شاھرۇھخاننىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
-
شاھرۇھخاننىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
ۋاقتى: 2015-07-29 ئاۋاتلىقى: 4742 قېتىميانفوندا كۆرۈش
شاھرۇھخاننىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
بۇ نۇتۇقنى ھىندىستاننىڭ داڭلىق چولپىنى شاھرۇھخان 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن (قىسقارتىلغان نۇسخىسى)
تولۇق تېكىستى:كۆپچىلىككە رەھمەت! ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم، بۇ يەرگە كەلگىنىمدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ‹‹ھاياتلىق سەپىرىمدىكى سەرگۈزەشتىلىرىم››دىن بەھىرلەنمەكچىمەن، ھاياتلىق، بەخت، ئىجادچانلىق، مۇۋەپپەقىيەت توغرىسىدا پىكىرلەشمەكچىمەن.مېنىڭ ھاياتلىق نىشانىم ھەققىدە ئۆزۈممۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسمەن، مەن ئارزۇيۇمنىڭ يېتەكلىشىدە ئالغا مېڭىۋاتىمەن، چېپىپ كېتىۋاتىمەن.مەن مەنزىلىمنىڭ قايدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، مەن پەقەت ئەڭ زور تىرىشچانلىقىم بىلەن ئەڭ ياخشى قىلالايدىغانلىقىمنىلا بىلىمەن.مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىم بويىچە، شان-شەرەپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىن ھالقىپ كەتكىلى بولىدۇ.مەن ھايات مۇساپەمگە بېرىلگەن باھانىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنىڭ پۈتۈنلەي مېنىڭ قەلب ئالىمىمنىڭ قانچىلىك كەڭلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.مېنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشىمدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرىدا ھاياتىم ئىجادچانلىقتىن ئىبارەت بۇ چەمبەرنى ئايلىنىدۇ.بىر ياخشى سەنئەتكار ئىجادچانلىقتىن ئايرىلسا بولمايدۇ، نادىر سەنئەت ئەسىرى دەل سەمىمىي سەنئەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىددىيەت بولغىنىدەك، بىر ئادەم ئىجادىيەت سەۋەبىدىن تەنھا قالىدۇ، بۇنداق ئىشلار ھەرزامان مەۋجۇت.سەنئەت سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىقسۇن، سىز ئۇنى نامايان قىلىڭ، خەلق ئۇنى يا قوبۇل قىلىدۇ، يا بولمىسا شاللايدۇ. سىزنى بىردىنبىر قۇتقۇزالايدىغىنى، قەلبىڭىزدىكى ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. دۇنيا رەھىمسىزلىككە تولغاندا، ئۆزىڭىزنىمۇ ئېنىق كۆرەلمەيسىز. سىز چوقۇم مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۆزىڭىزىنى ئېنىق تونۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئوخشىمىغان ئىشلارنى قىلغاندا، بۇ بەئەينى ئارقان بىلەن باغلىنىپ قالغانغا ئوخشايدۇ.ئۆزىڭىزنى مەسخىرە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ئۆزىڭىزدىن، تۇرمۇشتىن مەڭگۈ بىزار بولماڭ. بىزارلىق سىزنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.ئىجادچانلىق سىزنىڭ دۇنياغا ئاتا قىلغان سوۋغىڭىز، سىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلماڭ، ئەكسىچە مىنەتدار بولۇڭ. سىزنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىڭىز ئاتا قىلىش ۋە ئۆگىنىش بولۇشى كېرەك، سەنئەتنىڭ روھىي بۇلىقى مەڭگۈ قۇرۇپ كەتمەيدۇ. سىزنىڭ رازىمەنلىكىڭىز نەتىجىدىن ئەمەس، بەلكى ئىجادچانلىق جەريانىدىن كېلىدۇ.ئاشقازىنىڭىزنى ئىجادچانلىقنىڭ ئىلھامى تولدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرمەڭ، چۈنكى ئىلھام، روھنىڭ يېمەكلىكى، ھەرگىزمۇ ئاشقازاننىڭ ئەمەس.ئەنئەنىگە رىقابەت ئېلان قىلىشتىن قورقماڭ، سەنئەتنى ۋە روھنى يوققا چىقىرىدىغان ئىشلارغا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشتىن قورقماڭ، ئاچ قېلىشتىن قورقماڭ، بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ تەنھا قالىدىغانلىقىڭىزدىن قورقماڭ.سىلەر بەخت تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسى ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان يىللاردا ياشاۋاتىسىلەر، بەخت تۇيغۇسى ئاشۇ سىز سانىنىمۇ بىلمەيدىغان ئىشلاردىن كېلىدۇ.ماڭا نىسبەتەن، بەخت ـــ ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى قۇچاقلاش ۋە قىزىقارلىق كىنو كۆرۈشتىن ئىبارەت. مەيلى مەن ياقتۇراي-ياقتۇرماي، مېنىڭ ھاياتىم ھەمىشە شۇنداق بىر سۆزگە باغلانغان، ئۇ بولسىمۇ دەل ‹‹مۇۋەپپەقىيەت›› دېگەن سۆز. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياخشى ئىش، ئەمما ئۇنى ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە پاراڭلىشىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، خالاس، ماڭا نىسبەتەن، مەن ھەمىشە مەغلۇبىيەتتىن قورقىمەن. مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بولغان ئارزۇيۇم بىلەن مەغلۇبىيەتكە بولغان قورقۇنچۇم ئوخشاشلا كۈچلۈك. مەن ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەغلۇبىيەتكە بولغان قورقۇنچتىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.ناۋادا سىز مەغلۇبىيەتكە پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقىڭىز ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ مەغلۇبىيەت بولمىسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، دېگىنىم ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ مەغلۇبىيەتكە بولغان ئىنكاسىڭىزغا باغلىق. مەغلۇبىيەت سىزنىڭ تېخىمۇ نۇرغۇن يۇشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلىشىڭىزغا ئىلھام بولىدۇ، بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يولدىن ئىبارەت.قايتا-قايتا مەغلۇب بولۇش ماڭا ياسالمىلىق قىلماسلىقنى ئۆگەتتى. مەغلۇبىيەت سىزنىڭ ھەقىقىي دوست تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. مەغلۇبىيەتتىن غالىب كېلىش ئارقىلىق مەن ئۆزۈمنى قايتىدىن بايقايمەن ھەمدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئارزۇلار تۇغۇلىدۇ، ئۆز تەسەۋۋۇرۇمدىكى چەكلىمىلىرىدىن ھالقىيمەن.مېنىڭ سىلەردىن كۈتىدىغىنىم سىلەر مەڭگۈ ئۆگىنىش ھالىتىنى ساقلاڭلار، ئارزۇيۇڭلاردىن توختاپ قالماڭلار، ئاشۇ سىلەرنى روھلاندۇرىدىغان ۋە ئىلھام بېرىدىغان ئارزۇلار سىلەر مەغلۇب بولغاندا، ئورنۇڭلاردىن دەست تۇرۇشۇڭلارغا ياردەم بېرىدۇ.قورقۇنچقا ۋە مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشتىن قورقماسلىق كېرەك. بۇ مېنىڭ نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ زور خۇشاللىقىم.
ئەسكەرتىش: بەزى بەدقىلىق، نومۇسسىز سالونچىلارنىڭ، تور بەتلەرنىڭ تەرجىماننىڭ نامىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىشىنى، ماۋزۇسى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنى پەقەت خالىمەيمەن. ئاچچىقىم كېلىپ قالىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (1)
2015-07-21 13:11:484533ئوبامانىڭ مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-09 10:28:143985كېنتاكىينىڭ جۇڭگوغا كىرىش ھېكايىسى
2015-07-22 16:39:004729ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش چۈشۈپ قالىدىغان سۆزلەر
2015-05-29 13:37:304541ھىندىستاندىكى ‹‹گىگانت قوللۇق بالا›› ئوپېراتسىيە
2015-12-13 01:17:494090دۇنيادىكى داڭلىق قورشاۋ تام شەھەرلىرىگە نەزەر
2016-01-12 22:22:454348بىر يۈرۈش يىلمان يۇمۇرلار
2015-03-11 19:50:5840452016-يىلى قەد كۆتۈرگەن ئاسمان پەلەك بىنالار
2016-01-07 15:42:524255
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-