‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى›› ۋاقىت جەدۋىلى
-
‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى›› ۋاقىت جەدۋىلى
ۋاقتى: 2015-04-01 ئاۋاتلىقى: 4439 قېتىميانفوندا كۆرۈش
‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى››نى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋاقىت جەدۋىلى
2013-يىلى 9-ئايدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە زىيارەتكە چىققاندا، تۇنجى قېتىم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەسەۋۋۇرى ۋە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايوندا مەخسۇس تېما تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلىمىي يول ۋە لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 8-نۆۋەتلىك 6-قېتىملىق ئومۇمىي ھەيئەتلەر (كېڭەيتىلگەن) يىغىندا، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ‹‹بەش مەركەز، ئۈچ بازا، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2014-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، 2-قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلدى. مەركەز يول قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇشنى ئېنىق بىلدۈرگەن.
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي ھەيئەتلەر (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پىكىر›› ۋە ‹‹شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ھەرىكەت پىلانى (2020 ــ 2014)››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.
2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. بۇ مەملىكەت بويىچە تۇنجى يەرلىكتە قۇرۇلغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدۇ.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى›نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى›› ۋە ‹‹2015-يىللىق شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى››نى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، 2015-يىللىق يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، دۆلەتلىك ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىكتە ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تەسەۋۋۇرى ۋە ھەرىكىتى››نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش ئورنىنى ئېنىق بېكىتكەن.
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنيادىكى 10 يېڭى گۈزەل مەنزىرىلىك جاي
2015-11-26 17:38:233256دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
2015-12-31 22:52:504148يەرشارىغا ئوخشايدىغان پېلانېتا بايقالدى
2015-07-24 12:13:444318داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (27)
2015-03-01 23:04:303675فېليەتۇن: نۇتۇق تېكىستى تەييارلاش
2015-03-02 12:54:514247داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (10)
2015-03-01 21:02:483768مۇسابىقىدىكى قىزىقارلىق كىيىنىۋالغانلار
2015-04-28 15:46:434088دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي ئورگانلىرى
2015-02-05 12:38:184501
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-