نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (27)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (27)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3466 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ـــ 27) 
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى 
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي  
ئالتىنچى بۆلۈم كېمىنى قايتا قولغا ئېلىش
ئالتىنچى باب شاتوت قاراۋۇل
    
    ئەينى چاغدا خاندسنى قارىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بولساممۇ، يەنىلا دەل تەگكۈزگەن ئىدىم. خاندسنىڭ قولى ئارغامچا شوتىدىن بوشاپ غەلىتە چىرقىرىغىنىچە دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى. مەن ماچتىنىڭ ئۇچىدىكى توغرا ياغاچتا ئولتۇرۇپ تۆۋەنگە قاراپ ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىگە لەيلەپ چىققانلىقىنى كۆردۈم. دېڭىز سۈيى قان بىلەن بويالدى. ئارقىدىن ئۇ ئاستا چۆكۈپ كەتتى.
    دېڭىز سۈيى بارا-بارا تىنچىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۈگۈلگىنىچە سۇنىڭ تېگىدە ياتقانلىقىنى كۆردۈم. بىر نەچچە تال بېلىق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۈزۈۋاتاتتى. ئۇ ئەسلىدىنلا زەخمىلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوق تېگىپ يارىلانغانلىقى ئۈچۈن سۇدىن ئۈزۈپ چىقماقچى بولسىمۇ قىلالمايتتى. ئەسلى ئۇ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى، نەتىجىدە ئۆزى جېنىنى سېلىپ بەردى. دېڭىزدىكى بېلىقلارنىڭ يېمىگە ئايلاندى.
    ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن مەن قاتتىق ئاغرىقنى سەزدىم. ئىسسىق قان دۈمبە ۋە كۆكرىكىمدىن ئېقىۋاتاتتى. مەن پىچاقنى تارتىپ چىقارماقچى بولغان بولساممۇ بەدىنىمگە تىترەك ئولۇشۇپ قولۇمنى تارتىشقا مەجبۇر بولدۇم. جىسمىمدا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ئىدى. ئەمما بۇ تىترەك ئويلىمىغان يەردىن مېنى بوشىتىۋەتتى. پىچاق پەقەت مېنىڭ بىر قات تېرەمنىلا تېشىپ ئۆتكەن ئىكەن. شۇڭا بىرلا تىترەش بىلەن بۇ بىر قات تېرىنى يىرتىپ تاشلىدىم. گەرچە مەندىن توختىماي قان ئېقىۋاتقان بولسىمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشتىم.
    مەن ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ ئاستا پالوبىغا قايتىپ چۈشتۈم. ئارقىدىن كېمە بۆلۈمچىسىگە كىرىپ يارا ئېغىزىنى تاڭىدىغان نەرسە ئىزلىدىم. مۈرەم قاتتىق ئاغرىسىمۇ قولۇمنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرەلەيتتىم. يارامنى تىڭىپ بولغاندىن كىيىن كېمىدە تۇرۇپ تۆت ئەتراپقا نەزەر سالدىم ھەم ئوبرايىننىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلاشتىم. كېمە قىيسايغاندا ئۇنىڭ جەسىتى پالوبا گىرۋىكىگە بېرىپ قالغان بولۇپ قىمىرلىماي ياتاتتى. بۇ مۇردا بەئەينى تۇرقى سەت كۆرۈمسىز ياغاچ ھەيكەلگە ئوخشايتتى. بىشىمدىن خېلى كۆپ ئىش ئۆتۈلگەچكە جەسەتتىنمۇ قورقمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. مەن ئۇنىڭ بېلىدىن تارتىپ كۈچەپ تۇرۇپ دېڭىزغا تاشلىدىم. دېڭىز سۈيى تىنچىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خاندس بىلەن مۈرىنى–مۈرىگە تەگكۈزۈپ ياتقانلىقىنى كۆردۈم. بىر توپ بېلىق خۇشال بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئۈزۈپ يۈرۈشەتتى.
    كېمىدە ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغان بولۇپ دېڭىز تاشقىنىمۇ بارا-بارا چېكىندى. ئارقىدىنلا دېڭىزدا شامال چىقىشقا باشلىدى. ئەمدى يەلكەنلەرنى دەرھال يىغىۋەتمىسەم شامال كېمىنى يەنە چوڭقۇر سۇغا ئاپىرىۋېتەتتى. شۇڭا بۇ ئىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايتتى. مەن يەلكەنلەرنى تېزلىك بىلەن چۈشۈرۈپ پالوبىغا تاشلىدىم ھەم پىچاق بىلەن يەلكەن چىقىرىش ئارقىنىنى كېسىۋەتتىم. يارىلانغاچقا مۇشۇنچىلىك ئىشنىلا قىلالايتتىم. ئەمدى ‹‹گىسپانولا›› ناملىق كېمىنىڭ تەقدىرىنى دېڭىز بىلەن تەڭرىلا بېكىتەلەيتتى.
    مەن كېمە بېشىغا بېرىپ پەسكە قاراپ كېمە ئەتراپىدىكى سۇنىڭ ناھايىتى تېيىزلىقىنى كۆردۈم. بىرتال ئۈزۈلگەن ئارغامچىنى تۇتۇپ كېمىدىن پەسكە سىيرىلدىم. سۇ پەقەت مېنىڭ بېلىمگىلا كەلدى.
    ھەرنېمە بولسا قايتىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتىم ھەم ھازىرلا ياغاچ قورولغا قايتىپ تۆھپەمدىن ماختانماقچى بولدۇم. بەلكىم ئۇلار مېنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ۋەزىپەمدىن ئايرىلغانلىقىمنى ئەيىبلىشى مۇمكىن، بىراق، ‹‹گىسپانولا››نى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىم بۇنى تامامەن تولۇقلاپ كېتەتتى. مەن مۇشۇ خىياللار بىلەن ياغاچ قورولغا راۋان بولدۇم.
    كۈن بارغانسېرى قارىيىپ ئايمۇ چىقتى. مەن ئاي يورۇقىدا ئالدىمغا قاراپ كېتىۋاتىمەن. يول بويى گاھى يۈگۈرۈپ، گاھى مېڭىپ قايتىشقا ئالدىرايتتىم. مەن ياغاچ قاشانىڭ ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا كەلگەن چاغدا قەدىمىمنى ئاستىلاتتىم. ئەتراپ قاراڭغۇ بولغاچقا ئۆيدىكىلەر مېنى پەرقلەندۈرەلىشى تەس. تاسادىپىي ئۆز ئادەملىرىم تەرىپىدىن يارىلانسام ئەرزىمەيتتى.
    ئاي بارغانسېرى ئېگىز كۆتۈرۈلدى. مەن ئاخىرى ياغاچ قورول جايلاشقان ئورماننىڭ ياققىغا يېتىپ كەلدىم. ياغاچ ئۆينىڭ يېنىدا بىر دۆۋە ئۆت كۆيۈپ تۈگەي دەپ قالغان بولۇپ ۋىلىلداپ ئۇچقۇنداۋاتاتتى. ئەتراپتا بىرمۇ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى. شامالنىڭ ھۇشقۇرتىشىدىن بۆلەك ئاۋازمۇ ئاڭلانمايتتى.
    مەن مېڭىشتىن توختاپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم. كاپىتان ئەزەلدىن ئوتۇننى تېجەپ، بۇنداق چوڭ گۈلخان يېقىشقا رۇخسەت قىلمايتتى. بۇلارنى ئويلاپ غەمگە پاتتىم. ئەجەبا مەن كەتكەندىن كېيىن بۇ يەردە باشقا ئىش يۈز بەرگەنمىدۇ؟
    مەن ئاستا شەرق تەرەپكە ئايلىنىپ ئۆتۈپ بىر قاراڭغۇ يەرنى تېپىپ قاشادىن يېنىك ئاتلاپ ئۆتتۈم ھەم يەردە يېتىپ تىۋىشسىز ئۆمىلەپ ياغاچ ئۆينىڭ بۇرجىكىگە كەلدىم. ئۆيگە يېقىنلاشقان چاغدا خورەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئورنىغا چۈشتى. مەن ئادەتتە خورەك ئاۋازىدىن بىزار بولساممۇ بۇ ئاۋاز ماڭا بەئەينى يېقىملىق مۇزىكىدەك ئاڭلىنىپ كەتتى.
    قارىغاندا ئۇلار تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇنىسى قاراۋۇللۇق خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن ئىدى. ناۋادا سىلۋېرلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا تاڭ ئاتقۇچە بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمايتتى.
    بۇ چاغدا مەن ئىشىككە بېرىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى. مەن خورەك ئاۋازىدىن باشقا يەنە قانات قاققاندەك غەلىتە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بۇنىڭ نېمە ئاۋازلىقىنى بىلەلمىدىم.
    مەن تىمسىقلاپ ئۆيگە كىرىپ ئورنۇمدا يېتىپ ئۇخلىۋالماقچى بولدۇم. ئىچىمدە ئەتە ئۇلار ئويغىنىپ ئۇخلاۋاتقانلىقىمنى كۆرسە قانداق بولۇپ كېتەر دېگەن خىيال ھۆكۈم سۈرەتتى. ماڭا يۇمشاق بىر نەرسە تاقاشتى، بۇ بىرسىنىڭ پۇتى ئىدى. ئۇ ئۆرۈلۈپ خىرقىراپ قۇيۇپ جىم بولۇپ قالدى.
    تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇقتا بىر چىرقىرىغان ئاۋاز ياڭراپ كەتتى:
    ـــ سەككىز پىكىس! سەككىز پىكىس! سەككىز پىكىس! سەككىز پىكىس!
    ئاۋاز ئۈزۈلمەي كېلەتتى. بۇ ئەسلىدە سىلۋېرنىڭ ھېلقى شاتوتى ئىكەن ئەمەسمۇ! بايىقى قانات قاققان ئاۋاز قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان شاتوتنىڭ ئاۋازى ئىكەن. ئۇ توختىماي سايراپ خوجايىنىغا بەلگە بېرىۋاتاتتى!
    ھەممە ئادەم شاتوتنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى. مەن سىلۋېرنىڭ قورقۇنچلۇق ۋاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم:
    ـــ كىم؟
    مەن بۇرۇلۇپلا قاچتىميۇ بىرىگە ئۇرۇلدۇم. كەينىمگە ئۆرۈلۈشۈمگە يەنە بىرىنىڭ قوينىغا سوقۇلدۇم. ئۇ مېنى مەھكەم تۇتۇۋالدى.
    ـــ دىك، مەشئەلنى ئەكەل! ـــ دەپ بۇيرۇق قىلدى سىلۋېر.
    ناھايىتى تېزلا بىرى سىرتقا چىقىپ مەشئەل كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
 داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى