نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پوۋېست: قارا يۈرەك - 11 (تۈگىدى)

پوۋېست: قارا يۈرەك - 11 (تۈگىدى)

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 4494 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا يۈرەك (11) 
( پوۋېست )
ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزان
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
11
   يېقىندىن بېرى قۇمدۆۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسى سىرلىق ئوردىغا ئوخشاپ قالدى. كىرىپ – چىقىدىغانلارمۇ ناھايىتى سىرلىق كۆرۈنىدىغان، ئارتۇقچە پاراڭ قىلىشمايدىغان، سۆزلەشسىمۇ پەس ئاۋازدا، ئەتراپىغا تازا قارىۋېتىپ قانداقتۇر بىر گۇمان بىلەن قۇلاققا ئېغىزىنى يېقىشىپ سۆزلىشىدىغان بولۇپ قېلىشتى. ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى تەشكىللىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇمدۆۋە يېزىسىنىڭ باشلىقى دولقۇن ۋە ئۇنىڭ غوللۇق گۇماشتىلىرىنىڭ بىرى بولغان قۇمتاش كەنت كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ساۋۇت ساختا قاتارلىقلارنى خىزمىتىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈۋاتاتتى.
   يەتتە قات يەرنىڭ ئاستىدا يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلىدىغان ‹‹تۆت كوچا دائىمىي ھەيئەتلىرى›› نىڭ ئېغىزىدا مۇشۇ كۈنلەردە ھەر خىل پاراڭلار ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن تارقالغان بىر قىسىم خەۋەرلەر ئۇزىمايلا راستقا ئايلىنىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ قالاتتى.
   — ئاڭلىدىڭلارمۇ، يېزا باشلىقى دولقۇننى تۈرمىگە سولىغۇدەك، - دېدى سەپكۈن يۈز، بىر كۆزى جىرتاق بەكرى پاناق ئەتراپتىكىلەرگە.
   — ئەتىگەندە ئېغىزىڭنى ئۈشۈتمىسەڭچۇ ‹‹چىرايلىق››، ئۇنچىۋالامۇ ئەمەستۇ؟ - دېدى تۇردىقارى ئىمام تەئەججۈپلەنگەن ھالدا، - بەك بولسا ئەمىلىنى ئېلىۋېتەر شۇ.
   — راست دەيمەن، ھېلىقى ساۋۇت سېكرىتار دېگەنمۇ نامەرد نەرسىكەن، بار پوقنىڭ ھەممىسىنى يېزا باشلىقىغا سۇۋاپ قويۇپتۇدەك. 370 مىڭ يۈەننى يەپ كېتىپتۇ دېگەن كىچىك گەپ ئەمەس – تە، راسىتلا شۇنداق بولىدىغان ئىش بولسا، تۈرمىدە يېتىشىدا گەپ يوق.
   — خوپ بوپتۇ، قاراپ تۇرۇپ ئاشۇ ئاچكۆزنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ كەلگەندىكىن. شەيتاندەك ئادەم ئۇ ساۋۇت ساختا دېگەن.
   — يۇقىرى - تۆۋەندىكى ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ ئۆتىدىغانلار قاراپ تۇرماس يېگەندە تەڭ يېگەندىكىن.
   — نېمىسىنى دەيسەن، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالماپتۇمىش، ئۆي تېلېفونلىرىنى توختىتىپ، يانفونلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئۆزىنى كۆزدىن نېرى قىلمىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقەمسايىلىرىنىڭ پېنسىيەگە چىقىدىغىنى پېنسىيەگە چىقىپ، يۆتكىلىدىغىنى غىپپىدە يۆتكىلىپ قۇيرىقىنى خادا قىلغان گەپ، ‹‹ھاڭگا ئېشەك تەخىيىگە ئىگە بولماپتۇ›› دېگەن شۇ – دە!
   — ‹‹ئىشەنگەن تاغلىرىدا كىيىك ياتماپتۇ - دە››. شۇنداق جاھان بۇ بىرسىنىڭ قىلغىنى بىرسىدە قالمايدىغان. ئىشەنچىلىك بىرسىدىن شۈي سېكرىتارنىمۇ يۆتكىلىپ كەتكۈدەك دەپ ئاڭلايمەنغۇ؟
   مۇشۇ پاراڭلار بولۇنۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەكشۈرۈشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، دولقۇن، ساۋۇت ساختىلارغا تەشكىلنىڭ چارە كۆرۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇشنى بۇيرۇپ قايتىپ كەتتى. ئىشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنمايلا، يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى شۈي داتۇنى ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىغا يۆتكەپ كەتتى. مۇئاۋىن يېزا باشلىقى يارمۇھەممەت مۇۋەققەت يېزا باشلىقى بولدى.
   دېھقان دېگەن ئاجايىپ بولىدۇ ، بىراۋنىڭ گېپىنى جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ، لېكىن كۆڭلىدە ئۆزى بىلگەنچە مۇلاھىزە قىلىدۇ. يارمۇھەممەت مۇۋەققەت يېزا باشلىقى بولۇۋىدى، بىرلىرى ‹‹تازا جايىنى تېپىپتۇ، كۆڭلىمىزدىكىدەك ئىش بولدى›› دەپ خۇش بولسا، يەنە بىرلىرى ‹‹كىم بىلىدۇ، بۇمۇ باش بولۇۋېلىپلا خۇي چىقىرىپ، ئىلگىرىكىلەردىنمۇ بەتتەر ئۈسكەك، تەپكەك بولۇپ كېتەمدۇ تېخى! ‹ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە› دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟›› دەپ شۈبھىلىنەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىر يېزىغا باشلىق بولماقنىڭ بىر چوڭ شەھەرگە باشلىق بولماقتىنمۇ بەك تەسلىكىنى ھېس قىلالمايتتى. مۇشۇ كۈنلەردە بارچىنىڭ كۆزى يېڭى باشلىقنىڭ ئىشنى قانداق باشلايدىغانلىقىدا ئىدى.
   قۇمدۆۋە دېھقانلىرىنىڭ كۆپرەك ئويلايدىغىنى يەر، سۇ، ئاشلىق، يەنى يەر، سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كۆپرەك ئاشلىققا ئېرىشىش، قورساقنى توق، كىيىمنى پۈتۈن قىلىش . ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تەكىتلەۋاتقىنىمۇ ، ئەھمىيەت بېرىۋاتقىنىمۇ دەل مۇشۇ مەسىلە. بۇ تەرىپىنى يارمۇھەممەت ئوبدان بىلەتتى. ھەر قېتىم مۇشۇ مەسىللەرنى خىيال قىلغىنىدا، زېممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ بارغانچە ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. شۇڭا ئۇ قانداق قىلىپ دېھقانلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش مەسىلىسىدە كۆپ باش قاتۇردى. ئۇيان ئويلاپ – بۇيان ئويلاپ، ئىشنى يەنىلا كەنت كادىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى ئىگىلەپ تېرىۋاتقان يەر، ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقان باغ – ۋاران، ھۆددە مۇددىتى توشسىمۇ قايتا توختام تۈزۈلمەي باشقۇرۇلۇۋاتقان يەر، باغ – ۋارانلارنى ئېنىقلاپ قايتىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭىلاپ توختام تۈزۈشتىن، ئۇنىڭدىن باشقا قىشنىڭ غېمىنى قىلالمايۋاتقان نامرات دېھقانلارنىڭ كەم – كۈتىسىنى ھەل قىلىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشتىن باشلاشنى كۆڭلىگە پۈكتى. بۇ نۆۋەتتە دېھقانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئىدى. ئويلىغانلىرىنى ئالدى بىلەن يېزىدىكى مۇئاۋىن رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار بىلەن كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىۋالماقچى، ئاندىن ھەر قايسى كەنت كومىتېت باشلىقلىرىغا يىغىن ئېچىپ، ئىشنى قانداق باشلاش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلماقچى بولدى.
   يارمۇھەممەت بۈگۈن ئىشخانىسىغا ئەتىگەنرەك كەلدى . ئىش ئۈستىلىنى ئانچە – مۇنچە رەتلەپ بولۇپلا، خاتىرىسىنى ئاچتى – دە، بۈگۈنكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئوي - پىكىرلىرىنى بىر – بىرلەپ يېزىپ چىقىپ ئالدىن تەييارلاپ قويدى. كارىدوردا ئۇياق – بۇياققا مېڭىشىۋاتقانلارنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىشقا، گۇدۇڭ - گۇدۇڭ ئاۋازلار كۆپىيىشكە باشلىدى. يارمۇھەممەت ئىشىكتىن بېشىنى چىقىرىپ كاتىپنى چاقىردى:
   — ماخمۇتجان، ھوي ماخمۇتجان! - ياندىكى ئىشخانىدىن كۆز ئەينەك تاقىۋالغان بىر يىگىت يۈگرەپ چىقتى.
   — ھە مانا، مانا، بىرەر ئىش بارمىدى يېزا باشلىقى؟ - پەس ئاۋازدا سورىدى يىگىت يارمۇھەممەتنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇپ.
   — ئورگاندىكى مۇئاۋىن رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا خەۋەر قىلىڭ، يىغىن ئاچىمىز، - دېدى يىگىتكە قاراپ. 
   يىغىنغا قاتنىشىدىغانلار ھايال ئۆتمەيلا يىغىلىپ بولدى، يارمۇھەممەت ئولتۇرغانلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن سۆزىنى باشلىدى:
   — بۈگۈن يېزا رەھبەرلىرى ئالدىمىزدىكى بىر مەزگىلدە ئىشلەشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆزئارا مۇزاكىرىلىشىپ بىرلىككە كېلىۋېلىش مەقسىتىدە جەم بولدۇق. ھازىر كۈزلۈك يىغىم ئاخىرلىشىپ قىشمۇ كىرىپ قالدى. دېھقانلارنىڭمۇ ئارىسال ۋاقتى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئورگاندىكى رەھبىرىي يولداشلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، كەنت - مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت كادىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ نورمىدىن ئاشۇرۇپ يەر، باغ - ۋاران ئىگىلىۋېلىشى، بىر قىسىم يەر، باغ - ۋارانلارنىڭ ھۆددە مۇددىتى توشسىمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قايتا توختام تۈزۈلمىگەنلىكىدەك دېھقانلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئېلىپ بارساق دەيمەن. ئۇندىن باشقا، يەنە مۇۋاپىق كادىر تەشكىللەپ قىشنىڭ غېمىنى قىلالمايۋاتقان نامرات ئائىلىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ مۇئەييەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىش ئىشلىرىنىمۇ ئويلىشىپ باقساق دېگەن قاراشتىمەن. مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە باشقا رەھبەرلەرنىڭ يەنە قانداق كۆز قاراش، پىكىر - تەكلىپلىرى بار، مۇزاكىرىلىشىپ باقساق، - يارمۇھەممەت گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى.
   — يالى شاڭجاڭ ياكىشى گەپ كىلدى، مەن شۇنداك بوسۇڭ كوللايدۇ، باشكىلا سوزلىسۇڭ، - دېدى دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇئاۋىن سېكرىتار شياۋ تاڭ.
   — يېزا باشلىقى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ مەسىلىلەرگە بۇرۇنلا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز زۆرۈر ئىدى، ھېلىھەم كاللىمىزنى سەگەكلەشتۈرۈپ، تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزىمىزدا يۈز بەرگەن ‹‹دولقۇن، ساۋۇت ئەنزىلىرى››دىن ئىبرەت ئېلىپ، دېھقانلار ئۈچۈن ھەقىقىي بىر ئىشلەپ باقساق دېگەن قاراشتىمەن، - دېدى ئىنتىزام تەكشۈرۈشكە مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرىتار روزى.
   ئۇ ئۇنى دەپ، بۇ بۇنى دەپ پىكىر بىرلىككە كېلىنىپ، گۇرۇپپا تەشكىللەندى. تەكشۈرۈش دائىرىسى ئايرىلىپ، يېڭى يىل بايرىمىدىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىپ بولۇش بېكىتىلدى . خىزمەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئەخمەت ھاكىمنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغان يارمۇھەممەت ئەتىسى ناھىيەگە بېرىپ دوكلات قىلدى. ھاكىم دوكلاتنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن، ‹‹تەپسىلىي، ئىنچىكە ئىشلەش، ئاممىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش، دادىل بولۇش، زىددىيەتتىن قاچماسلىق›› ھەققىدە يوليورۇق بېرىپ، بۇ خىزمەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ يارمۇھەممەتكە زور ئىلھام بولدى.
   تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش باشلىنىپ كەتتى. يارمۇھەممەت باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا بۈگۈن ئەتىگەندىلا تۆۋەنكى چوڭ ئېرىق كەنتىگە كەلدى.
   — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەخمان سېكرىتار، تىنچ - ئامان تۇرۇشلىمۇ، ئەتىگەندىلا كېپ قالدۇققۇ كۆزۈڭلارغا سەت كۆرۈنۈپ، قارشى ئالمامسىلەر قانداق؟ - چوڭقۇر سالام بىلەن كەنت قورۇسىغا كىرىپ كەلگەن يارمۇھەممەت كەنتنىڭ ئاتارمەن چاپارمەنلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ كۆرۈشتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ چېھرىدە، كۆزلىرىدە قىلچىمۇ مەنمەنلىك، چوڭچىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى، ئەكسىچە ھەقىقىي دېھقانچە ساددىلىق، تۈزلۈك ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. گەپلىرىنىڭ ئىنتوناتسىيەسىدىن، دېھقانچە تۈز تەكەللۇپلىرىدىن دېھقانلارغا بولغان بىر خىل ھۆرمەت، ھېرىسمەنلىك چىقىپ تۇراتتى.
   — يوقسۇ يېزا باشلىقى، ھەر قايسىلىرى بىزنىڭ ئىشىمىزنى دەپ سوغۇققا قارىماي كەلگەنلىرىدە قارشى ئالماسلىققا ھەددىمىزمۇ، قېنى ئاۋۋال ئىشخانىغا كىرەيلى، - دېدى كەنت سېكرىتارى رەخمان قىزغىنلىق بىلەن. ئۇ مۇشۇنداق بىر تەكشۈرۈشنىڭ پاتراق بولۇشىنى، كەنتنىڭ ئىلگىرىكى سېكرىتار، مۇدىرلىرى ئارتۇق ئىگىلىۋېلىپ تۇرۇقلۇق قايتۇرماي كېلىۋاتقان يەرلەرنى تېزراق بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر، كەنتنىڭ مەسئۇل كادىرلىرى، بوغالتىر قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر كىچىك مەجلىسخانىغا كىرىپ جايلاشتى.
   — قېنى سېكرىتار گەپنى نەدىن باشلايمىز، - دېدى يارمۇھەممەت ئولتۇرغانلارغا كۈلۈمسىرەپ قارىغىنىچە.
   — يەنىلا چوڭلاردىن كەلگىنى تۈزۈكمىكىن، ھەر قايسىلىرى تۇرغان يەردە بىزنىڭ ساقال تاراشقا نېمە ھەددىمىز.
   — خوش، ئەمىسە مۇنداق بولسۇن، - دەپ گەپ باشلىدى يېزا باشلىقى. ئۇ ئالدى بىلەن كېلىشتىكى مەقسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، - مەقسەت – مۇددىئا مۇشۇ، ئەمدى سىلەر تەكشۈرۈپ چىقىش ئەھۋالىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساڭلار، بىز ئاڭلاپ باقساق قانداق.
   — بولىدۇ، يېزىدا ئېچىلغان يىغىننىڭ روھى بويىچە، بىز تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە كەنتىمىزدە ئىككى نەپەر سېكرىتار، ئۈچ نەپەر مۇدىر ئالمىشىپ بوپتۇ، مۇئاۋىنلىرىدىنمۇ بەش نەپەرى ئالمىشىپ بوپتۇ. بۇندىن بەش يىل ئىلگىرىكى سېكرىتار نىياز داۋۇت، ئەينى چاغدا ئائىلىسىدە بەش جان بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە ھەر بىر جانغا بىر يېرىم مودىن جەمئىي يەتتە يېرىم مو يەر تەقسىملەپ بېرىلگەن ئىكەن، ئۇندىن باشقا كەنتتىن ئالىدىغان ئىش ھەققىگە ھېسابلاپ ئون مو يەرنى تېرىپ يەپ كېلىۋاتىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە ئىش ھەققى ئۈچۈن بەش مو يەر تېرىسا بولاتتى، بەش مو يەرنى ئارتۇق ئىگىلىگەن. لېكىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پىنسىيە پۇلى ئېلىپ تۇرۇپمۇ يەرنى قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ ھازىرغىچە ئىگىلەپ كەلدى. ئىلگىرى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ‹‹كەڭرەك بولۇڭلار›› دەپ كۆرسەتمە بېرىپتىكەن. ئىلگىرىكى كەنت مۇدىرى رۇسۇل مەتنىيازمۇ كەنتتىن ئالىدىغان ئىش ھەققى ئۈچۈن بەش مو يەرنى تېرىپ يەپ كەلگەن، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ پىنسىيە پۇلى ئېلىپ تۇرۇپمۇ يەرنى قايتۇرمىغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قايتۇرۇلماي ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان يەر 47 مو، باغ 15 مو. توختام ۋاقتى توشۇپ تۇرۇقلۇق قايتا توختام تۈزۈلمەي تېرىلىپ كېلىۋاتقان كوللېكتىپ قالدۇرۇق يەر 70 مو، باغ 32 مو. ئومۇمىي ئەھۋال مانا مۇشۇنداق.
   — نېمە، كەنتنىڭ ھازىرقى مەسئۇللىرى ئىگىلىگەن يەر، باغ - ۋاران ھەققىدە گەپ - سۆز يوققۇ؟
   — ھا، ھا، ھاھ! نېمىسىنى دەيلا يېزا باشلىقى، بىز تېخى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ كەنتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ‹‹يېڭى كەلدىئاخۇن››لار تۇرساق، بىز ئىگىلىگۈدەك يەر، باغ نەدە تۇرۇپتۇ، ئىش ھەققىمىزنى نېسى قىلىپ ئىشلەۋاتقان گەپ.
   — راست شۇنداقمۇ ياكى...؟
   — ئەلۋەتتە، مۇشۇ ئولتۇرغانلارمۇ بىلىدۇ، دېھقانلاردىن پىكىر ئېلىپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ.
   — ھەممىمىزگە ئايان، يېزىمىزنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، سۈيى قىس، تېرىلغۇ يېرى ئاز، شۇڭا دېھقانلار يەرنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ. يەر دېھقاننىڭ ئۈمىدى، خۇشاللىقى، بارلىقى. دېھقان جېنى يەر بىلەنلا كۆكىرىدۇ. يەر مەسىلىسىدە يۇقىرى - تۆۋەنلىك بولسا بولمايدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ باقتىڭلارمۇ؟
   — پاراڭلاشتۇق، ئۇلار ‹‹بىز كونا پارتىيە ئەزاسى، بىز مىڭ بىر جاپادا سالا - سالا ئېتىزلارنى بەرپا قىلغاندا، سىلەر تېخى ئاپاڭلارنىڭ قورسىقىغا تۆرەلمىگەن، بىزدىن بۇ يەرنى تالاشماي ئىشىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار›› دەپ زادى گەپ يېمىدى.
   — ئۇنداق بولسا، بىزنى باشلاڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەربىيە ئىشلەپ بىر تەرەپ قىلايلى.
   ئىككى كۈندىن بېرى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئىشلىرى خېلى ئۈنۈملۈك بولدى. كەنتتىكى مۇناسىۋەتلىك پىشقەدەم كادىرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىرمۇ بىر بېرىپ سۆھبەتلىشىش، تەربىيە ئىشلەش، قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق تارىختىن قېپقالغان بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىندى. بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر ئائىلىنىڭ ھۆددە يەر توختىمى مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋەتسىلا، بۇ كەنتنىڭ تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئاياغلىشاتتى. كۈن ئاش ۋاقتى بولغاندا، يارمۇھەممەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باشلاپ ئايۇپ ئاكىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى. ئۇلار قىشلىق ئۆيگە سالام بىلەن تەكەللۇپسىزلا كىرگىنىدە، ئايۇپ ئاكا گويا بىرسى يۈزىگە سوغۇق سۇ چاچقاندەك ئەندىكىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. 
   — كۈن چۈش بولغىچە كۈرۈك توخۇدەك ئۆيدىن چىقماي ياتىمىزمۇ ئايۇپ ئاكا، تالا - تۈزگە چىقىپ مال -ۋارانلارغا قارايلى مۇنداق، مىجەزلىرى يوقمۇ – يا؟ - سورىدى يارمۇھەممەت دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان ئايۇپ ئاكىدىن. ئۇ كەلگەنلەرگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، بىرئاز ئېسىنى تاپقاندەك بولۇپ ئېغىز ئاچتى:
   — بەكلا سەت ئىش بولدى يېزا باشلىقى، مىجەزىمغۇ يامان ئەمەس، ھەر قايسىڭلارنىڭ ئەتىگەندىلا كېلىشلىرىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن، قېنى يۇقىرى ئۆتۈشسىلە، يۇقىرى ئۆتۈشسىلە، ئەستا قېرىشقاندەك ما خوتۇننىڭ ئەتىگەندە بالىلارنىڭ ئۆيىگە كەتكىنىنى دەيمەن... - ئايۇپ ئاكا تام ياقىلىتىپ يىغىپ قويۇلغان يوتقان – كۆرپىلەر ئارىسىدىن تارتىشتۇرۇپ يۈرۈپ ئىككى تال كۆرپىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ تەڭلىمات ئۈستىگە سالدى.
   — بولدى ئاۋارە بولمىسىلا ئايۇپ ئاكا، قېنى سىلىمۇ ئولتۇرسىلا. دېيىشىدىغان گەپ بار ئىدى، شۇڭا ئىزدەپ كېلىشىمىز،- دېدى يارمۇھەممەت سۇپىنىڭ لېۋىگىلا ئولتۇرۇۋېتىپ.
   — بۇ يەردە ئولتۇرسىلا قانداق بولىدۇ، ئۈستىگە چىقسىلا دەيمەن، قېنى قالغانلارمۇ...
   — بولدى مۇشۇنداقلا ئولتۇرايلى، سەھرا پەدىسىدە، - دېيىشكىنىچە جايىغىلا زوڭزىيىشتى باشقىلارمۇ. شۇ تاپتا ئايۇپ ئاكا ئېغىزىدا ئۇلارغا تەكەللۇپ قىلىۋاتقىنى بىلەن، كۆڭلىدە ‹‹مەن بىلەن دېيىشىدىغان قانداق گەپ بولغىيتتى ياكى ئالدىنقى يىلىدىكى سايلامدا سىلىگە بېلەت تاشلايمەن دەپ قويۇپ، دولقۇنغا بېلەت تاشلىغانلىقىمنى بىلىپ قالدىمۇ – يا؟ كاساپەت، ئەتىگەندىلا نەشتىرىنى سانجىپ ئۆچ ئالغىلى كەلگەن بولمىسۇن يەنە؟ قېنى ئاۋۋال گېپىنى دەپ باقمىسۇنمۇ، باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن›› دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. 
   — ئۆيدە ئوتۇن - كۆمۈر كەم ئوخشىمامدۇ؟ مەشمۇ قۇرماپلا تېخى؟ - سورىدى كەنت سېكرىتارى رەخمان ئۆينىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغا نەزەر سالغاچ. 
   — يوققۇ ئەمەس سېكرىتار، شۇ ئازراق تۇرىدۇ، ئاياپراق ئىشلەتمىسەك بولمىغۇدەك.
   — ھە نامەتجان، ئاڭلىغانسىز ماۋۇ گەپنى، ئانچە - مۇنچە خاتىرىلەپ قويۇڭ، كېيىنچە يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن كۆمۈر بېرىپ قالسا باشقىلار قاتارىدا ئاز - تولا بىرنەرسە قىلىپ بېرەرمىز، - دېدى سېكرىتار مۇئاۋىن مۇدىرغا قاراپ.
   — رەھمەت سېكرىتار، ئۇنچىۋالامۇ بوپ كەتمەسمەن. سەل تەخىر قىلىشسىلا، مەن غاچچىدە بىر چاي قاينىتاي... - دېدى ئۇ سىرتقا مېڭىشقا تەمشىلىپ.
   — بولدى قىلسىلا ئايۇپ ئاكا، قېنى ماۋۇ يەردە ئولتۇرسىلا. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى، ئەتىگەندىلا سىلى بىلەن بىر ئىشنى مەسلىھەتلەشكىلى كىرگەن، سىلى ھۆددىگە ئېلىپ تېرىپ يەۋاتقان ھېلىقى بىنەمنىڭ ھۆددە مۇددىتى توشۇپ، كەنتكە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقتتىن ئېشىپ كەتكىلىمۇ ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ، لېكىن سىلى تېخىچە قايتۇرۇپ بەرمەپلا ھەم يېڭىدىن توختاممۇ تۈزمەپلا، ئىككى يىللىق ھۆددە پۇلىمۇ پاتاڭلىرىدا باركەن، مۇشۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى دەپ كېلىشىمىز، سىلىنىڭچە؟... - يارمۇھەممەت كېلىش مەقسىتىنى ئېيتقاندىن كېيىنلا ئايۇپ ئاكىنىڭ كۆڭلى سەل ئىزىغا چۈشتى. يارمۇھەممەت ئۇ ئەنسىرىگەن ئىشنى تىلغا ئالىدىغاندەك قىلمايتتى.
   — ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، بىنەمنىڭ ھۆددە مۇددىتى راست ئۆتكەن يىلىلا توشقان، ئەينى چاغدا مەن كەنت كادىرلىرىنى ئىزدەپ توختامنى يېڭىلاپ تۈزەيلى دېسەم، ئازراق ساقلاپ تۇرسىلا يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن يوليورۇق سوراپ باقايلى دېگەن، كېيىن ئىلگىرىكى يېزا باشلىقىمىز دولقۇن ‹‹بۇ يىلچە تېرىپ تۇرسىلا، توختامنى كېيىن تولۇقلاۋالساقمۇ بولىدۇ›› دېدى. شۇ يىلى كېۋەز تېرىدىم، تەلىيىم كاجمۇ قانداق بىلمىدىم، كېۋەز غوزىلاي دېگەندە مۆلدۈر تولا سوقۇپ ۋەيران قىلىۋەتتى، كەنت كادىرلىرىنىڭمۇ خەۋىرى بار، ئاخىرى بانكىغا قەرزگە بوغۇلدۇم، شۇ ۋەيرانچىلىقتا ھۆددە پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمىدىم. بۇ يىل يەنە ‹‹يىقىلغان يەردىن قوپ›› دەپ كېۋەز تېرىغان، يامان ئەمەس پۇلمۇ بولدى، ئەمما ئۆتكەن يىللىق قەرزىمنى ئاران تۈگەتتىم. شۇڭا بۇ يىلقى ھۆددە پۇلىغىمۇ ئېغىز ئاچالماي قالدىم، كادىرلارمۇ سۈيلىدى بولمىسا.
   — ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىلا، يەرنى قايتۇرۇپ ئالساق پىكىرلىرى بارمۇ؟
   — ئەلۋەتتە پىكرىم بولىدۇ - دە، يەرگە شۇنچە مەبلەغ سېلىپ، نەچچە توننا ئوغۇت قۇيۇپ ئاغدۇرۇپ، ئەمدى ئەيۋەشكە كەلگەندە قايتۇرۇۋالىمىز دېسەڭلار ماڭا ئۇۋال بولىدۇ - دە؟ يەنىلا مەن ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرىمەن دېسىلە يېزا باشلىقى، - دېدى ئايۇپ ئاكا يېزا باشلىقىدىن مەدەت تىلىگەندەك.
   — ئۇنداق بولسا، سىلىنىڭ قانداقراق باشقۇرۇش پىلانلىرى بار؟ ئىككى يىللىق ھۆددە پۇلىنى قانداق قىلاي دەيلا؟ قېنى دەپ باقسىلا ئاڭلاپ باقاي، مېنىڭچە پىلانلىرى مۇۋاپىق بولسىلا، ئۇ يەرنى يەنىلا سىلىگە ھۆددىگە بېرەيلى، قانداق دېدىم؟، - دېدى يېزا باشلىقى ئولتۇرغان باشقا كادىرلارغا قاراپ.
   — يېزا باشلىقى بەك بەلەن گەپ قىلدى، ئاتىلىرىدىنمۇ بۇنداق قۇلاققا خۇش ياقىدىغان يېقىملىق گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان بولغىيتتىلە، قېنى ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسىلا،- رەخمان سېكرىتار سۆز قاتتى.
   — مېنىڭ ھۆددە پۇلىنى بەرمەيمەن دەيدىغان نىيىتىم يوق، لېكىن ھازىر قولۇمدا پۇل يوق، پات ئارىدا پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ تاپشۇرۇۋېتىمەن. ئەمدى يەرنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەم، ئىلگىرى كېۋەزمۇ تېرىپ كۆردۈم، قوغۇن - تاۋۇزمۇ تېرىپ كۆردۈم، تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئېشىنالماي كەلدىم، كۆزىتىپ باقسام دېھقان ئۈچۈن ئەڭ تېز، ياخشى پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىش باغۋەنچىلىكتەك قىلىدۇ، ھازىر بازارنىڭ چىلانغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا كەنت تەشكىلى مۇۋاپىق كۆرسە، يەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆددە ئېلىپ چىلانزارلىق بەرپا قىلايمىكىن دەيمەن. قارىسام چىلان يېزىمىزنىڭ تەبىئىي شارائىتىغىمۇ ماس كېلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى يىلدىلا مېۋىگە كىرىدىكەن، تېگىگە ئۈچ، تۆت يىلغىچە زىرائەت تېرىساممۇ بولىدىكەن... - ئايۇپ ئاكا ئۆز مۇددىئا - پىلانلىرىنى سۆزلەپ بولۇپ، نېمە دەركىن دېگەندەك يېزا باشلىقىغا قارىدى.
   — پىلانلىرىغۇ خېلى جايىدا پىلان ئىكەن، مۇنداق قىلايلى، سىلى ئاۋۋال ئازراق پۇلنىڭ جايىنى قىلىپ ئىككى يىللىق ھۆددە پۇلىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىۋەتسىلا. بىز قايتىپ بېرىپ، كەنتتىكىلەر بىلەن تەپسىلىي مۇزاكىرىلىشىپ، مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدىلا سىلىگە جاۋابىنى بېرەيلى، شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟ - دېدى يېزا باشلىقى ئايۇپ ئاكىغا قاراپ.
   — رەھمەت يېزا باشلىقى، مەن چوقۇم سىلى دېگەندەك قىلىمەن، ھەر قايسىلىرىغىمۇ رەھمەت، نەچچە يىلدىن بېرى كۆپ ياردەم قىلىپ كەلدىڭلار، – دېدى ئايۇپ ئاكا ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ. ئۇ ‹‹دولقۇن يېزا باشلىقلىقىدىن قالسا يەرنى تارتىۋالارمۇ›› دەپ ئەندىشىدە يۈرۈۋاتقان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ ئەندىشىدىن قۇتۇلۇپ تەنلىرى كەڭرىپ قالغاندەك بولدى.
   يارمۇھەممەت مۇۋەققەت يېزا باشلىقى بولۇپ، كاللىسىدا ‹‹مەن بۇ يېزىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئىكەنمەن، چامىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ، يېزىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك، ئالدى بىلەن كەنتلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئەمەلدارلىرى ئارتۇق ئىگىلىۋالغان يەر، باغ - ۋارانلارنى چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىپ، مۇھىم نۇقتىنى دېھقانلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتىمەن›› دېگەن ئوي پەيدا بولغاندىن تارتىپ، بۇ ئارزۇ ئۇنىڭغا دائىملىق ھەمراھ بولۇپ كەلگەن، ھەتتا چۈشلىرىنىمۇ بەنت قىلىۋالغان ئىدى. مانا ئەمدى بىرىنچى قەدەمدە تۆۋەنكى چوڭئېرىق كەنتىگە كېلىپ، ئۆزى باش بولۇپ قول تىقىپ ئىشلەپ، دېھقانلاردىن پىكىر ئالدى، تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلىدى، تەكشۈرۈپ دەلىللىدى، ئىلگىرىكى كەنت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى نورمىدىن ئارتۇق ئىگىلىۋالغان يەر، باغ - ۋارانلارنى تولۇق ئېنىقلاپ چىقتى. بۈگۈن ئۇ كەنت بويىچە چوڭ يىغىن ئېچىپ، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دېھقانلارغا ئاشكارلىماقچى، قايتۇرۇۋېلىنغان يەرلەرنىڭ دېھقانلارغا تەقسىملەپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرماقچى.
   بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كەنت كومىتېت قورۇسى قايناپ كەتتى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا كۆز تىكىپ تۇرۇشقان دېھقانلار چوڭ يىغىن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپلا، قولىدىكى ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ كەنت قورۇسىغا يىغىلىشقان ئىدى.
   — يولداشلار، دىققەت قىلايلى، يولداشلار، دىققەت قىلايلى! ھازىر يىغىننى باشلايمىز، ئاۋۇ ئارقا تەرەپتە ئۆرە تۇرۇۋالغانلار ئولتۇرۇڭلار، ھازىر يېزا باشلىقىمىز يېقىندىن بېرى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، - كەنت سېكرىتارى رەخمان ئۈنلۈك ئاۋازدا يىغىن باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە مىكروفوننى يېزا باشلىقىنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى. چاۋاك ئاۋازى بېسىققاندىن كېيىن يېزا باشلىقى سۆز باشلىدى:
   — يولداشلار، بىرئاز دىققەت قىلايلى، بۈگۈن ھاۋا سوغۇق، ھەر قايسىڭلارنى توڭدۇرۇپ قويىدىغان بولدۇق، خاپا بولۇشمىغايلا، مەن ئۇششاق سۆزلەپ ۋاقتىڭلارنى ئېلىشنى خالىمايمەن، چۈنكى ھەممىمىزنىڭ ئىش – كۈشلىرىمىز بار، شۇڭا گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دېمەكچىمەن. ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرى بار، يېزا تەشكىللىگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەنتىڭلارغا كېلىپ، نورمىدىن ئارتۇق ئىگىلىۋېلىنغان يەر، باغ - ۋارانلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقىنىغا بەش كۈن بولدى، بۇ جەرياندا ئىلگىرى ھەل قىلىنماي قېپقالغان بىر قىسىم مەسىلىلەر مۇۋاپىق ھەل قىلىندى. بىر قىسىم پىشقەدەملىرىمىز خىزمىتىمىزنى توغرا چۈشىنىپ قوللىدى، دېھقانلىرىمىز ئاكتىپ ماسلاشتى. مەن ئالدى بىلەن بىزنى قوللىغان، چۈشەنگەن، ماسلاشقان بارلىق يولداشلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن بۇ قېتىم ھەممىمىز ئورتاق ماسلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، قوللىشىدىغانلا بولساق، ھەر قانداق مەسىلىنى ئوبدان ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ قېتىم تەكشۈرۈش گۇرۇپپىمىز كەنتىمىز تەۋەسىدە ئېنىقلاپ چىققان نورمىدىن ئارتۇق ئىگىلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقان يەر جەمئىي 47 مو، باغ - ۋاران 13 مو. بۇلار كەنتكە تولۇق قايتۇرۇلدى. ئارتۇق ئىگىلىۋېلىنىپ ئىشلىتىلگەن يەر، باغ - ۋاران ئۈچۈن تۆلىتىۋېلىنغان پۇل 31 مىڭ 400 يۈەن. ھۆددە مۇددىتى توشقان تېرىلغۇ يەر 82 مو، باغ - ۋاران 42 مو، بۇنىڭدىن قايتا توختام تۈزۈلۈپ ھۆددىگە بېرىلگەن يەر 42 مو، باغ - ۋاران 22 مو، ھۆددىگە بېرىلمەي قايتۇرۇۋالغان يەر 40 مو، باغ - ۋاران 20 مو. كەنت كومىتېتىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكەن قايتۇرۇۋېلىنغان جەمئى يەر 87 مو، باغ-ۋاران 20 مو. كەنتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، قايتۇرۇۋېلىنغان يەر، باغ - ۋاران، نەق پۇللارنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلدۇق: قايتۇرۇۋېلىنغان 87 مو يەر تېرىلغۇ يەر تەقسىم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆپەيگەن، ئەمما تولۇقلاپ يەر تەقسىملەپ بېرىلمىگەن نوپۇسقا بەلگىلىمە بويىچە تەقسىملەپ بېرىلىدۇ؛ 31 مىڭ 400 يۈەن پۇل كەنتىمىزدىكى ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، قىشتىن ئۆتۈشتە قىيىنىلىۋاتقان نامراتلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتىۋېلىشىغا ئىشلىتىلىدۇ ؛ تېخى ھۆددىگە بېرىلمىگەن 20 مو باغ - ۋاران ھۆددە ئېلىشنى ئىختىيار قىلغۇچىلارغا مۇۋاپىق باھادا ھۆددىگە بېرىلىدۇ. بۇ قارارغا باشقىچە پىكرى بارلار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىمىز بىلەن پىكىرلەشسە بولىدۇ.
   كەنت قورۇسىنى گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى قاپلىدى. نەچچە يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنىڭ بۈگۈن رېياللىققا ئايلانغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن دېھقانلار خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتالماي قېلىشتى. قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ئۇزۇنغىچە بېسىقمىدى. ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە خۇشاللىق . بولۇپمۇ، يېڭىدىن تۇغۇلغان، توي قىلىپ كۆچۈپ كەلگەن، ئەمما تېرىلغۇ يەر قىسلىقى تۈپەيلىدىن يەر تەقسىملىنىپ بېرىلمەي تۇرۇۋاتقان ‹‹قارا نوپۇس›› لارغا بەلگىلىمە بويىچە يەر تەقسىملەپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا خۇددى ئويلىمىغان يەردىن بىرنەچچە تال شاكىلاتقا ئېرىشكەن كىچىك بالىلاردەك سۆيۈنۈپ كېتىشتى. كاتتا توي شادلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقاندەك بۇنچىلىك خۇشال مەنزىرىنى خېلىدىن بېرى كۆرۈپ باقمىغان يېزا باشلىقىنىڭ دىلى سۆيۈنۈپ، كۆڭلى ئارام تاپقاندەك بولدى.
   ئەنئەنىۋى كۆز قارىشى كۈچلۈك، ئەمەلىيەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان تۆۋەنكى چوڭئېرىقلىقلار يارمۇھەممەتنىڭ — بۇ ئوت يۈرەك، قەيسەر يىگىتنىڭ مۇشۇ يۇرتنى، مۇشۇ يۇرتتىكى ئاق كۆڭۈل، جاپاكەش، ساددا قېرىنداشلىرىنى چىن يۈرىكىدىن قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى قايتىدىن تونۇپ يەتكەندەك بولدى . 
(تۈگىدى)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى