شىنجاڭدىن تېپىلغان ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ پۇللىرى
-
شىنجاڭدىن تېپىلغان ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ پۇللىرى
ۋاقتى: 2015-04-06 ئاۋاتلىقى: 5381 قېتىميانفوندا كۆرۈش
شىنجاڭدىن تېپىلغان ئىلخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى پۇللارمۇھەممەد تۇراپمىلادىيە 1258-يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇ غەربكە يۈرۈش قىلىپ باغدادنى ئىشغال قىلغان ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىنى يوقىتىپ ئېل خانلىقىنى قۇرغان. ئىلخانىيلار خانلىقى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ، سودا ئالاقىسىگە قۇلايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، ئەرەب يېزىقى، رەڭدار گۈللۈك نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن دەۋرىي ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئۇسلۇب، يەرلىك خۇسۇسىيەت نامايەن قىلىنغان كۈمۈش پۇللارنى قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان.1977-يىلى سانجى ناھىيەسىدە ھاراق زاۋۇتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندا، يەر ئاستىدىن موڭغۇل خانلىقى دەۋرىگە تەئەللۇق بولغان 1370 دانە قەدىمكى پۇل، ئىلخانىيلار خانلىقى دەۋرىگە تەئەللۇق بىر دانە كۈمۈش پۇل چىققان بولۇپ، قالغان بەش دانە كۈمۈش پۇللارغا چۈشۈرۈلگەن خەتلەر تېشىلىپ دات بېسىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، قايسى دەۋرگە تەئەللۇق پۇللار ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئىلخانىيلار خانلىقى دەۋرىگە تەئەللۇق كۈمۈش پۇللار مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن 14-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە قۇيۇلغان بولۇپ، دىيامېىرى 2.3 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 2.6 گىرام كېلىدۇ. پۇللارغا چۈشۈرۈلگەن ئەرەبچە خەتلەر، رەڭدار گۈللۈك نەقىشلەر، قۇيۇلغان جاي ئىسمى ۋە ھىجىرىيە يىلنامىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئۈچ قۇر قىلىپ، ئەرەبچە ‹‹ئاللاھتىن باشقا بىرمۇ ئىلاھ يوق، ئاللاھ تەڭداشسىز، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى›› دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. پۇلنىڭ تەتۈر يۈزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تۆت قۇر قىلىپ، ئەرەبچە ‹‹ئەڭ ئالىي خان، ئەڭ ئالىي ئىخان ھىلاكۇ›› دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. ئىلخانىيلار خانلىقى دەۋرىگە تەئەللۇق پۇللارنىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدىن تېپىلىشى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، بىراق پۇلنىڭ سىپتىلىقى، پارقىراقلىقى، جۇلالىقلىقى، چۈشۈرۈلگەن ئەرەبچە خەت ۋە نەقىشلەرنىڭ نەپىسلىكى ھەم ئۆزگىچىلىكى بىلەن پۈتۈن موڭغۇل خانلىقىنىڭ دىنىي ئىشلار دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخى، سودا مۇئامىلىسى ۋە پۇل ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقى، بازارنىڭ ئاۋاتلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئوبرازلىق ۋە جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە موڭغۇل خانلىقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىل-يېزىقلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، قۇيمىچىلىقى ۋە نەققاشچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پاكىتى بولۇش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (6)
2015-05-01 15:56:204380نىدائىي: لى جياچېڭنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرىدىن
2015-11-04 15:57:395843شىركەت مۇدىرىيىتىدە ئاياللارنىڭ بولۇشى بەلگىلەند
2015-04-02 11:30:514411تۇرپاندا بايقالغان قەدىمكى پۇللار
2015-04-07 15:27:184428‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (1)
2015-07-21 13:11:485067ئوبامانىڭ نۇتۇقتىكى ئالتە خىل ماھارىتى
2015-07-31 17:47:394104داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (2)
2015-02-28 17:58:193688داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (7)
2015-03-01 12:16:503577
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-