نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

روھىي ساغلاملىقنىڭ ئىپادىلىرى

روھىي ساغلاملىقنىڭ ئىپادىلىرى

ۋاقتى: 2015-03-15 ئاۋاتلىقى: 3617 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

روھىي ساغلاملىقنىڭ ئىپادىلىرى:
1.  ئۆزىگە ئىشىنىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش.
2.  ھەر دائىم مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇش، بىراۋلاردىن نارازى بولـماسلىق، غۇدۇراپلا يۈرۈشتىن ساقلىنىش.
 3. تەن ساغلاملىقىغا ھەم تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش.
4. تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش، غىزالىنىشتا ئىلـمىي بولۇش.
5. ئۆزىنىڭ ئىللەتلىرىنى ۋاقتىدا ھېس قىلىش، شۇنداقلا ھەر دائىم مۇكەممەللىككە قاراپ تىرىشىش.
6.  خىزمەتتە، تۇرمۇشتا ئالغا ئىنتىلىش روھى بولۇش، بىر ئىزدا توختاپ قالـماسلىق.
7. ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە دائىم ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، قىسمەن كىشىلەر ئۇنى ياقتۇرمىسىمۇ كەڭ قورساق بولۇش.
8.  باشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە چوقۇم ئىجابىي گەپ قىلىشنى تەمە قىلـماستىن ئەمەلىيەتچىل بولۇش، كۆپ ئۆگىنىش، ئۆگەنگەنلىرىنى رېئالىققا تەدبىقلاشقا تىرىشىش.
9. ئىقتىساتچىل بولۇش ئەمما بېخىل بولـماسلىق، تۇرمۇشتىن بەھرلىنىشكە ماھىر بولۇش، بىراق بەتخەج بولـماسلىق.
10.  ئىچ سىرىنى تۆكىدىغان بىلىملىك، ئىشەنچلىك دوستتىن بىرنىلا تاللاش، بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلسە ئىچىگە يۇتۇۋەتمەستىن سىرداش دوستىغا ۋاقتىدا ئېيتىش، مەسلىھەت سوراپ تەسەللىي تېپىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ ئاجىز ھالىتىنى كۆرسەتمەسلىك.

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى