دۇنيانى ئايلىنىپ ياشايدىغان سىرلىق مىللەت __ روملار
-
دۇنيانى ئايلىنىپ ياشايدىغان سىرلىق مىللەت __ روملار
ۋاقتى: 2016-05-26 ئاۋاتلىقى: 2207 قېتىميانفوندا كۆرۈش
سەرگەردانلارچە ياشاپ كۆنۈپ كەتكەن سىرلىق مىللەت ___ روملار
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
بۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر مىللەت بولۇپ، ئۇلار ھىندىستاننىڭ شىمالىدىن كەلگەن، ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار سىنتىلارنى جامائەتچىلىك سىگانلار دەپ ئاتىغان. پەقەت نۇرغۇن روملارلا <<سىگانلار>> دېگەن بۇ ئاتاقنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، ئۇلارغا بىر خىل كەمسىتكەندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى روملار دەپ ئاتىشىدۇ. ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇلارنى سىگانلار دەپ ئاتايدۇ.
نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، روملار ئىزچىل ھالدا ئۇزۇن سەپەرلەردە كۆچۈپ يۈرگەن بولۇپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشمىغان. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتكەن بولۇپ، ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئىزچىل كۆچۈپ يۈرىدىغانلىقىنى ۋە سەرگەردانلارچە ياشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن. ئۇلار بۈگۈنكى دۇنيادىكى بىر سىرلىق تېمىغا ئايلانغان.
2000-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە، فوتوگراف جوئاكىم ئېسكىلدسېن بىلەن يازغۇچى كىيارىننې بىرلىكتە بىر قېتىم يەتتە دۆلەتكە سەپەر قىلغان. ئۇلار سەپەردە روملارنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار ھەرقايسى جايلاردىن روملار بىلەن يېقىنلىشىپ ياشاپ بېقىش ئىستىكىدە بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغان، نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ بۇ سىرلىق مىللەتكە سىڭىپ كىرگەن.
فوتوگراف جوئاكىم ئېسكىلدسېن بىلەن يازغۇچى كىيارىننېنىڭ سەپەردىكى تۇنجى بېكىتى پورتۇگالىيەنىڭ شىمالىدىن باشلانغان، بۇ يەردە، ئۇلار بىر ماگدا ئىسىملىك روم ئاقساقالنى بايقىغان، ئۇلار ئاقساقالنىڭ ئۆيىدە تۆت ئايدەك تۇرغاندىن كېيىن، يەنە رۇمىنىيە، ھىندىستان، فىنلاندىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتكە بارغان.
بۇ دۆلەتلەردە، ئۇلار ھەرخىل شەكىللەردە ئوخشىمىغان تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان روملارنى ئىزدەپ تاپقان ھەمدە سۈرەتكە تارتقان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ سىرلىق بولۇپ، كىشى ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىكەن.
دەسلەپتە، جوئاكىم ئېسكىلدسېن بىلەن يازغۇچى كىيارىننې ئۆزلىرىگە سەپەر نىشانى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما سەپەر مۇساپىسىنىڭ ئۇزىراپ بېرىشى، ئوخشىمىغان روملارنى ئۇچرىتىشى، ھەر بىر قېتىم ئۇلارنىڭ بۇ يەرلەردە نېمە سەۋەبتىن تۇرۇپ قالدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار بارغانسېرى ئۆزلىرىنىمۇ سىگانلاردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئۇلار پەقەت بۇ روملارغا ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ سەپەر باشلانغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا، بىر ئىزدا تۇرالمىغانلىقىنىلا بىلىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۈزلۈكسىز كۆچۈشنىلا بىلىدۇ.
ئۇلار ئادەتتە پال ئېچىشنى، ناخشا-ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرىدۇ. پادا باقىدۇ، سىرلىق ۋە ئاددىي-ساددا مىللەت.
روملار 1000 يىللار ئىلگىرى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، ئافغانىستان، پېرسىيە، ئەرمېنىيە، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، ياۋروپاغا يېتىپ بارغان. تا بۈگۈنگىچە ئىران قاتارلىق جايلاردا روملار يەنىلا ياشاپ كەلمەكتە.
14-ئەسىردە، روملار بالقان يېرىم ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، 16-ئەسىردە يەنە فىنلاندىيە، شىۋېيتسىيە قاتارلىق ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان.
يەنە بىر قىسىم روملار سۇرىيە ئارقىلىق شىمالىي ئافرىقىغا يېتىپ بېرىپ، يەنە گىبرالتار دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئىسپانىيەگە يېتىپ بارغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستان شىمالىدا تا بۈگۈنگىچە روملارغا ئوخشاپ كېتىدىغان مىللەت ياشىماقتا. روملار كېيىنچە زور مىقدارىدا ئامېرىكا قىتئەسىگە كۆچۈپ كىرگەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-09 10:24:434004داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (33)
2015-03-01 23:19:173905ھەر يىلى 22-ئاپرېل دۇنيا يەرشارى كۈنى
2015-04-22 16:15:304421ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (1)
2015-02-07 14:57:014059شىنجاڭدىن تېپىلغان ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ پۇللىر
2015-04-06 14:22:475376ئۇيغۇرلاردا تىل پەرھىزلىرى
2015-02-05 11:31:134364ئاپپارات كۆزىدىكى ھەقىقىي چاۋشيەن مەنزىرىلىرى
2015-08-07 16:03:574132توقسۇ ناھىيە يانتاققۇدۇق تۇر خارابىسى
2015-02-12 11:07:554003
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-