نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (6)

موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (6)

ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 4364 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلى تېمىسى: موڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار (6)
ئابدۇراخمان ئەبەي

(شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ باشلىقى)


   مەن موڭغۇلىيەدە تۇرغان 30 كۈن ئىچىدە خوبدا شەھىرىدىن باشقا ئۆلگەي ، زاپخون ، دارخىن ، ئۇلانباتور قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ دادام تۇرغان ، تىجارەت قىلغان ، دېھقانچىلىق قىلغان ھەممە يەرنى زىيارەت قىلدىم . ھەيران قالدىمكى ، موڭغۇلىيەدىكى بارلىق چوڭ - كىچىك شەھەردە ناھايىتى مۇكەممەل مۇزېي بار ئىكەن . ھەربىر شەھەردىكى مۇزېيدا تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، ئۆرپ - ئادەتلىرى ، مەشھۇر شەخسلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپتۇ . ئۇلانباتور ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇزېيىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ناھايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپتۇ . ئاخىرقى كۈنلەردە ئورخۇن - يېنسەي بويىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى تاش ئابىدىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى زىيارەت قىلىشقىمۇ ئۇلگۈردۈم. 


   مەن موڭغۇلىيەدىكى ئاخىرقى كۈنلەردە خوبدا شەھىرىدە بولغان بىر ئىش ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ : بىر كۈنى تۇغقانلىرىم دادام ، ئاپام ئۇزاق يىل ئولتۇرغان قەدىمكى مەھللە- نەمىنگە كونا ئۆيىمىزنى زىيارەت قىلغىلى ئاباردى . خوبدا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ماي ئايلىرىدا رەڭگارەڭ گۇللەر ئېچىلىپ ئاجايىپ چىرايلىق بوپكەتكەنىدى . بەش- ئالتە مىڭ مو تېرىقچىلىق مەيدانىدا ھازىرمۇ ئون نەچچە ئائىلىلىك ئولتۇرىدىكەن . تۇغقانلار مېنى باشلاپ يۈرۈپ بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن دادام بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن خوبدا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلاپ چاپقان بىر كىلومېتىردىن ئۇزۇن ئېرىقنى كۆرسەتتى . بۇ يەرلەر ھازىرمۇ ئاشۇ ئېرىقتىن سۇ ئىچىدىكەن . ھەھەللىدىكى دادام تىككەن تېرەكلەرنى ، قوغۇن تېرىغان يەرلەرنى زىيارەت قىلدىم . بۇ يەرلەر ھازىرمۇ تاغامنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن ، تاغام بۇ يەرلەرگە قوغۇن ، بۇغداي تېرىيدىكەن . ئۇلار ئاخىرىدا مېنى بۇرۇن بىز ئولتۇرغان يوغان بىر قورۇغا باشلاپ كىردى . قورۇنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يوغان ئىككى تۈگمەن تېشى تۇرۇپتۇ . بۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۇن تارتىدىغان موغاڭ (ئات تۈگمىنى)نىڭ تېشى ئىكەن . مۇشۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ھەممە ئادەم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئۇن تارتىدىكەندۇق . بىزنىڭ ئەسلى ئۆيىمىز ئۆرۈلۈپ كېتىپ تاغام يان تەرەپكە ئايرىم لاي ساپتۇ . تاغام ماڭا كونا ئۆينىڭ ئورنىدا بىر يەرنى كۆرسىتىىپ : "مانا ، سەن توغۇلغان يەر مۇشۇ ، كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن يەر مۇشۇ! بالام سەن 36 يىلدا - بىر قەرنەدە تۇغۇلغان يېرىڭگە ئاران بىر كەلدىڭ . . ." دېدى . شۇ ئارىدا ئەتراپىمىزغا بىر توپ ئادەم ئولاشتى . ئۇلار بىزنىڭ بۇرۇنقى قوشنىلىرىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن . بىر ئۆيدە قوي سويۇپ تاماق تەييارلاپ قويۇپتۇ ، ھەممىمىز شۇ ئۆيدە ناھايىتى خۇشال - خورام مېھمان بولدۇق. 
   جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن موڭغۇلىيەدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدا ھەرقايسى ساھەدە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاكتىپ قاتنىشپ ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈردى . ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ مۇھاجىرلار سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدى . كورلىدىن ئىبراھىمئاخۇن 1956- يىلىدىن باشلاپ تاكى "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى"غا قەدەر مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ھەر يىلى بىر قېتىم بېيجىڭغا يىغىنغا بېرىپ تۇردى ، گۇچۇڭدىن مەريەم ، بورتالادىن غاپپار ، سەيدۇللا ھەسەن ، ياسىن كېرەملەر شىنجڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئۇزاق خىزمەت قىلدى . بۇندىن باشقا يەنە بىرنەچچەيلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئوبلاستلىق ، ۋىلايەتلىك شەھەرلىك ، ناھىيەلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىلىرىدە خىزمەت قىلدى . يەنە بەزىلىرى ئوقۇتقۇچى ، تېخنىك ، دىكتور ، سەنئەتچى ، داڭلىق تەنتەربىيەچى بولۇپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتتى . موڭغۇلىيەدىن كېلىپ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان ھەنىپە ئالىمئاخۇن ئەڭ قىيىنچىلىق يىللار --1960 ، -1970 ، 1980- يىللاردا ھەر مىللەتتىن بولغان توققۇز نەپەر يېتىم بالىنى ئۆز بالىسىدىنمۇ چارى ئەتىۋارلاپ بېقىپ چوڭ قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقاچقا ، 2009- يىلى ئەڭ زور شەرەپ "مەملىكەت بويىچە جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس"نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلاندى . 
   ھازىر موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈركۈم پەرزەنتى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايىدىكى مەدەنىيەت ، مائارىىپ ، سەھىيە ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئىختىساس ئىگىلىرى ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ، ئىدارە باشلىقلىرى بولۇپ ئىشلەپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشماقتا . ئاخىرىدا ، مېنى مۇشۇ ئۇنتۇلماس تارىخىي ئەسلىمە ۋە قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن مەرھۇم دادامغا ، بىزنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن بېيجىڭغا ئالدىمىزغا ئالغىلى بارغاندا ھەر كۈنى كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ، ماڭا شۇ قىممەتلىك خاتىرىسىنى تەقدىم قىلغان مۇھەممەت سامساق ئاكىغا ، موڭغۇلىيەدە 30 يىل كۈندىلىك خاتىرە يازغان مەرھۇم ھېيتاخۇن روزى ئاكىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ؛ مېنى يەنە نۇرغۇن ئەسلىمە بىلەن تەمىنلىگەن ئابدۇراخمان سابىت ئاكا ، غاپپار ئاكا ، بۇسارە ھەدىگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن . 

مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تورى

تۈگىدى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى