نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىل گايتسنىڭ 100 جۈملە رىغبەت سۆزى (1)

بىل گايتسنىڭ 100 جۈملە رىغبەت سۆزى (1)

ۋاقتى: 2015-10-05 ئاۋاتلىقى: 5276 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىل گايتسنىڭ 100 جۈملە ئىلھامبەخش سۆزى (1)

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر، مۇخبىر)


   1. مەن بەگ بولۇشۇم كېرەك.
   2. ئادىللىق ھەمىشە مەۋجۇت بولۇۋەرمەيدۇ، ئۇ ھامان تۇرمۇشنىڭ كۆڭلىمىز خالىمايدىغان تەرەپلىرىدە مەۋجۇت بولۇۋېرىدۇ. ئەمما پەقەت ئۇنىڭغا ماسلاشساقلا ھەمدە ئاخىرغىچە چىڭ تۇرساقلا، ھامان كۈتمىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. 
   3. ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرىسىڭىزلا، بۇ دۇنيادا ھېچكىممۇ سىزنى يېقىتىۋېتەلمەيدۇ.
   4. يەڭگىلتەكلىك بىلەن بىخەستەلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈلپەتلەرنىڭ ئانچە پەرقى يوق. نۇرغۇن ياشلار ئىش قىلغاندا يەڭگىلتەكلىك قىلغانلىقىنى سەۋەبىدىن مەغلۇب بولىدۇ.
   5. ئۇلۇغ ئىرادە بولغاندىلا، قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
   6. نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلارنى ئارقىغا سۆرەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ياخشى قىلالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى قىلماسلىقتىن روياپقا چىقمايدۇ، بۇ ئاجايىپ ناچار ئادەت.
   7. قارار قىلغانىكەنمىز، ئارقىغا سۆرىمەسلىكىمىز كېرەك. ھەرقانداق ئىشنى ئويلىغانىكەنمىز دەرھال قىلىشىمىز، دەرھال ھەرىكەتلىنىشىمىز كېرەك. 
   8. ياخشى ئادەت بىر بايلىقتۇر، ئۇنىڭغا ئېرىشسىڭىز ئۆمۈرۋايەت مەنپەئەتلىنىسىز. ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ھەرىكەتلىنىڭ، شۇندىلا ھاياتىڭىز مەنىلىك ئۆتىدۇ.
   9. ئارزۇيىڭىزنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئۇنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇڭ، ئارزۇيىڭىز قانچىلىك ياخشى بولسىمۇ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزدە كۆرسەتمىسىڭىز، مەڭگۈ ھاسىلاتقا ئېرىشەلمەيسىز.
   10. مۇۋەپپەقىيەت تەسەۋۋۇردىن باشلىنىدۇ، ئەمما، تەسەۋۋۇرلا بولۇپ، ھەرىكەتلەنمىسە، مۇۋەپپەقىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. 
   11. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەسىلىلەرگە يولۇققان ھامان ھەل قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلار قايغۇرۇپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايدۇ، چۈنكى قايغۇرۇش ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، پەقەت كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سېلىپ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ.
   12. كىشىلەر بىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ھەمىشە نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلەر، پەقەت ئۇلار مەغلۇبىيەتلەردىن دەست تۇرۇپ ئالغا قاراپ ماڭغۇچىلاردۇر.
   13. مەغلۇب بولۇش يامان ئىش ئەمەس، قايتا-قايتا مەغلۇب بولۇش سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ، ھەتتا ئۇ نەرسىلەر سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىڭىزدىن بەكرەك ئەسقېتىشى مۇمكىن.
   14. ۋەيران بولۇش بىر خىل ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق، نامراتلىق بىر خىل ئىدىيەۋى ھالەتتۇر.
   15. نەچچە يۈز يۈەنگە كىتاب سېتىۋالسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ يەكۈنلىرىگە ئېرىشەلەيسىز. شۇنداقتىمۇ ناۋادا سىز ھەممىنى تەقلىد قىلىپلا، تەپەككۇر قىلمىسىڭىز، يەنىلا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايسىز.
   16. ياشلاردا تەجرىبە كەمچىل، ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، ياشلىق سىزنىڭ ئەڭ چوڭ دەسمايىڭىز. خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقماڭ، رىقابەتتتىنمۇ قورقۇپ كەتمەڭ، سىز ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، باش كۆتۈرۈش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىڭ. 
   17. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئىككى مۇھىم ئالدىنقى شەرتى بار: بىرى قەتئىيلىك، يەنە بىرى سەۋرچانلىق.
   18. پەقەت قەيسەر ئىرادە بولغاندىلا، ئاددىي كىشىلەرنىڭمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان كۈنى كېلىدۇ، بولمىسا، ھەرقانچە تالانتلىق كىشىمۇ مەغلۇب بولۇش تەقدىرىگە دۇچار بولىدۇ.
   19. ئىشلىرىڭىزدا ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقۇپ، يالتىيىۋېلىش خىيالىدا بولغان چاغدا بەك دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇ دەل ئەڭ خەتەرلىك پەيت. 
   20. قەتئىي چىڭ تۇرۇپڭ، مۇۋەپپەقىيەت كېينكى كوچىنىڭ بۇلۇڭىدىلا سىزنى كۈتمەكتە.
   21. پۇرسەت ئۆزلۈكىدىن پۇلغا ئايلىنىپ قالمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە باشقا ئامىللارمۇ بار. ئاددىيلا ئېيتقاندا، سىز ئۇنى كۆرەلىشىڭىز، ئاندىن ئۇنى تۇتۇۋالالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك.
   22. كۈچلۈك ئارزۇنىڭ بولۇشىمى ئىنتايىن مۇھىم. ئادەمدە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بولغاندىلا كەسپىدە ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ. قەلبىڭىزدە باشقىچە خىيال بولسىلا، چوقۇم ئۇ پۇرسەتنى تۇتۇشقا تىرىشىڭ.
   23. كارخانىنىڭ تەرەققىياتى پۇرسەتكە مۇھتاج، ئەمما پۇرسەت قابىل كارخانىچىغا نىسبەتەن پۇرسەت بىر قېتىم بولسىلا يېتەرلىك.
   24. ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقتىمۇ كىشىلەر دەۋرنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشىگە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىشى، كەلگۈسىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويماسلىقى كېرەك.
   25. ھەر كۈندە بىر پۇرسەت بار، ھەر كۈندە مەلۇم ئادەمنىڭ كارغا كېلىدىغان پۇرسىتى بار، ھەر كۈندە مسلىي كۆرۈلمىگەن، قايتا كەلمەيدىغان پۇرسەتلەر بار. 
   26. ئامەت ئىلاھى دۇنيادىكى ھەممە ئادەمگە نەزەر سالىدۇ، ئەمما ناۋادا ئۇ كىشى ھېچقانداق تەييارلىقسىز ھالدىلا ئۇنى كۈتۈۋالسا، ئامەت ئىلاھى ئىشىكتىن كىرىپ، دەرىزىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
   27. ئۈمىدۋار مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار قالتىس تالانتلىق كىشىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار ھەربىر پۇرسەتتىن ئوبدان پايدىلىنلايدىغان كىشىلەردۇر.
   28. بىر ئادەم ئۇتۇق قازانماقچى بولىدىكەن، پۇرسەت باش ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقاندا، سەكرەپ تۇرۇپ تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. 
   29. ھاياتلىقتىكى تاللاش ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.
   30. ھەر قانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تاللاشتىن ئايرىلالمايدۇ، پەقەت ئوخشىمىغان تاللاشلار ئارقىلىقلا ئوخشىمىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
   31. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئىزلىرى بىر خىل ئىستراتېگىيەلىك يولغا ئوخشايدۇ، شۇڭا باشلىنىشىدىلا توغرا مېڭىشى كېرەك. 
   32. مەغلۇبىيەت غالىبىيەتنىڭ ئانىسى. 
   33. بۇ دۇنيانىڭ سىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭىز بىلەن كارى يوق، پەقەت سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىزگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاندىن سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى تەكىتلەيدۇ.
   34. ئۇ ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان مىكروسوفت شىركىتىدىن پەخىرلىنىدۇ، چۈنكى بۇ كوللېكتىپتا زور بىر تۈركۈم مىكروسوفتنىڭ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر توپلانغان.
   35. بىر باشقۇرغۇچى ناۋادا قول ئاستىدىكى خىزمەتلەرنى چۈشەنمىسە، ئۇنداقتا ئۇ باشقىلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرالمايدۇ.
   36. ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتە، پەقەت ئۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، مۇھىمى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە دادىل ئىشلىتىشكىمۇ ماھىر بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.
   37. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى باشقا شىركەتلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
   38. بىر چوڭ شىركەتكە نىسبەتەن، بىر كۈچلۈك مۇلازىمەت قوشۇنى بولمىسا، ئابونتلارغا ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەسكە توختايدۇ.
   39. شىركەت بىر قىسىم تەدبىرلەر ئارقىلىق خادىملارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ تېپىشىغا تۈرتكە بولسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا بۇنداق جەرياننى تاماملاشقا بۇيرۇق قىلماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلسىڭىز، بۇ ئىش چوقۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
   40. ھەربىر ناماياندە خاراكتېرلىك مۇھىم باسقۇچنى باشتىن ئۆتكۈزگەندە، بىز ھېچقانداق نۇقسان كۆرۈلمەسلىكىنى قوغلىشىمىز، بۇ بەئەينى تۈرلەرنى باھالاش خىزمىتىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
   41. بىزدە تېخنىكا بىلمەيدىغان باشقۇرۇش خادىملىرى يوق، چۈنكى بىز تېخنىكا بىلەن باشقۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا قىلچىمۇ كۈچ سەرپ قىلماسلىقىنى قوغلىشىمىز.
   42. ياخشى نەرسىلەرنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ، بايقىغان ھامان قارار قىلىپ، بولمىسا ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىڭىزنى قاراپ تۇرۇپ قولدىن بېرىپ قويىسىز.
   43. ھاياتلىق ئادالەتسىز، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا ئادەتلىنىڭ.
   44. سىز مەكتەپ پۈتكۈزۈپلا، يۇقىرى مائاشلىق بولۇپ بولالمايسىز، سىز شۇ ھامانلا شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولۇپ بولالمايسىز، ھەر ئىككىلىسىنى تىرىشچانلىقىڭىزغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك.
   45. گايتس قوللانغان باشقۇرۇش ئۇسلۇبى ئامېرىكىنىڭ شەخسىيەتچىلىك شەكلى ئەمەس، ياپونىيەنىڭ ئورتاق تونۇشچىلىق شەكلىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا بۆلۈنۈپ چىققان دارۋېنچە شەكىلدىكى ماسلىشالىغانلار ھايات قېلىش شەكلىدۇر.
   46. مېنىڭ خىزمىتىم ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈندۇر.
   47. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلەرنى ياللاشتىكى كۆزقارىشى ئۆزگىچە.
   48. ھەر ھەپتىدە دائىم 72 سائەت خىزمەت قىلىدۇ، بەزىدە 90 سائەتكىمۇ يېتىدۇ، خىزمەت قىلمىغان چاغلاردا، ئۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ نۇرلارنى سۈمۈرگىنىگە ئوخشاش، زور مىقدارىدا ئۇچۇر قوبۇل قىلىدۇ.
   49. قىزغىنلىقى بولمىغان تىجارەتچى كەسىپنى ھۆرمەتلەيدىغان خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايدۇ.

   50. ناۋادا سىز خوجايىنىڭىزنىڭ ناھايىتى ياۋۇزلۇقىنى ھېس قىلسىڭىز، بۇنى خوجايىن بولغىنىڭىزدا بىلىپ قالىسىز، خوجايىن خىزمەت مۇددىتى ۋە كاپالىتى يوق كىشى. 

 


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى