نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ما يۈننىڭ شياڭگاڭ ياشلىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقى

ما يۈننىڭ شياڭگاڭ ياشلىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-08-31 ئاۋاتلىقى: 5586 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈننىڭ ‹‹ما يۈنگە سوئال›› پائالىيىتىدىكى نۇتۇقى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


   2015-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ما يۈن بېيجىڭ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ما يۈنگە سوئال›› پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە ‹‹كۈللى ئالەم بىر ئائىلە›› شياڭگاڭ ياشلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۆمىكىگە نۇتۇق سۆزلىدى. 


نۇتۇق تولۇق تېكىستى:
   بەزىلەر مېنى نىسبەتەن يىراقنى ئويلايدۇ، نىسبەتەن تېز يۈگرۈيدۇ، تولىمۇ قالتىس دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئوخشاش، مەن بۇ دۇنيادا ئالاھىدە قالتىس ئادەملەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن، بىز ھەممىمىز تولىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەر، پەقەت پۇرسەت بولسىلا بىر قىسىم نەرسىلەرنى كۆرۈپ، بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز، خالاس. نىسبەتەن يىراقنى ئويلايدۇ دېيىشنىڭ سەۋەبى، يېقىننى ئويلاشقان ئامالسىزمىز، يېقىندىكى پۇرسەتلەر بىزنىڭ ئەمەس، بىز پەقەت يىراقنىلا ئويلىيالايمىز. ئاستىراق يۈگۈرۈشكە پۇرسەت يوق، شۇڭا پەقەت تېزلا يۈگۈرەلەيمىز. 
   نېمىشقىكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مېنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئۇتۇق قازىنالمىغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى بىلىدىغان ئادەملەرگە مەنسۇپ. كىچىكىمدە ئاتا-ئانام، ساۋاقداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى كەلگۈسىدە ئۇتۇق قازىنىدۇ، دېيىشەتتى، نەتىجىدە مەن يامان ئەمەس قىلالىدىم، تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئوخشاش تەتۈرىگە ئايلىنىشنى، بەك قالتىستەك ھېس قىلدىم. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئوخشاش. ھەممىمىز نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، بىر دەۋر، بىر پۇرسەت مېنى بۈگۈنكىدەك ھالەتكە ئەكەلگەن. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىگە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كەلگەنلىكى مېنىڭچە زور ئىلگىرىلەش، زور باشلىنىش بوپتۇ. مېنىڭچە، مىڭلاپ كىتاب ئوقۇش تۈمەن چاقىرىملىق سەپەرگە يەتمەيدۇ، ھەربىرەيلەننىڭ ئىشلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى نۇقتىئىنەزىرى ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ئادەملەرنى كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەن دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە مەدەنىيەتكە نەزەر سېلىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك ئىچكىرىگە كېلىپ، نۇرغۇنلىغان تەسىراتقا كەلدى، ھەربىرەيلەننىڭ كۆزقارىشى ئوخشىمىغاچقا، بەزىلەر ئويلاپلا بولدى قىلىۋېتىدۇ، بەزىلەر ئاز-ئازدىن بولسىمۇ قىلىپ ماڭىدۇ.
   نۇرغۇن كىشىلەر سەن بەك قالتىس، چۈنكى سەن ‹‹ئالى بابا››نى، يەنە ‹‹تاۋباۋ››نى قۇردۇڭ، يەنە چىقىمدانغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىڭ، دېيىشىدۇ. كۆپچىلىپككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇلارنى مەن قىلمىغان، بەلكى بىر كوللېكتىپ قىلغان، بىر تۈركۈم ئادەم قىلغان. ئەمما شەك-شۈبھىسىزكى، بۈگۈنكى ‹‹تاۋباۋ›› بىلەن ‹‹ئالى بابا››، چىقىمدانلارنىڭ ھەممىسى 13، 14 يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ بۈگۈنكى كۆزقارىشىمىز ـــ بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۆزقارىشىمىز ئىدى. ناۋادا ئۇتۇق قازانماقچى بولساق، بۈگۈن ئەتە ئۇتۇق قازانماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى يوق، سىز ئۇتۇق قازانماقچى بولسىڭىز ھېچكىممۇ سىزگە ياردەم بەرمەيدۇ. كۆپچىلىك ئۆزلىرى بىرەر ئىش قىلغاندا دائىم نەس باسقاندەك، ياردەم بېرىدىغان ئادەم يوقتەكلا ھېس قىلىدۇ. بۇ تولىمۇ نورمال ئىش، ياردەم بېرىدىغان ئادەمنىڭ چىقماسلىقى نورمال ئىش، ياردەم بېرىدىغان ئادەم چىقسا، بىنورمال ئىش بولغان بولىدۇ. بەزىلەر ئىگىلىك تىكلەشتە ‹‹مېنى مۇشۇنداق نەس باستى، مەن پۇل قەرز ئالالمىدىم›› دېيىشىدۇ، پۇل قەرز ئالالماسلىقمۇ نۇرمال ئىش، پۇل قەرز ئالالىسىڭىز بىنورمال ئىش بولغان بولاتتى، كىممۇ سىزگە بۇنداق پۇرسەتنى بېرەلىسۇن؟
   كۆپچىلىك ھەممىڭلار ياشكەنسىلەر. مەن ياۋروپادىن قايتىپ كېلىپ نۇرغۇن ياۋروپا ياشلىرىنىڭ شياڭگاڭلىق ياشلارغا ئوخشاش، ھازىر ھېچنەدە پۇرسەت قالمىغاندەك، گاڭگىراپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، تەيۋەنمۇ ئوخشاش، چوڭ قۇرۇقلۇقمۇ ئوخشاش، ياۋروپاغا بېرىپ، ياۋروپانىڭمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەنمۇ ياش ۋاقتىمدا گاڭگىراپ قالغان، تۈنۈگۈن بىرەيلەن ماڭا ئۆزىنىڭ بەكلا گاڭگىراپ قالغانلىقىنى، نېمىلا ئىش قىلسا قاملاشتۇرالمىغالىقىنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭدىن نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدىم، ئۇ 26 گە كىرىپتۇ، مەن ئۇنىڭغا ‹‹مەن 28 ياشتىن بۇرۇن بىرەر ئىش قىلىشنىمۇ بىلمەيتتىم›› دېدىم. بۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، گاڭگىراپ قېلىشنىڭ خىجىل بولغۇدەك يېرى يوق، بىزمۇ گاڭگىراپ باققان، بىل گايتسمۇ گاڭگىراپ باققان، سىزنىڭ يول تېپىشتىن، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى بېكىتىشتىن بۇرۇن گاڭگىراپ قېلىشىڭىز ناھايىتى نورمال ئىش. مەن 20 نەچچە تۈرلۈك خىزمەت ئىزدەپ، بىرىگىمۇ قوبۇل قىلىنالمىغان؛ بىز بەش ساۋاقداش ساقچى مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ، تۆتەيلەن قوبۇل قىلىنغان؛ 24 ىمىز كېنتاكېيغا ئىمتىھان بېرىپ، 23 ى قوبۇل قىلىنغان؛ بىراق مەنلا قوبۇل قىلىنالمىغان. ئېھتىمال تەڭرىم ئۆزىڭىز ئىشلەشنى، باشقىلارغا ئىشلىمەسلىكنى ئورۇنلاشتۇرغاندۇ؟
   ھەممەيلەن بىلىش كېرەككى، ئادەم بولۇشتا ھېسسىي ئىقتىدار ۋە ئەقلىي ئىقتىدار بولۇشى، يەنە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك، كۆپچىلىككە مەلۇمكى، مەن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەربىرەيلەننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ چوقۇم ئەجدادلىرىدىن خېلىلا يۇقىرىلىقىغا ئىشنىمەن. مېنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىم يۇقىرى ئەمەس، ناۋادا ئەقلىي ئىقتىدارىم يۇقىرى بولغان بولسا، ئىگىلىك تىكلەپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مەن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغانلىقتىن ئەمەس، ياخشى خىزمەت تاپالمىغانلىقتىن ئۆزۈم قىلغانىدىم. مېنىڭ ھېسسىي ئىقتىدارىممۇ يۇقىرى ئەمەس، ھېسسىي ئىقتىدار قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئوڭۇشسىزلىق، مەغلۇبىيەت، رايى قايتىش، گاڭگىراش، ئازاب-ئوقۇبەت، ئۈمىدسىزلىك قاتارلىقلارنىڭ بىر يەرگە جۇغلىنىشى ھېسسىي ئىقتىداردۇر. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، سىز ناۋادا ئۆزىڭىزگىلا مەسئۇل بولۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىز بىر ئادەتتىكى ئادەم، ناۋادا سىز بەش ئادەمگە مەسئۇل بولالىسىڭىز، سىز بەلكىم بىر كوللېكتىپنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. 
   بۈگۈن سىزنىڭ قەلبىڭىز قانچىلىك كەڭ بولسا، قىلالايدىغان ئىشلىرىڭىزمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دۇنيادا ئويلىغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلالايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك، مەن بىل گايتستىن بىزار، ئۇ شۇنچىۋالا ئۇتۇق قازىنىپ، بىزگە پۇرسەتمۇ قويمىدى. نېمىلا بولمىسۇن، پۇلدار كىشىلەر بىزارلىق كېلىدۇ، ئۇتۇق قازانغان كىشىلەر سوغۇققان كېلىدۇ. بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاشلا، باشقا قايتىپ كەلسەك، بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەر بىزدىن بىزار بولۇپ، 15 يىل بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بولسا، ئىنتېرنېت باشلىنىشىغىلا ئۇتۇق قازىنىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
   مەن ئىگىلىك تىكلىگەندە، 20 نەچچە دوستۇمنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىپ، ئىنتېرنېت كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلىقىمنى ئېيتقانىدىم، ئۇ يىلى 1994-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىدى. شۇ چاغدا پەقەت بىرەيلەن قوشۇلۇپ، قالغانلار قارشى تۇرغانىدى. ئۇلار ماڭا ‹‹بۇ تامامەن ئىشەنچسىز››، ‹‹ما يۈن كومپيۇتېرنى بىلمەيدۇ، باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ، پۇلى يوق، كومپيۇتېر بىلەن ئالاقىسى يوق، سەن نېمەڭگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەيسەن؟›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلغانىدى. مەن بۈگۈنمۇ نېمىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىمنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن، ئەمما مەن ھەمىشە بۇ ئىشلارنى قىلمىسام تولىمۇ ئازابلىنىدىغاندەك ھېس قىلىمەن، مەن سىناپ كۆرۈپ باقتىم، ناۋادا قىلالمىسام كېيىنچە بىر گەپ بولار. نۇرغۇن ياشلار كەچتە نۇرغۇن ئىشلارنى خىيال قىلىدۇ، ئەتىسىلا ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئىگىلىك تىكلەشتە مۇھىمى، دەرھال ھەرىكەتلىنىشتىن ئىبارەت.
   ئەمما كۆپچىلىككە شۇنى دەپ قويايكى، ئىگىلىك تىكلەش ھەممەيلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مەن دائىم شۇنداق دەيمەن: 100 ئادەم ئىگىلىك تىكلىسە، 95 ى مەغلۇب بولىدۇ، قالغان بەشەيلەننىڭ ئىچىدە تۆتەيلەننىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرىسىز، پەقەت بىرلا كىشى ئۇتۇق قازىنىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى قانداقتۇر بىر تۇغما تالانتنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئۇنىڭدا مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ بولۇشى، ئۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى، ئۇ قەتئىي چىڭ تۇرۇشى، ئۇنىڭ ۋاقتى بولۇشى كېرەك. ھېچكىممۇ لايغەزەللىك قىلىپ ئۇتۇق قازىنالىغان ئەمەس، بۈگۈنكى جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئەھمىيەتلىك ھادىسە شۇكى، قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ھەممەيلەننىڭ يېڭىلىق يارىتىشى بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە زور ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، مانا بۇنىڭ ئۆزى پۇرسەت.
   بىز ھازىر بۈگۈنكىدەك بىر بەختلىك دەۋردە تۇرماقتىمىز، ناۋادا بەزىلەر مەندىن: ‹‹ما يۈن سەن بۇ دەۋرگە قايتا كېلىشكە توغرا كەلسە، قانداق قىلىسەن؟›› دەپ سورىسا، مەن چوقۇم قايتا كەلمەيمەن، چۈنكى قايتا يەنە بىر قېتىم كەلسەم مەن بەلكىم بۈگۈنكىدەك ما يۈن بولالماسلىقىم مۇمكىن، دەيمەن. باشقىلار رەنجىگەندە، باشقىلار قارشى تۇرغاندا بىز قەتئىي چىڭ تۇردۇق، ھازىرغىچە 15 چىڭ تۇرۇپ، يەنە ماڭامسەن دېسە، مېڭىپ بولالمايمەن. ناۋادا چوقۇم قايتا ئىگىلىك تىكلەش توغرا كەلسە، مەن چوقۇم بىر قابىل خوجايىن، بىر قابىل كوللېكتىپ ئىزدەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىگەن بولاتتىم. خۇشاللىقتا، ئىگىلىك تىكلەشتە ئۆزىمىزنىڭ خوجايىن بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزىمىز خوجايىن بولغاندا، ئۆزىمىز ياخشى ئىشلىشىمىز، ئەمما بىر مۇنەۋۋەر ئادەمگە ئەگىشىپ ئىشلەشمۇ قالتىس ئىش. 

   مەن ياشلارغا شۇنداق دەيمەنكى، بۇنىڭدىن ياخشى دەۋر ئەمدى كەلمەيدۇ.


   كۆپچىلىك 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ تەخمىنەن 50 يىلدا باش كۆتۈرگەنلىكىنى بىلىدۇ. 2-قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئىنقىلابىغىمۇ 50 يىل ۋاقىت كەتكەن، ئامېرىكا شۇندىلا قەد كۆتۈرەلىگەن. 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدا سانسىزلىغان بايلا بارلىققا كەلگەن، 2-قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابىدا سانسىزلىغان ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلار بارلىققا كەلگەن. بۇ قېتىمقىسى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى 3-قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى، ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىنقىلابىدۇر. ئۇ ھەممەيلەنگە بېرىلگەن پۇرسەت، بەزىلەر 200 يىل، 300 يىللاپ ساقلىسىمۇ كەلمەيدىغان پۇرسەت، ئىنتېرنېت ئەمدىلا 20 يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتتى، كەلگۈسى 30 يىلدا ھەقىقىي پۇرسەت كېلىدۇ.
   ھازىر ‹‹ئىنتېرنېت +›› نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىنتېرنېتنىڭ بىر خىل ئەمەلىيەتتە قوللىنىشى دېمەكتۇر. كەلگۈسىدىكى دەۋردە، بىلىمگە، قەيسەرلىككە تايىنىشقا، تېخىمۇ مۇھىم بوشاشماي تىرىشىش روھىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، كەلگۈسىدىكى 30 يىلدا، بىز چوقۇم دەۋرگە لايىقلىشالمايمىز. مەن سىلەر بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ۋاقتىمدا، لى جياچېڭدەك ئۇتۇق قازىنىشنى خىيال قىلاتتىم.، لېكىن ئۇنىڭدەك بولۇشۇم مۇمكىن ئەمەستەكلا تۇيۇلاتتى. ئەمما ھازىر پۇرسەتلا بولسا، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلايمەن، يەنە 40 يىل ئۆتسە، ئۇ قېرىيدۇ، شۇندىلا مەن ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتەلەيمەن، مەن راستتىنلا مۇشۇنداق ئويلايمەن. ئەمما كۆپچىلىككە شۇنى دەپ قويايكى، ناۋادا بىر-ئىككى يىلدا بىزدىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلىساڭلار، پۇرسەت بەك چوڭ ئەمەس، پەقەت مەن ئەخمەق بولمىساملا. مەن بەلكىم سەل ئەخمەقتۇرمەن، ئەمما مەن ئەتراپىمدا بىر توپ ئانچە ئەخمەق ئەمەس ئادەملەر بار، شۇڭا بىر-ئىككى يىلدا يېتىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما 20 يىل ئىچىدە، 15 يىل ئىچىدە تامامەن بىزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. كەلگۈسى 30 يىلدا ھەقىقىي پۇرسەت كېلىدۇ، كەلگۈسى 30 يىلدا ئىنسانىيەت I T دەۋرىدىن B T دەۋرىگە ماڭىدۇ، جەمئىيەتتىمۇ ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، ھەربىر قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى، ھەربىر قېتىملىق جەمئىيەت داۋالغۇشىدا يېڭى پۇرسەتلەر مەيدانغا چىقىدۇ.
   پۇرسەت قاچان كېلىدۇ؟ پۇرسەت دېگەن باشقىلار ئاغرىنىپ يۈرگەندە، ئەكسىچە، كۆپچىلىك ياخشى پۇرسەت كەلدى دېگەندە كېلىدۇ. مەن ئىلگىرىمۇ ئېيتقان، بەزىدە ھۆكۈمەت كۆپچىلىكنى ئالغا مېڭىشقا چاقىرىق قىلغاندا، سىز ئېھتىيات قىلىسىز، زور قوشۇن ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتە، بەلكىم سىز ئۆتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، كۆپچىلىك پۇرسەت يوقلۇقىنى ھېس قىلغاندا سىز ئالدىغا مېڭىڭ. شۇڭا 15 يىلدىن بېرى مەن ئامال تاپسام، باشقىلار ياخشى ئامالكەن دېيشىتى، مەن ئېھتىيات قىلغاندا، كۆپچىلىك ھەقىقتەن ياخشى ئەمەس دېيىشتى، پۇرسەت ھەمىشە مانا مۇشۇنداق يەردە. بىز ھەربىرەيلەننىڭ مۇستەقىل تەپەككۇرى، مۇستەقىل كۆزقارىشى بار، قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى، مەسلەكداشلارنى تاپقاندا، بەش يىل ياكى ئون يىللارغىچە چىڭ تۇرسىڭىزلا چوقۇم ئۇتۇق قازىنىسىز.
   بۈگۈن ئەتىلا ئۇتۇق قازىنىشنى ئۈمىد قىلىش گوياكى بۈگۈن ۋاڭفۇجىڭغا بېرىپ ھەميان تېپىۋېلىشنى ئۈمىد قىلغاندەكلا بىر ئىش، پۇرسەتنىڭ نىسبىتى بەكلا تۆۋەن بولىدۇ. مەن قانداق قىلىپ بىراقلا، يەنە كېلىپ تېز بېيىپ كېتىشنى ئويلىمايمەن، نۇرغۇن كىشىلەر ‹‹ئالى بابا››نىڭ قالايمىقان مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدۇق دېيىشىدۇ، كۆپچىلىك ناۋادا بىلەلىگەن بولساڭلار، بىز يەنە نېمە قىلالايتتۇق؟ ئالدىرىماي بىلىپ قالىسىلەر، بەلكىم ئون يىللاردىن كېيىن بىلىپ قالارسىلەر. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، تېز ئۇتۇق قازىنىشقا نىسبەتەن ئۈمىد تۇغۇلدى، سىز كەلگۈسىدە تايىنىپ ئۇتۇق قازىنىش خىيالىدا بولۇشىڭىز كېرەك. كۆپچىلىك كەلگۈسىدە ئۇتۇق قازىنىشنى ئويلىغاندا، سىز بۈگۈنكى ئىشلىرىڭىز پۇختا قىلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى پۇرسەتلەر بىر-بىرىنى چەكلەيدۇ. 
   بۈگۈنكى شياڭگاڭ ياشلىرى، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلار ئىنتايىن ياخشى. شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، پۇل مۇئامىلە ۋە بىلىمدىكى ئەۋزەللىكى، يەرشارىلاشقان نەزەر قاتارلىقلاردا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ھەرقانداق شەھەردىن ئۈستۈن تۇرىسىلەر، مەن سىلەرگە ھەۋەس قىلىمەن. مەن دائىم شياڭگاڭغا بېرىپ تۇرىمەن، ئەمما مەن كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، پۇرسەت ئۆزۈڭلارنىڭ قولۇڭلاردا، ئۆزۈڭلارنىڭ نەزەر دائىرەڭلاردا.
   ئىلگىرى بىزنىڭ جېجياڭدا خۇ شۆيەن ئىسىملىك بىر كارخانىچى بولىدىغان، ئۇ مۇنداق بىر گەپنى قىلغان: ‹‹سودا قىلماق بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەمما تەسلىشىپ كېتىۋاتقىنىنىڭ ئۆزى پۇرسەتتۇر.›› مۇھىم ھالقا نەزەر دائىرىمىز، قەيەرنى كۆرەلىسەك، شۇ يەردە سودا قىلىش، شياڭگاڭنى كۆرەلىسەك، شياڭگاڭدا سودا قىلىش، ئىچكىرىنى كۆرەلىسەك، ئىچكىرىدە سودا قىلىش، ناۋادا پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالالىساق، پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدە سودا قىلىشتىن ئىبارەت. سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىز كەڭ قانچە كەڭ بولسا، ئىرادىڭىز قانچە كۈچلۈك بولسا، قارنى-كۆكسىڭىز قانچە كەڭ بولسا. شۇنچە يىراقلارغا ئۇزاپ كېتەلەيسىز.

   كارخانا قۇرۇشتا بازاغا تايىنىش كېرەك، شەھەر باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش كېرەكمۇ ياكى بازارغا نەزەر سېلىش بولسۇن، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەممىنى ئاڭلايمىز، ئەمما مەن بازارنىڭ ئەھۋالىغا كۆپرەك قۇلاق سالىمەن، بازارنىڭ ۋە ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجىغا قۇلاق سالىمەن. بەزىدە شەھەر باشلىقلىرىنىڭ دېگەنلىرى توغرا بولۇشى ناتايىن. ئىگىلىك تىكلەشمۇ ئوخشاش، ئاتا-ئانىمىز بىلەن پىكرىمىز بىريەردىن چىقماي قالىدۇ. مەن ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغاندا، ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىغانىدى، ئەمما مەن ياخشى كۆرگەچكە، ئۇتۇق قازىنىش-قازىنالماسلىق ماڭا مۇھىم ئەمەس ئىدى، مەن شۇ چاغدا ما يۈن ئۇتۇق قازانسا، جۇڭگودىكى % 80 ياشنىڭ ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى ئىدىم. بىز ھۆكۈمەتنىڭ، بانكىنىڭ بىر پۇڭ پۇلىنى ئالمىغانىدۇق. بىزگە پۇل قەرز بېرىپ تۇرىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىغانىدى، بىزدە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ يوق ئىدى، ھەممىز ئادەتتىكى ئىستۇدېنتلار ئىدۇق. شۇ نۇقتا ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ناۋادا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتكۈزگەن بولساڭلار، ھۇزۇرلىنىش ھېسسىياتىڭلار بىلەن باشقىلارغا نەزەر سېلىپ بېقىڭلار. ناۋادا سىلەر ئادەتتىكى مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن بولساڭلار، ھۇزۇرلىنىش نەزىرىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارغا نەزەر سېلىپ بېقىڭلار، بىز ئەمەلىيەتتە ھەممىنى قىلالايمىز. 


   مەن نۇرغۇن كىشىنى كۆزىتىپ، شۇنى بايقىدىمكى، جەمئىيەتكە چىققاندا، ئانچە كۆپ ئوقۇپ بولالمىغان كىشىلەرگە پۇرسەت ئىنتايىن كۆپ بولىدىكەن، ھېسسىي ئىقتىدارى يۇقىرى كىشىلەرگىمۇ پۇرسەت كۆپ بولىدىكەن. بەزىلەر ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇمايدۇ، كۆپچىلىك كىتاب ئوقۇيالمىغىنىغا بەك ئازابلىنىپ كېتىشى ھاجەتسىز. بەزىلەر كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق، بۇلارنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئاشۇ كىتابتىن باش كۆتۈرمەيدىغانلار بەلكىم جەمئىيەتكە چىققاندا ئىشلارنى كۆپ ئوقۇپ بولالمىغانلارچىلىك قىلىپ بولالىشى ناتايىن، شۇڭا ھەربىرەيلەنگە بېرىلگەن پۇرسەت ئوخشاش. كېيىنكى كۈنلەردە بالىلىق بولۇپ، بالىلىرىڭلار كىتاب ئوقۇشقا قىزىقمىسا، ئۇلارنىڭ ھېسسىي ئىقتىدارىنى يۇقىرىراق قىلىپ تەربىيەلەڭلار، ئۇلاردا ئىتتىپاقلىشىش ئېڭى، مىنەتدارلىق تۇيغۇسى، ھېيىقىش تۇيغۇسى بولسۇن! كۆپچىلىككە شۇنى دەيمەنكى، مەن كۆرگەن مۇتلەق كۆپ قىسىم خوجايىنلار ۋاررېن باففىت، بىل گايتس، سوروس قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باققان، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈمىدۋار، ئۇلارنىڭ ئاغرىنىدىغان چاغلىرىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇلار مەيۈسلەنگەندە يەنە پۇرسەت ئىزدەيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئاغرىنمايدۇ، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ دېگەنلىكىم ئەمەس، ھەممەيلەن ھاياتىدا ئۈمىدسىزلىنىشتىن خالىي ئەمەس. ئەمما تاللىغاندا، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىش كېرەك، بۇ تولىمۇ مۇھىم. ئىككىنچىدىن، ئۇلار ئىنتايىن ئاكتىپ. دۇنياغا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىدۇ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇلار قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدۇ. ناۋادا بىر كۈنلەردە ھەقىقەتەن ئىگىلىك تىكلەپ ياكى بىر ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىغا كىرىپ، ئازابلانغىنىڭىزدا ئۆيىڭىزگە قايتىپ راسا بىر ئۇخلاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە داۋاملىق ئىشلەۋېرىڭ. مېنىڭ كۆز يېشىمنى ناھايىتى ئاز كىشىلەر كۆرۈپ باققان، چۈنكى مېنىڭ ياش تۆككۈدەك ۋاقتىممۇ يوق، مەن پەقەت رىقابەتچىمنى ياش تۆككۈزىمەن. بىز ناۋادا ۋاز كەچكەن بولساق، ئالدىنقى 15 يىلدا، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ مىڭ قېتىملاپ پۇرسەتتىن ۋاز كەچكەن بولاتتۇق. پەقەت ئازراق چىدىۋەتسەكلا، ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىككە شۇنداق دېمەكچىمەنكى، كەلگۈسۈڭلاردىن ئۈمىدۋار بولۇڭلار، ئاكتىپ پۇرسەت ئىزدەڭلار، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭلار ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەڭلارغا ئېلىڭلار. 

   كەلگۈسى 30 يىلدا، ھەرقانداق كەسىپتە ‹‹يېڭىلىق يارىتىش››تىن ئىبارەت بۇ سۆز كەم بولمايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىنىڭ يادروسى. سىز چوقۇم مەن قانداق قىلسام باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قىلالايمەن، ئوخشىمايدىغان قىلسام، كىملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، بۇنداق سوئاللارنىڭ تۇغۇلۇشىنى توغرا چۈشىنىمەن. مەن كۆپچىلىككە سوغۇق سۇ سەپمەكچى ئەمەسمەن، ئىگىلىك تىكلەش بىر تولىمۇ مۇشەققەتلىك يول، كۆپچىلىكنى رايىنى ياندۇرغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ھەربىرەيلەننىڭ ئۆزىگە خاس تاللىشى بولغاچقىلا، بۇ دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭىدۇ، ناۋادا بۇ ئادەملەرنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسىڭىز بەئەينى بىر پاي چېكى سېتىۋالغىنىڭىزغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇلارغا ئەگەشسىڭىز، ئۇلارغا ياردەم بەرسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا ئۆزىڭىزنىڭ پاي چېكى بولغىنىدا، ئەتراپىڭىزدا بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى غايىسى ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقانلىقىغا قاراپ قويۇڭ. بۈگۈن مەن ئاساسلىقى كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقچى، مەن بىرلا ئادەم سۆزلىسەم بولمايدۇ، ماڭا يەنە ئۈچ كۈن ۋاقىت بېرىلسىمۇ سۆزۈم تۈگىمەيدۇ، چۈنكى ئىگىلىك تىكلەشتە جاپا-مۇشەققەتلەرمۇ، يۈرەككە يىغىلىپ قالىدىغان گەپلەرمۇ كۆپ بولىدىغان گەپ. مەن كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ھۇزۇرىنى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

   كۆپچىلىككە رەھمەت!


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى