نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي ئورگانلىرى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي ئورگانلىرى

ۋاقتى: 2015-02-05 ئاۋاتلىقى: 4491 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي ئورگانلىرى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى (دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى)، يەنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىش ئورگىنى، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئىجرا قىلىش ئورگىنى بولۇپ، ئۇ زۇڭلى (باش مىنىستىر)، مۇئاۋىن زۇڭلى (مۇئاۋىن باش مىنىستىر)لار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن. گوۋۇيۈەن (دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى)دە زۇڭلى (باش مىنىستىر) مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
گوۋۇيۈەن (دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى)نىڭ باش كاتىپى زۇڭلى (باش مىنىستىر)نىڭ يېتەكچىلىكىدە، گوۋۇيۈەن (دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى)نىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن (دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى)نىڭ ئىشخانىسىغا باش كاتىپ رەھبەرلىك قىلىدۇ.
زۇڭلى: لى كېچياڭ
مۇئاۋىن زۇڭلىلار: جاڭ گاۋلى، ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ، ما كەي
دۆلەت كومىسسارلىرى: ياڭ جىڭ، چاڭ ۋەنچۈەن، ياڭ جيېچى، گو شېڭكۈن، ۋاڭ يۇڭ
باش كاتىپ: ياڭ جىڭ
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى (دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى) ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاپپاراتلار:
1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى
2. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى
3. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى
4. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقى
5. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى
6. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى
7. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى
8. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى
9. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى
10. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رېۋىزىيە مىنىستىرلىقى
11. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى
12. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى
13. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مالىيە مىنىستىرلىقى
14. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى
15. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى
16. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى
17. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى
18. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى
19. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۇچىلىق مىنىستىرلىقى
20. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى
21. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقى
22. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى
23. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى
24. جۇڭگو خەلق بانكىسى
25. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇپەتتىشلىك مەھكىمىسى
(بۇنىڭ ئىچىدە تەپتىش مىنىستىرلىقى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرىدۇ، ئورگان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئىشتاتى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ)
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە ئورگان:
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگەبىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار:
1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاموژنا باش مەھكىمىسى
2. دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى
3. دۆلەتلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى
4. دۆلەتلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى
5. دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (دۆلەتلىك نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى)
6. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى
7. دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى
8. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى
9. دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى
10. دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى
11. دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى
12. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى
13. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى
14. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى
(بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ۋىۋىسكىسى تەپتىش مىنىستىرلىقىغا قوشۇمچە ئېسىلىدۇ)
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى:
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مۇھاجىرلار ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى
جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى
دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتى
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى
جۇڭگو مىتېئورولوگىيە ئىدارىسى
جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى
جۇڭگو ئاكسىيەنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى
جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى
دۆلەتلىك ئېلېكتىر كۈچى نازارەت قىلىش كومىتېتى
مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى بىرلەشمىسى
دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى
دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى
(دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەش ئىشلىرى ئىشخانىسى مەركىزىي كومىتېت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى بىلەن بىر ئورگاندا ئىككى ۋىۋىسكا ئېسىلىدۇ، مەركىزىي كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىدۇ. دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى مەركەز ئارخىپ سارىيى بىلەن بىر ئورۇندا ئىككى ۋىۋىسكا ئېسىلىدۇ، مەركىزىي كومىتېت بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ قارىمىقىدىكى ئورگانلارغا كىرگۈزۈلىدۇ)
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى باشقۇرىدىغان دۆلەتلىك ئىدارىلەر:
دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى
دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى
دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى
دۆلەتلىك دۆلەت مۇداپىئەسى، پەن-تېخنىكا، سانائەت ئىدارىسى
دۆلەتلىك كۆك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى
دۆلەتلىك چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى
دۆلەتلىك مەمۇرلار ئىدارىسى
دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى
دۆلەتلىك ئۆلچەش-سىزىش جۇغراپىيەۋىي ئۇچۇر ئىدارىسى
دۆلەتلىك خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى
دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى
دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى
دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى
دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى باشقۇرۇش ئىدارىسى
دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى
دۆلەتلىك كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى
دۆلەتلىك مەخپىيەتلىك ئىدارىسى
دۆلەتلىك مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى
دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى
دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى
دۆلەتلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى
دۆلەتلىك ئاتوم بىخەتەرلىكى ئىدارىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مۇھاكىمە قىلىش-ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى:
ئۆلكىلەر: خېبېي ئۆلكىسى، سەنشى ئۆلكىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، جىلىن ئۆلكىسى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، جياڭشى ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، خەينەن ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى، گۇيجۇ ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، چىڭخەي ئۆلكىسى، تەيۋەن ئۆلكىسى
ئاپتونوم رايونلار: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر: بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى، چۇڭچىڭ شەھىرى
ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى