نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىسقىچە تارىخى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىسقىچە تارىخى

ۋاقتى: 2015-04-29 ئاۋاتلىقى: 4974 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىسقىچە تارىخى

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي

    بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدا ئاجايىپ ئاۋات بىر جاي بار، ئۇ بولسىمۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئېلىكترون مەركىزى، داڭلىق ئېلېكترون سودا-سارايلىرى جايلاشقان ئورۇن جۇڭگۇەنسۇن، بۇ جاي ئۆزىنىڭ ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرى بىلەن ھەممىگە تونۇش بولۇپ قالماي، يەنە بۇ يەرگە جايلاشقان ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ۋە 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى، ھازىرقى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەنمۇ نام چىقارغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت باشقۇرىشىدىكى ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت. دۆلەتنىڭ "211" قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق مەكتەپ. ئىجتىمائىي پەندە جۇڭگو بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2000-يىلى سابىق «بېيجىڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» بىلەن بىرلەشكەن، ئىككى مەكتەپ رايونى بار. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى قەدىمكى تۈسنى ساقلاپ قالغان، مەكتەپ كۈتۈپخانىسى (340مىڭدىن كۆپرەك كىتاپ ساقلانغان)، «يۈز يىللىق چوڭ زال» قاتارلىقلار بىلەن داڭلىق. ھازىرقى زامان تىپىدىكى قۇرۇلۇشىدىن «گۇاڭخۇا ئىنىستىتۇتى» ئوقۇتۇش بىناسى بار، مەنزىرىسى "نامسىز كۆل" بىلەن ئالاھىدە.


    بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1898-يىلى قۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتلىك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ ئورگىنى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ھازىرقى نامى بارلىققا كەلگەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەڭ بۇرۇن دېموكراتىك ئىدىيىنى جۇڭگودا تارقاتقان ئورۇن، جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى پائالىيەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىدە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى. ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئالغائىلگىرىلەش، دېموكراتىيە، ئىلىم-پەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەزەلدىن تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەربىيىلەنگەن تارىخىي شەخىسلەردىن: جوڭگۇ ھازىرقى زامان يازغۇچىسى، جەمئىيەتشۇناس ماۋدۇن، جوڭگۇ يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابچىسى، مائارىپشۇناس، ئالىم سەي يۈەنپېي، جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن چېن دۇشيۇ، جوڭگۇنىڭ ھازىرقى زامان ئەدىبى، تارىخشۇناس، پەيلاسۇپ خۇشى، سابىق مەكتەپ مۇدىرى، ئاكادېمىك شۈ جىخوڭلار بار.
    بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەسىپلىرى ھەرخىل، شىنجاڭلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن يەرشارى فىزىكىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، تارىخ قاتارلىق كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنىدۇ. كەسىپلىرى: پەلسەپە تىپىدىكىلەر: پەلسەپە، دىنشۇناسلىق. ئىقتىساد تىپىدىكىلەر: ئىقتىساد كەسپى، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، مالىيە، پۇل-مۇئامىلە كەسىپلىرى. قانۇن تىپىدىكىلەر: قانۇن كەسپى. جەمئىيەت تىپىدىكىلەر: جەمئىيەتشۇناسلىق. سىياسەت تىپىدىكىلەر: سىياسەت ۋە مەمۇرىي ئىلىم، خەلقئارا سىياسەت،تاشقى ئالاقە ۋە تاشقى ئىشلارنى باشقۇرۇش، خەلقئارا سىياسى ئىقتىساد جوڭگۇ تىل-ئەدىبىياتى تىپىدىكىلەر: خەنزۇ تىلى ئەدىبىياتى، كىلاسسىك ئەدىبىيات، جوڭگۇ ئەدىبىياتى، قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق. ئاخبارات ئۇچۇر ئىلمى: ئۇچۇر ۋە تارقىتىش كەسپى، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇچۇر كەسپى، ئېلان كەسپى، تەھرىرلەش ۋە نەشرىيات ئىلمى، تارقىتىش ئىلمى. سەنئەت تىپىدىكىلەر: رادىئو-تېلىۋېزىيە رېژسىسورلۇقى. تارىخ تىپىدىكىلەر: جوڭگۇ تارىخى، دۇنيا تارىخى، ئارخىيولوگىيە، مۇزىيشۇناسلىق، ئىجتىمائىي پەن تەجرىبە سىنىپلىرى (يۈەنپېي تەجرىبە سىنىپى)، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تېخىنىكىسى. تەبىئىي پەن تىپىدىكىلەر: تەبىئىي پەن تەجرىبە سىنىپلىرى (ماتېماتىكا، يۇەنپېي تەجرىبە سىنىپى)، ماتېماتىكا، فىزىكا. خېمىيە، ئاسترونومىيە، گېئولوگىيە، يەرشارى خېمىيىسى، يەرشارى فىزىكىسى، قوللىنىشچان كۈچ ئىلمى ۋە نەزەرىيىسى، ئېلىكترونلۇق ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، مىكرو ئېلىكترون ئىلمى، ئۇچۇر ئىلمى تېخنىكىسى، سېستىما ئىلمى، بوشلۇق ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى. بىيولوگىيە تىپىدىكىلەر: بىئوخېمىيە، بىيولوگىيە ئىلمى، بىيولوگىيە تېخنىكىسى. جۇغراپىيە تىپىدىكىلەر: جۇغراپىيە ئىلمى، جۇغراپىيە ئۇچۇر سىستېمىسى، ئىلىم پەن قۇرۇلۇشى ھېسابلاش سىستېمىسى. ئاتموسفىرا تىپىدىكىلەر: ئاتموسفىرا ئىلمى. ماتېرىيال ئىلمى تىپىدىكىلەر: ماتېرىيال خېمىيىسى. مۇھىت قۇرۇلۇشى: مۇھىت ئىلمى، ئېكولوگىيە پىسخولوگىيە ئىلمى: پىسخولوگىيە ئېلىكترون گاز ئىلمى: كومپيۇتېر ئىلمى تېخنىكىسى، ئىقتىدار ئىلمى تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش كۈچ ئىلمى: قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ئانالىز ئىلمى. مېدىتسىنا تىپىدىكىلەر: تىبابەت سېستىمىسى كەسىپلىرى. باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش تىپىدىكىلەر: ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سېستىمىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش،بازار مۇلازىمىتى،بوغالتىرلىق، ئادەم كۈچى مەنبەسىنى باشقۇرۇش. ئاممىۋى باشقۇرۇش تىپىدىكىلەر: ئاممىۋى پىرىنسىپ باشقۇرۇش، شەھەر باشقۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە ماتېماتىكا كەسپى. كۈتۈپخانا ئارخىپ ئىلمى: كۈتۈپخانا ئىلمى، ئۇچۇر مەنبەسىنى باشقۇرۇش. چەتئەل تىلى ئەدىبىياتى تىپىدىكىلەر: ئىنگىلىز تىلى، رۇس تىلى، چاۋشيەن تىلى، ئەرەب تىلى، ياپون تىلى، ئىسپان تىلى، گېرمان تىلى،فىرانسۇز تىلى. ئۇنۋېرسىتىتا ھازىر دوكتۇر تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 199ى، ئاسپرانت تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 211ى، تولۇق كۇرس كەسپىدىن100ى بار. 139 كەسىپتىن 35 دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش ئورنىغا ئىگە. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور، دوكتۇر يېتەكچىسى، جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاكادېمىكى ۋە دۆلەتلىك نۇقتىلىق پەن، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا سانى جەھەتتە دۆلىتىمىز بويىچە بىرىنجى ئورۇندا.
    بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىنسىلا «گۇاڭخۇا» باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى ئەسكە كەلمەي قالمايدۇ. بۇ ئىنىستىتۇتتا 10 فاكۇلتېت بار، ئۇلار: قوللىنىشچان ئىقتىساد ئىلمى فاكۇلتېتى، پۇل-مۇئامىلە فاكۇلتېتى، ئۇيۇشما باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتېتى، بازار مۇلازىمىتى فاكۇلتېتى، سىتىراتىگىيە باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، بوغالتىرلىق فاكۇلتېتى، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى، تازىلىق ئىقتىسادى ۋە باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتېتى، تاۋار سىتاتسىتىكىسى ۋە ئىقتىساد مىقدارى فاكۇلتېتى، ئۇچۇر سېستىمىسى ۋە تاۋار ئاقما باشقۇرۇش فاكۇلتېتى.
    شىنجاڭلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلاردىن ھەريىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۆتى، مېدىتسىنا بۆلۈمىگە 12 سى قوبۇل قىلىنىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۇقىرى نۇمۇر بىلەن تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە،جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىكىغا ئىمتىھانسىز ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان ساناقلىق مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار.

    بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق داڭلىق ئالىي مەكتەپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىغىچە كىشىنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەركىن پىكىرلىك، قويۇق دېمۇكراتىك ئىدىيە ئەينى دەۋردىكى ياشلاردىكى قىزغىنلىقنى ئەسلىتىدۇ.























Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى