دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
-
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
ۋاقتى: 2015-12-31 ئاۋاتلىقى: 4139 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 31-دېكابىر تېلېگراممىسى: يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق 2016-يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
يەنە بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، يېڭى يىلنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىدۇ. بىز 2015-يىلى بىلەن خوشلىشىپ، 2016-يىلىدىكى تۇنجى قۇياشنى كۈتۈۋالىمىز. بۇ كونىنى ئۇزىتىپ، يېڭىنى كۈتۈۋېلىش پەيتلىرىدە، مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايوندىكى دوستلارغا، يېڭى يىللىق سالام يوللايمەن.جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق. 2015-يىلى، جۇڭگو خەلقى نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى، ئېرىشكەن نەتىجىلەرمۇ كۆپ بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى داۋاملىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى، ئىسلاھاتقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئەدلىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، <<ئۈچتە كەسكىن، ئۈچتە ئەمەلىي>> بولۇش مەخسۇس تېمىدىكى تەربىيە سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ ياخشىلىنىشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق تىرىشىپ، <<12-بەش يىللىق پىلان>>نى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى شەكىللەندى.بۇ بىر يىلدا، بىز جۇڭگو خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، كاتتا پارات ئۆتكۈزۈپ، ھەققانىيەتنىڭ، تىنچلىقنىڭ، خەلقنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ھېس قىلدۇردۇق. بىز ئىسلاھات ۋە كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىدىغىنىمىزنى جاكارلىدۇق. مەن ما يىڭجيۇ ئەپەندىم بىلەن سىنگاپوردا ئۇچرىشىپ، 66 يىل ھالقىغان قول كۆرۈشۈشنى رېئالىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە تىنچ تەرەققىياتنىڭ ئىككى قىرغاقتىقى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدىم.بۇ بىر يىلدا، بېيجىڭ 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى پۇل سېۋىتىگە كىردى، مەملىكىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى ئومۇميۈزلۈك قوراشتۇرۇلۇپ يولغا چىقتى، جۇڭگونىڭ سۇپېر كومپيۇتېرى ئۇدا ئالتە قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. مەملىكىتىمىز ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇتۇق ماددا تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى بوشلۇققا قويۇپ بېرىلدى، تۇ يوۋيوۋ مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم بولۇپ قالدى...... بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت قەتئىي چىڭ تۇرساقلا، ئارزۇلارنى رېئالىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.بىزنىڭ پەقەت بىرلا يەرشارىمىز بار، بۇ ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ماكانى. بۇ بىر يىلدا، دۆلىتىمىز رەھبەرلىرى نۇرغۇن خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىپ، نۇرغۇن دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، <<بىر بەلباغ، بىر يول>> قۇرۇلۇشىنىڭ ئاكتىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشى تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خەلقئارا ئىشلارغا قاتناشتى. دۇنيا شۇنچىۋالا چوڭ بولغانىكەن، مەسىلىلەرمۇ كۆپ بولىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ساداسىنى ئاڭلاشقا، جۇڭگونىڭ لايىھەسىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار، جۇڭگو كەم بولسا بولمايدۇ. مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ۋە ئۇرۇش رايونلىرىدىكى كىشىلەرگە بىز ئېچىنىمىز ۋە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمىز، تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولىمىز ۋە ھەرىكەتلىنىمىز. جۇڭگونىڭ باغرى دۇنياغا مەڭگۈ ئوچۇق، شۇنداقلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، بىزنىڭ <<دوستلار چەمبىرىكى>>مىزنى بارغانسېرى كېڭەيتىمىز.مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، تىنچ ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ، قارشىلىشىشنى ھەمكارلىققا، ئۇرۇشنى تىنچلىققا ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئورتاق بەھرلىنىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.كۆپچىلىككە رەھمەت!(قىسمەن قىسقارتىلدى)توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ما يۈننىڭ شياڭگاڭ ياشلىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقى
2015-08-31 16:34:325585كىم جوڭئۇن بىر مىنىستىرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى
2015-05-13 11:51:413509ئامېرىكىنىڭ كونا پاسوندىكى ماشىنىلىرى
2015-03-31 12:21:484052‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (3)
2015-07-22 10:52:045151ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى
2015-05-21 09:51:434662شىنجاڭ پۇل تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە ئايرىلىشى
2015-04-06 14:27:505745دۇنيادىكى ئەقىل بۆلۈنمىسى 350 تىن يۇقىرى 10 مەشھ
2016-03-14 01:52:284704شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتل
2015-07-30 10:43:055107
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-