باشلامچىلىق بىلەن ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. تۇيۇقسىز ‹‹پاڭ! پاڭ! پاڭ!›› قىلىپ ئېتىلغان ئۈچ قېتىملىق مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى. مېرري ئازگالغا باشچىلاپ يېقىلدى، بېشىنى تېڭىۋالغان ھېلقى ئەبلەخمۇ پىرقىراپ ئازگالغا يېقىلىپ بىردەم جان تالاشقاندىن كېيىن جىمىپ قالدى. قالغان ئۈچى قورققىنىدىن بېشىنى ئېلىپ قاچتى.
    ئارقىدىن سىلۋېر ئازگالدا تېخىچە جان تالىشىۋاتقان مېرريغا تاپانچىسىدىن ئىككى پاي ئوق ئۈزدى. مېرري جان ئۈزگىچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇردى.
    ـــ گىئورگى، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ سەن ئاخىرى ئاغزىڭنى يۇمدۇڭ.
    مەن دوختۇر لىۋېس، گراي ۋە بېن گوئىنلارنىڭ ئورمانلىقتىن بىزگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. قولىدىكى مىلتىقنىڭ ئۇچىدىن ئىس چىقىۋاتاتتى.
    ـــ تېز قوغلايلى، ـــ دەپ توۋلىدى دوختۇر، ـــ ئۇلارنى تېز توسۇۋالايلى، قېيىقنى ئەپ قاچمىسۇن.
    بىز بىرلىكتە دېڭىز قىرغىقىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردۇق. سىلۋېر ھاسىسىغا تايانغىنىچە جېنىنىڭ بارىچە دىڭگوسلاپ ئەگەشتى.
    ـــ دوختۇر، ئالدىرىماڭ، ئۇياققا قاراڭ، ـــ دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.
    راست ئالدىراشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى. ھايات قالغان ئۈچ قاراقچى دەسلەپ كەلگەن يۆلىنىشكە قاراپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. بىز ئۇلار بىلەن قېيىق ئوتتۇرىلىقىغا بېرىپ قالغان ئىدۇق. ئەسلى ئۇلار قورقۇپ كەتكىنىدىن قېيىققا چىقىشنى تامامەن خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىكەن.
    شۇنىڭ بىلەن تۆتىمىز يەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئالدۇق. سىلۋېرمۇ ئاستا ئەگىشىپ كەلدى.
    ـــ كۆپ رەھمەت سىزگە، دوختۇر، ـــ دېدى ئۇ، ـــ سىز بولمىغان بولسىڭىز جىم ئىككىمىز تۈگەشكەن بولاتتۇق. ئوۋ، بېن گوئىن بۇ سەنمۇ؟ ئوبدان قىلدىڭ.
    ـــ شۇنداق، مەن بېن گوئىن، ـــ دېدى ئۇ جاۋاب بېرىپ. بېن گوئىن ئوڭايسىزلانغاندەك خېلى ئۇزۇن تۇرغاندىن كېيىن سورىدى، ـــ ياخشىمۇ سەن، سىلۋېر ئەپەندىم؟
    ـــ بېن، ـــ دېدى سىلۋېر ئۆز-ئۆزىگە، ـــ بۇ ئەسلى سەن قىلغان ياخشى ئىشكەندە.
    دوختۇر گراينى ئەۋەتىپ دېڭىز قاراقچىلىرى چۈشۈرۈپ قويغان بىر جوتونى ئەكەلدۈردى. ئاندىن بىز بىرلىكتە ئاستا قېيىق توختىلىغان يەرگە قاراپ ماڭدۇق.
    يول بۇيى دوختۇر بىزگە يېقىندا بولغان ئىشنىڭ جەريانىنى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردى. ۋەقەدىكى باش رولچى مەزكۇر ئارالغا سۈرگۈن قىلىنغان بېن گوئىن ئىدى.
    ئەسلى بېن گوئىن ئارالغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز ئارالنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ھېلقى ئىسكىلىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ھەم ئىسكىلىتنىڭ يىنىدىكى بارلىق نەرسىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بايلىق كۆمۈلگەن جاينى بايقاپ ئالتۇن-كۈمۈش، گۈھەرلەرنىڭ ھەممىنى كولاپ چىقىرىپتۇ. ئازگالدىكى سىپى سۇنغان جۆتە بېن گوئىننىڭ ئىكەن. ئۇ ‹‹گىسپانولا›› ناملىق كېمە يېتىپ كېلىشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى بايلىقلارنىڭ ھەممىنى بىخەتەر ھالدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان تاغ ئۆڭكۈرىگە يۆتكەپ كەپتۇ.
    دېڭىز قاراقچىلىرى ياغاچ قورولغا ھۇجۇم قىلغان كۈنى دوختۇر بېن گوئىننىڭ ئاغزىدىن بۇ سىرنى ئۇقۇپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن دوختۇر كېمىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ سىلۋېرنى ئىزدەپ بېرىپ كېرەكسىز قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان خەرىتىنى سىلۋېرغا بېرىشكە قوشۇلۇپتۇ ھەم لازىملىق تەمىناتلارنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپتۇ. چۈنكى بېن گوئىن ئۆڭكۈرگە كۆپ مىقداردا ئۆچكە گۆشى غەملىۋالغان ئىكەن. ئاخىرىدا ئۇلار ياغاچ قورولدىن بىخەتەر ئايرىلىپ قوش چوققىلىق تاغقا يۆتكىلىپتۇ. بېن گوئىن تۇرۇۋاتقان ئۆڭكۈر شۇ تاغدا ئىكەن.
    ـــ سېنىڭ بىلەن كارىمىز يوق ئەمەس، جىم، ـــ دېدى دوختۇر، ـــ بىز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىساق بولمايدۇ، سەن بولساڭ ئۆزۈڭ قېچىپ چىقىپ كەتتىڭ، ئەينى چاغدا ساڭا خەۋەر قىلىشقا ئامالسىز ئىدۇق.
    بۈگۈن ئەتىگەن ئۇلار دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ بايلىقلارنى كولاشقا تەييارلانغانلىقىنى بايقاپتۇ. دوختۇر ئەسلى دېڭىز قاراقچىلىرىنى قۇرۇق ماڭغۇزۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىكەن. بىراق مېنى ئېلىۋالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال تېز يۈرەر بېن گوئىننى ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشقا ئەۋەتىپتۇ. ئاندىن ئۇ ترېلاۋنىي ئەپەندىمنى كاپىتانغا قاراشقا قالدۇرۇپ، ئۆزى گراينى ئېلىپ چوڭ دەرەخ تەرەپكە قاراپ راۋان بوپتۇ. بېن گوئىن دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ خۇراپىي پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى قورقۇتۇپتۇ ھەم بۇ چارىسى ناھايىتى ئەسقېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ دوختۇر بىلەن گراي دېڭىز قاراقچىلىرى كېلىشتىن ئاۋۋال يوشۇرۇنۇپ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ.
    ـــ ئەھۋالدىن قارىغاندا، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ تەلىيىمگە مەن جىم بىلەن بىللە تۇرۇپتىمەن، بولمىسا سىلەرنىڭ ئوقۇڭلارنى يەپ ئۆلەركەنمەن.
    ـــ توغرا، بىز راستتىنىلا شۇنداق قىلىشنى ئويلىغان، ـــ دەپ جاۋاب بەردى دوختۇر يۇقىرى ئاۋازدا.
    بۇ چاغدا بىز قېيىق توختىتىلغان يەرگە يېتىپ باردۇق. دوختۇر جوتو بىلەن قېيىقنىڭ بىرىنى چېقىۋەتتى. ھەممىمىز يەنە بىرىگە ئولتۇرۇپ شىمال تەرەپتىكى قولتۇققا قاراپ پالاق ئۇردۇق. قوش چوققىلىق تاغدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ قولىغا تۈز ئىستىۋوللۇق مىلتىق كۆتۈرۈپ ئۆڭكۈر ئېغىزىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ترېلاۋنىي ئەپەندىم ئىدى. بىز قولىمىزنى پولاڭلىتىپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردۇق ھەم ۋارقىرىدۇق. سىلۋېرمۇ بىزگە ئوخشاش جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرايتتى.
    يەنە ئۈچ مىل ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن شىمال تەرەپتىكى قولتۇقنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يىتىپ كەلدۇق. قولتۇققا كىرىپلا ‹‹گىسپانولا›› ناملىق كېمىنىڭ دېڭىزدا لەيلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ئەسلىدە تاشقىن سۈيىنىڭ زەربىسىدە كېمە تېيىز سۇدىن ئاجراپ دېڭىزغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى كۈچلۈك شامال ۋە جىددىي ئېقىنغا ئۇچرىماپتۇ. بولمىسا بۇيەردىن كېتىپ قالغان ياكى خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتكەن بولاتتى–دە، ئۇنى ھەرگىز تاپالمايتتۇق.
    بىز يەنە بىر لەڭگەرنى سۇغا تاشلاپ كېمىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن قېيىققا ئولتۇرۇپ قىرغاققا ماڭدۇق. قىرغاققا چىققاندىن كېيىن گراينى كېمىگە قاراشقا ئەۋەتىپ، قالغانلار بېن گوئىننىڭ تۇرالغۇسى بولغان ئۆڭكۈرگە ماڭدۇق.
    بىز ئۆڭكۈرنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى بىر قەدەر تەكشى يانتولۇققا قەدەم قويدۇق. ترېلاۋنىي ئەپەندىم بۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ماڭا ناھايىتى خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىپ ئىلگىرىكى ئىشلارنى پەقەتلا تىلغا ئالمىدى. ئەمما سىلۋېر ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلەن سالام بەرگەن چاغدا ئۇ ناھايىتى غەزەپ بىلەن:
    ـــ سىلۋېر، سەن ئۇچىغا چىققان ئالدامچى. باشقىلار ماڭا سېنى تەڭقىسلىقتا قويماسلىقنى ئېيتقان ئىدى، بوپتۇ، سېنى كەچۈرەي، بىراق، سەن زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆلتۈرگەن كىشىلەر سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ، ـــ دېدى.
    ـــ رەھىم-شەپقىتىڭىزگە رەھمەت، ـــ دەپ جاۋاب بەردى سىلۋېر، ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە بىر سالام قىلدى.
    ـــ ماڭا سېنىڭ رەھمىتىڭ كېرەك ئەمەس! ـــ دېدى ترېلاۋنىي ئەپەندىم يول بېرىپ، ـــ ئۆڭكۈر ئىچىگە كىر.
    بىز ئۆڭكۈرگە كىردۇق. بۇ يەر ھەم كەڭ ھەم ئازادە بولۇپ شامال ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئۆڭكۈر ئىچىدە بۇلاق سۈيى ۋە سۇ يىغىلىدىغان كىچىك كۆلچەك بار ئىدى. كاپىتان سىمولېت گۈلخاننىڭ يېنىدا ياتاتتى. ئوت يورۇقى خېلى يىراقتىكى بىر بولۇڭنىمۇ يورۇتۇپ تۇراتتى. بۇلۇڭدا خېلى كۆپ مىقداردا ئالتۇن-كۈمۈش تىللا ۋە زىخچە ئالتۇنلار دۆۋىلىنىپ تۇراتتى. بۇ دەل بىز نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىن ئىزدەپ كەلگەن بايلىقلار ئىدى. نۇرغۇن كىشى بۇ بايلىقلار ئۈچۈن جىنىنى سېلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇلاردا قانچىلىغان ئادەمنىڭ قان ۋە كۆز ياشلىرى ئۇيۇپ قالغان ئىدى.
    ـــ جىم، بۇياققا كەل، ـــ دېدى كاپىتان، ـــ گەرچە سەن ياخشى بالا بولساڭمۇ بىراق كېلەركى نۆۋەت ھەرگىز سېنى ئېلىپ دېڭىزغا چىقماسلىقىنى قارار قىلدىم. سەن بەك ئۆز بېشىمچى ئىكەنسەن. مەن بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تاقەت قىلالمايمەن. جون سىلۋېر، سەن نېمە قىلغىلى كەلدىڭ؟
    ـــ قايتىپ كېلىپ بۇرۇنقى خىزمىتىمنى قىلماقچىمەن. ئەپەندىم، ـــ دەپ جاۋاب بەردى سىلۋېر.
    ـــ شۇنداقمۇ؟ ـــ دېدى كاپىتان. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ باشقا گەپ قىلمىدى.
    بۇ كۈنى كەچلىكى مەن دوستلىرىم بىلەن بىللە تاماق يېدىم. بۇ، مەن ئەڭ مېزىلىك تاماق يېگەن بىر قېتىم ئىدى! بېن گوئىن سۈرلەپ تەييارلىغان قوي گۆشى، ‹‹گىسپانولا››دىن ئىلىپ كېلىنگەن يىللاپ ساقلانغان ئۈزۈم ھارىقى ئىشتىھايىمنى ئېچىۋەتتى. سىلۋېرمۇ بىزدىن يىراقتا ئولتۇرۇپ ئېچىلىپ-يېيىلىپ يېگىلى تۇردى. ئۇ باشقىلارغا نېمە كېرەك بولسا شۇئان بېرىپ ئېلىپ كېلەتتى. قىسقىسى، ئۇ ئىلگىرىكى قىزغىن، خۇشخوي ئاشپەزگە ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى