نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پوۋېست: قارا يۈرەك - 7 (داۋامى بار)

پوۋېست: قارا يۈرەك - 7 (داۋامى بار)

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 4074 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا يۈرەك (7) 
( پوۋېست )
ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزان
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
7
   ھاۋا ئاستا - ئاستا ئىللىپ ، تېرەكلەر پوتلا چىقىرىشقا، ئۆچەكتىكى جانلىقلار مىدىراشقا باشلىدى. دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ غېمىدە ئالدىراش ، ساۋۇت ساختا بولسا، نەچچە كۈندىن بېرى كىرگۈزگەن‹‹ئالاھىدە باھالىق›› خىمىيىۋى ئوغۇتنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېزراق قولدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ غېمىدە تېخىمۇ ئالدىراش. دېھقاننىڭ خىيالى يوقنى غەملەپ ، ئېتىزلىرىغا بالدۇرراق ئۇرۇق سېلىۋېلىشتا ، ساۋۇت ساختىنىڭ خىيالى بولسا، بىرىنى يۇمشاق گەپ بىلەن ئالداش ، بىرلىرىنى ھەيۋە قىلىپ ئازگالغا ئىتتىرىش، يەنە بىرلىرىنىڭ كۆزىگە توپا چېچىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نېسىۋىسىنىڭ ئاز – كۆپلىكىدە ئىدى، خۇددى ‹‹ئۆچكە جان قايغۇسىدا، قاسساپ ياغ قايغۇسىدا›› دېگەندەك. ساۋۇت ساختا كىچىكىدە موللامدىمۇ، پەننىي باشلانغۇچتىمۇ ئوقۇغان بولۇپ، دېھقانلار نەزەرىدە ساۋاتلىق، خېلى بىلىملىك كىشى ھېساپلانغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ روھى خۇنۈك ئىدى. ئۇنىڭدا ‹‹ھەممىمىز بىر ئېرىقنىڭ سۈيى، بىر ئازگالنىڭ لېيى›› دەيدىغان ئاڭدىن زەررىچە يوق. ئۇ ‹‹ھوقۇق قولۇمدىلا بولسا، نام - ئابرويمۇ بولىدۇ، پۇل - مال، پايدا - مەنپەئەتمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ›› دەپلا ئويلايدۇ.
   ئادەتتە، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا، ئالدى بىلەن قۇمتاش كەنت كومىتېتى قورۇسىدىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ يىغىن ئېچىپ، ئالدىنقى كۈنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىشنىڭ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرەتتى. مۇئاۋىنلىرىغا ۋە كەنتنىڭ باشقا كادىرلىرىغا كونا - يېڭى ئىشلارنى قوشۇپ يەنە ئىش تاپشۇراتتى. ئاندىن ئەسلىدىكى يېزىلىق تەمىنات - سودا كوپىراتىپىنىڭ كونا قورۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئىشخانىسىغا ھازىر بولۇپ، بوغالتىر، ئامبارچىلارنى ئەتراپىغا يىغىۋېلىپ ئىش ئورۇنلاشتۇراتتى.
   لېكىن، بۈگۈن ئىلگىرىكى قائىدىسىنى بۇزۇپ، دەرھال بېجىرمىسە زادى بولمايدىغان مۇھىم ئىشى باردەك ئالدىراپ - تېنەپ، ئاۋۋال ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلدى ۋە ئۇدۇللا لاپاس ئاستىغا باردى. كۆز ئالدىدا تۈنۈگۈن كەچ ‹‹ئىچكى باھا›› دا يۆتكەپ كېلىنگەن ئورىيا (خىمىيىۋى ئوغۇت) لار ئەنسىرىگىنىدەكلا تېخىچە قالايمىقان دۆۋىلىنىپ تۇراتتى. ‹‹قارا، بۇ ھارامتاماقلارنى. ‹مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى› دېگەندەك مىدىرلىشىپمۇ قويمىغىنىنى، بۇرۇنقىدەك بىر قۇرغا ناھىيىلىك شىركەتتىن ئىلگىرى كىرگۈزگەن قىممەترەكىدىن، بىر قۇرغا تۈنۈگۈن چۈشۈرگەن ئاۋۇ دۆۋىلەكلىك ئەرزانراقىدىن ئارىلاشتۇرۇپ تىزىپ، جاي - جايىغا رەتلەپ قويسا بولمامدۇ؟›› دەپ غۇدۇرىغانچە ئىشخانىسى تەرەپكە ماڭدى.
   — ھاي! جۈمە سادىق، بارمۇ سىلەر؟ - توۋلىدى ئۇ ئىشىكى ئوچۇق تۇرغان ئامبار تەرەپكە قاراپ. 
   — ھە، مانا، مانا! سەھەردىلا كېلىپ بولغان دەيمەن، مۇدىر، - دېدى جۈمە سادىق قوللىرىنى بىر - بىرسىگە ئۇرۇپ توپىسىنى قېقىپ ئامباردىن چىقىۋاتقاچ.
   — قالغانلارنىمۇ چاقىرىڭلا، يىغىن ئاچىمەن.
   جۈمە سادىق بىر - بىرلەپ توۋلاپ يىغىن بارلىقىنى ئۇقتۇردى. بارات چوڭ، نۇسرەتقىز، مۆمىن قارى، ئەيسا بۇرۇت قاتارلىق كوپىراتىپ خادىملىرى ھايالشىمايلا ساۋۇت ساختىنىڭ ئىشخانىسىغا ھازىر بولدى. ئۇلار مۇدىرنىڭ كۆكىرىپ تۇرغان ساقاللىق، چوقۇر يۈزىدىكى نارازىلىق ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ بىر - بىرسىگە قاراشقىنىچە جىممىدە ئولتۇرۇشاتتى.
   — قانداق گەپ بۇ، جۈمە سادىق ئاداش، - قايناپلا باشلىدى ساۋۇت ساختا گېپىنى، - ھەر قايسىڭلار نېمە ئىش قىلدىڭلار، ئاۋۇ لاپاس ئاستىدىكى ئورىيالارنى ئىلگىرىكىدەك جاي - جايىغا پەم بىلەن ئەپلەشتۈرۈپ قويماي؟ ئاشۋاقتى بولغاندا دېھقانلار ئوغۇت ئالىمىز دەپ يوپۇرۇلۇپ كەلگىلى تۇرسا قانداق قىلغۇلۇق؟ بەش كۈن ئاۋۋال ئۇقتۇرۇش چاپلاپ قويدۇڭلار، ‹‹ئىچكى باھا›› دا ئوغۇت سېتىلىدۇ، دەپ.
   ئۇ مەيلى ئىش تاپشۇرسۇن، مەيلى ئىشنىڭ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسۇن، خۇش كەيپ سۆزلىسۇن ياكى ئاچچىقلاپ دوق قىلسۇن ۋە ياكى ‹‹قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا›› دېگەندەك دارتمىلاپ گەپ قىلسۇن، ھەر قانداق گەپنى ئەڭ ئاۋۋال قەدىناس باجىسى جۈمە سادىقتىن باشلايتتى. ‹‹گېپىمنى ئاۋۋال باجامغا، قىزىمغا ئۆتكۈزەلىسەملا، باشقىلارمۇ غىڭ قىلماي ئاڭلايدۇ›› دەپ ئويلايتتى ئۇ كۆڭلىدە.
   — بۇ، ئەمدى، شۇ... - جۈمە سادىق نېمىشقىكىن گەپ قىلالماي دۇدۇقلاپ قالدى.
   — بۈگۈن نېمە بولدى سىلىگە، ھوي! تىلىڭلىنى قۇشقاچ چوقۇۋالغاندەك دۇدۇقلاپ كەتتىڭلىيا؟
   — بولدى ساۋۇت ئاداش، باجاڭلارغا ئاچچىقلانماڭلا، ئەسلى جۈمە سادىق، مۆمۈن قارى، ئەيسا بۇرۇتلار تۈنۈگۈنلا سىلە ئويلىغاندەك رەتلەپ تىزىپ قويايلى دەپ تۇرۇپتىكەن، مەن قوشۇلماي توختىتىپ قويدۇم، - دېدى بارات چوڭ ساۋۇت ساختىنىڭ كۆزىگە تەمكىن بىر ھالەتتە تىكىلىپ تۇرۇپ. 
   يېقىندىن بېرى مەيلى كەنتتە بولسۇن، مەيلى كوپىراتىپتا بولسۇن، ھېچكىم، ھەتتا كادىرلارمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا ئىسمىنى ئۇدۇل ئاتاپ باقمىغان. ‹‹سېكرىتار››، ‹‹مۇدىر›› دېگەن بۇ ‹‹ئۇلۇغ›› مەنسەپ نامى ئۇنىڭغا گويا ئىمام قۇلىقىغا تەگبىر ئېيتىپ قويغان مۇبارەك خاس ئىسمىدەكلا سىڭىشىپ كەتكەن ئىدى. دائىم ‹‹سېكرىتار››، ‹‹مۇدىر›› ياكى ‹‹ساۋۇت باي›› دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ھەم ئۆزىگە بۇنداق تىكىلىپ قارىمايدىغان بارات چوڭ مانا بۈگۈن كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئىسمىنى ئۇدۇللا ئاتاپ ئادەتنى بۇزۇۋەتتى. بۇنداق ئاتاش ساۋۇت ساختىغا ئۇنى كۆزگە ئىلمىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇ بارات چوڭنىڭ ئەيمەنمەي تىكىلىپ قاراشلىرىدا قانداقتۇر بىر مۇددىئانىڭ بارلىقىنى پەملىگەندەك بولدى - دە، چىرايى خۇددى قىشنىڭ بۇلۇتلۇق ئاسمىنىدەكلا تۇتۇلدى. ئۇ توڭ ئۈزۈم چاينىۋالغاندەك غۇچچىدە تۈرۈلۈپ قالغان قاپاقلىرى ئاستىدىن بارات چوڭغا قادالدى.
   — نېمىشقا ئەمدى؟ بۇ ئوغۇتلارنى ساتمايمىزما؟
   — ساتمايلى ئاداش، ئىش قىلغان ئىكەنمىز، دۇرۇسراق قىلايلى. ھېلىمۇ بەزىبىر سىرلىرىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، دەپ بىر يىلنىڭ ياقى دېھقانلىرىمىزنى ئاز قاقتى - سوقتى قىلمىدۇق. ئۆزىمىزنى، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلاپ، قېرىنداشلىرىمىزنى، شۇ جاپاكەش دېھقانلىرىمىزنى ئويلىمىساقمۇ بولمايدىكەن. مەن كۆپ ئويلاندىم، ئىلگىرىكى ئىشلىرىمىزغا ئېچىندىم. ئويلاپ باقمامسىلەر، بىزمۇ ئىلگىرى سېرىقتال ياشاپ كەلگەن دېھقان ئىدۇققۇ؟ قاغا جېنىدا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمىغان يەردە، بىز ئىنسان تۇرۇپ ئۆز قەۋمىمىزگە قارا سانىساق بولارمۇ؟ - دېدى بارات چوڭ ئالدىرىماي سۆزلەپ.
   بارات چوڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ساۋۇت ساختىنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئاچچىقتىن ئۈششۈكتە قالغاندەك غال – غال تىترەپ، مۈدۈر - چوقۇر، قارامتۇل چىرايى تاتىرىپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۇنى قاتتىقراق گەپ بىلەن ئوبدان بىر ئەدەپلەپ قويماقچى بولۇۋېدى، لېكىن ئۇنىڭ جاھىل، مىجەزىنىڭ چۇسلىقىنى ئويلاپ، ئىشنى يوغىنىتىۋالماي دەپ بىرئاز پەسكويغا چۈشتى.
   — سىلىچە بىز ئىشنى دۇرۇس قىلمىغان ئوخشىمايمىزمۇ، بارات چوڭ؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، بىز قايسى بىر دېھقانغا ئۇرۇق، ئوغۇت، يالتىراقلىرىمىزنى زورلاپ ساتتۇق؟ قايسى بىر دېھقاننىڭ زىرائەتلىرى ئۈنمەي قويدى؟ قايسى بىر دېھقاننىڭ زىرائىتى قۇرۇپ كەتتى؟ - ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچىدى، كىمدۇر بىرىنىڭ كالتە يۆتىلى بىلەن توختاپ قالدى. ئۇ باشقىلار قانداق ئىپادە بىلدۈرەركىن دېگەندەك، ئولتۇرغانلارغا بىر – بىرلەپ قاراپ چىقتى.
   جۈمە سادىقنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ، چىرايى تۇتۇلغان ئىدى، لېكىن بارات چوڭنىڭ گېپىگە ئاچچىقى كەلدىمۇ ياكى باجىسىنىڭ گېپى قۇلىقىغا ياقمىدىمۇ، بىلگىلى بولمايتتى. نۇسرەتقىز بولسا كىمنىدۇر خىيال قىلىۋاتقاندەك بىر نۇقتىغا تىكىلگەنچە ئىپادىسىز ئولتۇراتتى. يېشى ئەللىكلەرگە ئۇلاشقان مۆمىن قارى بولسا، ناھايىتى ئېھتىياتچان ۋە ياۋاش كىشى بولغاچقا، ھەر ئىككىلىسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلىگەندەك يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇراتتى. پەقەت ئەيسا بۇرۇتلا بۇرۇتىنى سىيلىغانچە بىر نەرسە دېگۈسى باردەك ئورا كۆزلىرىنى بىردە ساۋۇت ساختا تەرەپكە، بىردە بارات چوڭ تەرەپكە يۆتكەپ تۇراتتى.
   — راست، بىز زورلاپ ساتمىدۇق، ئەمما باشقا جايدىن 150 كويغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئورىيانى ئالاھىدە ‹‹ئىچكى باھا›› دېگەن چىرايلىق قالپاقنى كىيگۈزۈپ 140 كويدىن بەردۇق، لېكىن، قەيەردە ئىشلەنگەنلىكىنى، نەدىن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ئاۋۇ لاپاس ئاستىدا دۆۋىلىنىپ ياتقان ئورىيالارغا ئوخشاش قىممىتى 40 كويغىمۇ يەتمەيدىغان سۈپەتسىز، ئۆلچەمسىز ئوغۇتلارنىمۇ شۇ باھادا قوشۇپ ساتتۇق. ‹‹پۇلىنى كۈزدە بەرسىمۇ بولىدۇ›› دەپ نېسىگە بېرىش يولى بىلەن بوينىدىن باغلىۋالدۇق. پۈتكۈل ئۈمىدىنى ئازغىنە يېرىدىن چىقىدىغان كۈزلۈك ھوسۇلغا باغلاپ، بىر ياز ئېتىزدىن كىرمەيدىغان دېھقاننىڭ تىترەپ تۇرۇپ بەرگەن پۇلىغا مۇشۇنداق ئۆلچەمسىز، ساختا ئوغۇتنى سېتىپ بېرىشكە كۆڭلىمىز چىدىدى. ئەلۋەتتە، كۈچسىز ساختا ئوغۇتلار زىرائەتلەرگە زىيان قىلىپ قۇرۇتۇپمۇۋەتمىدى ھەم پايدا قىلىپ بولۇقمۇ ئۆستۈرمىدى. ئەپسۇس! زىرائەت قۇرۇمىغان بىلەن دېھقانلىرىمىزنىڭ يانچۇقى قۇرىدى، يۈرىكى قۇرىدى. پاتاڭلىرى ئېغىرلاشتى! نەچچە يۈز كويلۇقتىن ئوغۇت ئېلىپ چاچسىمۇ، ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى، زىرائەتلىرىنىڭ ئاينىماسلىقىدىكى ھەقىقىي سىرنى بىلەلمەي ھوسۇلى كەملەپ كېتىۋاتقان دېھقانلىرىمىز ئوغۇتىمىزدىن گۇمانلىنىپ ھال ئېيتسا، بىرسىگە ‹‹دەل ۋاقتىدا چاچماپسىلەر›› دەپ، بىرسىگە ‹‹ئاز چېچىپ قويۇپسىلەر›› دەپ، بىرلىرىگە ئاپتاپتا، يەنە بىرلىرىگە سايىدە چېچىپ قويۇپسىلەر، دەپ ئەمدۈرگىلى بولىدىغانلىكى قۇرۇق ئېمىزگىلەرنى ئېغىزىغا كەپلەپ تىقىپ شورۇتۇپ قويدۇق. ئەمدى يەنە ئۆز قەۋمىمىزنى — ئاشۇ ساددا، بىچارە دېھقانلىرىمىزنى قويدەك يۇۋاش دەپ بوزەك قىلىۋەرسەكمۇ بولماس! ئويلاپ كۆرسەم، بۇ جاھاندا ھەقىقىي ئەر ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى ئۆزى ئالداش، ئوتقا ئىتتىرىشتىنمۇ ئارتۇق نومۇسسىزلىق يوق ئىكەن، - دېدى بارات چوڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ.
   — بارات چوڭ توغرا دەيدۇ، مۇدىر. بىز ... - ئەيسا بۇرۇت ئەمدىلا ئېغىز ئېچىپ تۇرىۋىدى، ئۆتى يېرىلايلا دەپ قالغان ساۋۇت ساختا ئورنىدىن چاچراپ تۇرغىنىچە گەپنىڭ بېلىگە تەپتى.
   — بولدى بەس! ماڭا دەرس ئۆتىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشما! ھەرقايسىڭنىڭ كاللىسى قىزىپ قاپتۇ، نېمە ئۇ غورۇر - پورۇر دېگەن؟ غورۇرۇڭلىنىڭ ئېچىتقۇسى ئېشىپ كېتىۋاتامدۇ – يا؟ قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى كوپىراتىپ ئۈچۈن، تېگى – تەكتىدىن ھەر قايسىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ئۈچۈنغۇ؟ نەچچە ۋاقىتتىن قويۇن يانچۇقۇڭلارغا نەق – نەق شاپتۇل چېچەكلىرى كىرگەندە گەپ يوق، ئەمدى مەيدەڭلەرگە تېپىۋاتامدا؟ - ساۋۇت ساختىنىڭ چىرايى تېخىمۇ قارىداپ كەتتى - مېنىڭ ئارتۇقچە گەپ تالىشىپ ئولتۇرغۇم يوق، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاۋۇ لاپاس ئاستىدىكى ئوغۇتلارنى ئىلگىرىكىدەك بىر قۇرغا ئۇ خىلدىكىدىن، يەنە بىر قۇرغا بۇ خىلدىكىدىن يانداشتۇرۇپ تىزىپ رەتلەپ چىقىپ، تېزلىكتە قولدىن چىقىرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭلار!
   يەنە گەپ قىلىشنىڭ ئورۇنسىزلىقىنى ھېس قىلىشتىمۇ، ھەممە جىمىپ كەتتى. 
   — بەس! بۈگۈندىن باشلاپ مەن بۇ ئىشتا يوق، سالغان مەبلىغىمنى ھېسابلاپ قايتۇرۇپ بېرىڭلار، - دېدى بارات چوڭ ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ. تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى ئۇنىڭغا بۇرۇندىنلا ئايان. بىراق، ئۇ ساۋۇت ساختىنىڭ بۇ قەدەر ئاچكۆز، ئىنساپسىز، غورۇرسىزلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى، - مېنىڭ نەپسىم ئۇنچىۋالامۇ تويمىغۇر ئەمەس، قولۇمدا تىيىننىڭ سۇنىقى قالمىغان چاغلاردىمۇ كۆڭلۈم توق كۈن ئۆتكۈزگەن، قاقتى - سوقتى قىلىپ پۇل تاپمىساممۇ كۈنۈم يەنىلا ئۆتىۋېرىدۇ.
   بارات چوڭ يىرگىنىش ۋە نەپرەت ئىچىدە ساۋۇت ساختىغا تىكىلىپ بىر قاراپ قويۇپ، ئالدى - كەينىگە قارىماي ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ساۋۇت ساختا بارات چوڭنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك، باشتا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي چەكچىيىپ قاراپ قالدى، ئاندىن قاپقارا چىرايى بىردىنلا تاتىرىپ ئۆلۈكنىڭ رەڭگىگە كىرىپ قالدى.
( داۋامى بار )
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى