ئوبامانىڭ نۇتۇقتىكى ئالتە خىل ماھارىتى
-
ئوبامانىڭ نۇتۇقتىكى ئالتە خىل ماھارىتى
ۋاقتى: 2015-07-31 ئاۋاتلىقى: 3805 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئوبامانىڭ نۇتۇق سۆزلەشتىكى ئالتە خىل ماھارىتى
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئامېرىكا جەمئىيىتى ئىنسانىيەتكە باراك ھۈسەيىن ئوبامادىن ئىبارەت بىر مەشھۇر ناتىقنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. بىرلا قېتىمدا 200 مىڭدەك كىشىگە نۇتۇق سۆزلىيەلەيدىغان كىشىدە چوقۇم بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار، ئەلۋەتتە. تۆۋەندە بىز ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، داڭلىق ناتىق ئوبامانىڭ نۇتۇق سۆزلەشتىكى ئالتە خىل ماھارىتىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.بىرىنچى، ئاڭلىغۇچىلار چۈشىنىش.ئوباما 2008-يىلى گراند باغچىسىدا بىرلا ۋاقىتتا 200 مىڭ ئاڭلىغۇچىغا غەلىبە نۇتۇقى سۆزلىگەن، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئاسانلا بىرەر كۈتۈلمىگەن ئىشقا يولۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، بىراق ئۇ نۇتۇقىنى غەلبىلىك تۈگەتكەن. ئۇ ئۆيىدە تۇرۇپ نۇرغۇن ئامېرىكىلقلارغا سۆز قىلغان؛ ئۇ ئۆزىنىڭ سايلام رىقابەتچىسى ماك كايىنغا بېلەت تاشلاۋاتقانلارغا سۆز قىلغان؛ ئۇ دۇنيادىكى ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرگە سۆز قىلغان؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرىدىن نامرات دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىلىرىغىچە ئۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى بىلىپ يەتكەن.ئوباما مۇنداق دەيدۇ: ئاشۇ يىراقلاردىكى نەچچە مىليونلىغان كىشىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خان جەمەتلىرىگە شۇنداق دەيمەنكى، ئاشۇ دۇنيا ئۇنتۇپ كەتكەن بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا، قىستاڭچىلىقلاردا رادىيو ئاڭلاۋاتقان كىشىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، بىزنىڭ ھېكايىلىرىمىز خىلمۇ-خىل بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى دەۋرى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ.ئىككىنچى، ھېكايە ئىچىدە كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىش.ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك مىللىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئوبامانىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرۇپ بەرگەن. ئوباما ئاننى دىكسون كوپېرنىڭ ھېكايىسى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى شەرھىيەلەيدۇ. كوپېر 106 ياشتىن ھالقىغان بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇل بولغان، ئۇ مىللىي ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ بىر نەچچە مۇھىم مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن.ئوباما مۇنداق دەيدۇ: ئۇ تۇغۇلغاندا ئالدىنقى دەۋردىكى قۇللۇق تۈزۈم ئەمدىلا ئاياغلاشقانىدى؛ .ۇ چاغدا يوللار ماشىنا، ئاسماندا ئايروپىلانمۇ يوق ئىدى؛ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەملار ئىككى خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن بېلەت تاشلىسا بولمايتتى: بىرى ئۇ ئايال بولغانلىقى، يەنە بىرى ئۇ نېگىر بولغانلىقى ئۈچۈن.ئۈچىنچى، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ خىيالىغا ھۇجۇم قىلىش.ئوباما ئالاھىدە، كونكرېت سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىپ بىزدە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرالايدۇ. بىر نەچچە مىسال كەلتۈرەيلى:ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، بىز يەنە بۇ يەردە تۇرماقتىمىز. بىز ئاشۇ قەيسەر ئامېرىكىلىقلار ئىراقتىكى چۆللۈكلەردە، ئافغانىستاننىڭ ئېگىز تاغلىرىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە بىز خەتەرگە تەۋەككۇل قىلماقتىمىز.ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئومۇمەن ئېيتقاندا، مەن سىزنى دۆلەتنى قايتا قۇرۇش پىلانىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمەن، ئۆتكەنكى 221 يىلدا، ئامېرىكىدا بۇ بىردىنبىر يول بولۇپ، ئاشۇ قاداق بېسىپ كەتكەن قوللار بىلەن توختىماي تىرىشىپ كەلگەن.تۆتىنچى، ئىنسانىي تۇيغۇغا ئىگە.باراك ئوباما پۈتۈن دۇنياغا ئۇ ئىككى قىزىغا ھەدىيە قىلغان كىچىك ئىتىنىمۇ ئاق سارايغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرى بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولغانىدى. تۇنجى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇ بۇ سۆزنىڭ تورلاردا قاتتىق قىزىق كەتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.بەشىنچى، جانلىق، تەسىرلىك، تەمكىن سۆزلەش.ئوباما ئادەتتە تېز سۆزلىمەيدۇ. ئۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاڭقىرىۋېلىشىنى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇۋېلىشنى ساقلايدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ۋەزمىنلىك ئاتا قىلغان. سىزمۇ شۇنداق سىناپ بېقىڭ.ئالتىنچى، سۆزلەش ئۇسلۇبى يارىتىش.ئوبامانىڭ رىقابەت نۇتۇقى خۇشال، يۇمۇرلۇق، كەسكىن، يېقىن، ئەستايىدىللىقتىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
سەلتەنەتلىك ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتى
2015-04-22 18:21:153593نىدائىي: ما يۈننىڭ 10 جۈملە ئىلھامبەخش سۆزى
2015-07-02 18:38:134504«بوستان»نىڭ يېزىلىش سەۋەبى (2)
2015-02-06 11:17:443459داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (13)
2015-03-01 21:12:003535شىنجاڭلىقلار 3000 يىللار بۇرۇن ئىشتان كىيىشكە ب
2016-06-23 21:46:161727نىدائىي: بۇ 10 خىل كىشىنى قەدىرلەڭ
2015-10-03 15:43:124490‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (2)
2015-07-21 13:23:234404‹‹دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى››دىكى نادىر سۈرەتلەر
2015-04-28 19:07:484431
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-