نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئامىرخان مۇنازىرە پاتقىقىغا پېتىپ قالدى

ئامىرخان مۇنازىرە پاتقىقىغا پېتىپ قالدى

ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 8704 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھىندىستاننىڭ داڭلىق چولپىنى ئامىرخان مۇنازىرە پاتقىقىغا پېتىپ قالدى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: كانادا ‹‹تورونتو يۇلتۇز گېزىتى››نىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ‹‹بوللىۋود››نىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى ئارمىرخان ‹‹توپىلاڭغا قۇتراتقۇلۇق قىلىش›› سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىۋېتىپتۇ. ئىلگىرى ئامىرخان ھىندىستاندىكى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ‹‹چىدىغۇسىز›› كەيپىياتتىن چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئادۋوكات مانوج كۇمار دىشىت ئامىرخان ۋە ئۇنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسىنىڭ ئايالى كىران راۋ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. ئۇ ئامىرخاننىڭ يېقىنىدىكى ‹‹دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش›› باياناتى ھازىر داۋالغۇش ۋە قالايمىقانچىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن.
ئالاقىدار دېلولار ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 2015-يىلى 1-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
خەۋەردە دېيلىشىچە، ئامىرخان يېقىندا بىر مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئۆزىنىڭ بۇلتۇرقى ئالتە-يەتتە ئايدا، ھىندىستاندىكى ‹‹چىدىغۇسىز›› قىلمىشلارنىڭ ئۇنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەنلىكىنى، ‹‹خېيىم-خەتەر تۇيغۇسى›› ۋە ‹‹ۋەھىمە تۇيغۇسى›› ھىندىستاندا توختىماي ئەۋج ئېلىپ تۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە ھىنىدىستاندا ياشاۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ خىل خېيىم-خەتەر تۇيغۇسى سەۋەبلىك ئايالىنىڭ ھەتتا ھىندىستاندىن ئائىلە بويىچە كۆچۈپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹‹ئايالىم تۇنجى قېتىم بۇ تەكلىپنى بەرگەندە، مېنىڭچە بۇ ئىشلارنىڭ ئايالىمغا نىسبەتەن غايەت زور ئاپەت خاراكتېرلىك خەۋەر ئىدى.›› ئامىرخان ئايالىنىڭ بالىلىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا گېزىت كۆرۈشتىنمۇ قورقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: ھىندىستاندىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتچى كارلبورل بىلەن گوۋېندېر پانسېلىنو جامائەت پىكرى پەيدا قىلغانلىقتىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى، يەنە بىر ئەر كالا گۆشى يېگەن دېگەن گۇمان بىلەن كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنىدى. بۇ مىساللار ھىندىستاننىڭ ‹‹چىدىغۇسىز›› ھالىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھىندىستاندىكى بىر قىسىم يازغۇچىلار دۆلەت تارقاتقان مۇكاپاتلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ھەرىكەتلەر ئالىملار، تارىخچىلار ۋە كىنو ئىشلىگۈچىلەرگىچە كېڭەيگەن.
ئامىرخان بىر مۇسۇلمان.
شۇنداق بولسىمۇ، ئامىرخاننىڭ يۇقىرىدىكى پىكىرلىرى كۈچلۈك ئەيىبلەندى، بولۇپمۇ ھىندى دىنى مىللەتچىلىرى، شۇنداقلا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى باشچىلىقىدىكى سىياسىي پارتىيە ـــ ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندى دىنى رادىكال مۇرىتلىرى ئامىرخاننىڭ بومباي ۋە پاتنادىكى تۇرالغۇسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان، بۇ كىشىلەر قارا سىياھ بىلەن گېزىتلەرنى بوياپ، ئاندىن كۆيدۈرۈۋەتكەن. ھەتتا بەزىلەر يانفونىدىكى Snapdeal ھەرىكىتى دېتالىنى يۇيۇۋەتكەن، چۈنكى بۇ دېتالغا ئامىرخان ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغان.
مەركىزىي شەھەر بومبايدىكى ماخاراشترا ئۆلكىلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنسىتىرى رامداس كادام ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ئۇ ھازىر بىر تونۇلغان ئارتىس. بىز بەئەينى يىلغان سۈت بەرگەندەكلا ئىش قىپتۇق، ناۋادا ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇرغۇسى بولمىسا، پاكىستانغا كەتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.››
ھىندىستاندىكى تونۇلغان ئارتىس ئوم پۇرى توردا ئامىرخاننىڭ ئۆزى دېگەن گەپلەردىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامىرخان ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ئاشۇ مەن ئۈچۈن سەمىمىي قايغۇرغان ھەمدە ماڭا زەھەرخەندە گەپلەرنى قىلغانلار مېنى تەشۋىشلەندۈرۈپ قويدى، سىلەر دەل مېنىڭ كۆزقارىشىمىنى ئىسپاتلاپ بەردىڭلار.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى