نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (2)

موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (2)

ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 5478 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلى تېمىسى: موڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار (2)

ئابدۇراخمان ئەبەي

(شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ باشلىقى)


   ئۇ يىللاردا موڭغۇللار خاس چارۋىچى خەلق بولغاچقا ، دېھقانچىلىقتا پەقەت ئاز دائىرىدە ئارپا ، تېرىقتىن باشقىنى تېرىمايتتى . شىنجاڭدىن بارغان ئۇيغۇرلار دېھقان خەلق بولغاچقا ، بۇ زېمىنى بىپايان ، تۇپرىقى مۇنبەت ، سۆيى ئەلۋەك ئەلدە ئەركىن دېھقانچىلىق قىلىشقا باشلىدى . دەسلەپكى يىللاردا موڭغۇللارنىڭ بىر قويغا بىر قوغۇن تېگىشكەن ۋاقىتلىرىمۇ بولدى . دائىم دېگۈدەك ئاشلىق قەھەتچىلىكى بولۇپ تۇرىدىغان بۇ دۆلەتتە بىردىنلا نەچچە مىڭ مولاپ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن ناھايىتى رازى بولدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى قانچىلىك يەتسە شۇنچىلىك دېھقانچىلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى ، بارلىق دېھقانچىلىق بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى . كېيىنكى يىللاردا دېھقانچىلىق قىلغانلارغا ياردەم پۇلى بېرىش ، يىغىم مەزگىلىدە ئەسكەرلەرنى ئەكىلىپ زىرائەتلەرنى ياردەملىشىپ يىغىپ بېرىش ئىشلىرىنى قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇلىيەدىكى ئىجتىمائىي ئورنى تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى . شۇ يىللاردا موڭغۇلىيەدە نەچچە مىڭ مو يەردە دېھقانچىلىق قىلىدىغان ، نەچچە مىڭ تۇياق قوي ، نەچچە يۈز تۇياق تۆگە ، ئات ، كالىسى بار ئۇيغۇر بايلار بارلىققا كەلدى . پىچان ناھىيەسىنىڭ چوقۇتام كارىزدىن بارغان باي ساۋۇت (لەقىمى تۈتۈر) دېگەن كىشىنىڭ 1937- يىللاردا 3000 تۇياق قوي ، 200 تۇياق ئات ، 200 تۇياق سېغىن كالا ، 60 تۇياق تۆگىسى ، 1500 مو يېرى بولۇپ ، بۇغداي ، ئارپا تېرىيتتى . بۇنىڭدىن باشقا باي ئىبراي ، يۈسۈپئاخۇن باي ، ئەبەيلەم (دادام) ، ياقۇپ تۆمۈرچى ، تۇنىياز باي ، ھوشۇراخۇن باي ، قارا كېرەم ، تۇردىئاخۇن ، تېيىپئاخۇن دېگەن كىشىلەر موڭغۇلىيەدە خېلى چوڭ بايلاردىن بوپقالدى . دادام ئەبەيلەم خوبدا شەھىرىنىڭ نەمىن دېگەن يېزىسىدا 300 مو يەرگە بۇغداي ، ئارپا ، قوغۇن تېرىيتتى . دادامنىڭ قوغۇنى موڭغۇلىيە بويىچە ئەڭ داڭلىق بولۇپ ، ھەر يىلى پايتەخت ئۇلانباتور شەھىرىگىمۇ نەچچە ئون ماشىنا قوغۇن يۆتكەيتتى . بۇندىن باشقا 500 تۇياقتىن ئارتۇق قوي ، 100 نەچچە تۇياق ئات، 100 نەچچە تۇياق كالا ،50 نەچچە تۇياق تۆگىسى بار ئىدى . مەن 1953- يىلى 5- مارت سەھەردە خۇبدا شەھىرىدىن سەككىز كىلومېتىر يىراقتىكى دېھقانچىلىق مەيدانى - نەمىن دېگەن يەردە ئائىلىمىزنىڭ تۆتىنچى پەرزەنتى بولۇپ تۇغۇلغانىكەنمەن . ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ ئاپىسى بورىسقان مېنىڭ كىندىك ئاپام بولغانىكەن . ئۇدا ئۇچ قىزدىن كېيىن ئوغۇل پەرزەنت كۆرگىنىگە خۇش بوپكەتكەن دادام يەرلىك قازاق - موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە مەن توغۇلغان كۈنى كەچتە قوي سويۇپ خۇلۇم - قوشنا ۋە يىراق - يېقىندىن دوستلىرىغا چىلداقان ( ئۇيغۇرلارنىڭ بۆشۇك تويىغا ئوخشايدۇ) قىلىپ بەرمەكچى بوپتۇ . چۈشتىن كېيىن ئىككى قوينى سويۇپ قازانغا سالغان چاغدا سۇمۇنلۇق (ناھىيەلىك) ھۆكۈمەتتىن جىددىي ئۇقتۇرۇش كېلىپ : شۇ كۈنى ئەتىگەندە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ داھىيسى ستالىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ، پۈتكۈل موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ داھىي ستالىنغا 30 كۈن قارىلىق تۇتىدىغانلىقىنى ، بۇ 30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ، كىمدە كىم كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرسا قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن دادام ئوغۇل پەرزەنىت كۆردۈم دەپ يۇرتقا بېرىدىغان چىلداقان چاينى بېرەلمەي بىر ئايدىن كېيىن بەرگەنىكەن . 


   1938-يىلدىن باشلاپ موڭغۇلىيەدىمۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ "چوڭ تازىلاش" سىياسىتى ھۆكۈم سۈرۈپ ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاتاقلىق زىيالىيلار ، پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، جامائەت ئەربابلىرى ، پۇلدار بايلارنى تۇتقۇن قىلىش (ھەپسىگە تاشلاش) باشلاندى . ئۇلارغا كوممۇنىزمغا قارشى ، چەت ئەلگە باغلانغان دېگەن بەتناملار چاپلانغانىدى . ئۇلار تۈرمىلەردە قىيىن - قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلدى . دۆلەت بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 50 نەچچە مىڭ ئادەم ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇر زىيالىيلار ، ئۇيغۇر بايلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىنلا مىڭدىن ئارتۇق كىشى بار ئىدى . پىچان چىقتىملىق سابىت ھامۇت دېگەن كىشى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ كاتتا باي ئىدى .1938- يىلى تۇتقۇن باشلانغاندا ئۇ قورقۇپ ئۆيىدىكى 20 كىلوگىرام ئالتۇن - تىللانى يوشۇرماقچى بولىدۇ . بىر كۈنى كېچىدە ئۇ ئىنىسى بىلەن بىر كالىنى سويۇپ بارلىق زىقچە ئالتۇن ، تىللانى بىر پارچە كىگىزگە ئوراپ ياغاچ ساندۇققا سالىدۇ ، ساندۇقنى كالا تېرىسىنىڭ تۈكى بار تەرىپىدە ئوراپ ، ئاندىن كالا تېرىسىنىڭ ھۆل تەرىپىنى يۇمشاق تۇز بىلەن تۇرلاپ ، قىل ئارغامچا بىلەن باغلاپ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى تاغ باغرىغا كۆمۇپ قويغىلى ماڭىدۇ . سابىت ھامۇتنىڭ توققۇز? ياشلىق ئوغلى ئابدۇراخمان ئۇلارغا ئەگىشىپ تاغ باغرىغا ئاز قالغاندا دادىسى كۆرۈپ قېلىپ ، ئالتۇن كۆمگەن يەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بالىسىنى تىللاپ ھەيدىۋېتىدۇ . ئۇلار ئالتۇنلىرىنى تاغنىڭ كەينىگە كۆمۈپ قويۇپ 3- كۈنى كېچىسى ساقچىلار ئاكا - ئۇكا ھەر ئىككىسىنى تۇتقۇن قىلىدۇ . ئۇلار شۇ كەتكەنچە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ . بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئايالى ئايخان ئوغلى ئابدۇراخمان بىلەن ھېلىقى تاغ باغرىنى نەچچە ئايغىچە تولا كولاپ ھەممە يەرنى قېزىۋېتىدۇ ، لېكىن ئالتۇن - تىللالارنى تاپالمايدۇ . شۇ قېتىمقى "چوڭ تازىلاش " موڭغۇلىيەدە يېڭىدىن گۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە غايەت رور يوقىتش ۋە پاجىئە بولدى . 

   موڭغۇلىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولغاچقا نىكاھ مەسىلىسى ئۇلارغا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئەكەلدى . كېيىن شىنجاڭدىن ئائىلە بويىچە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار بالىلىرى چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزئارا قۇدىلاشتى . يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر قازاق قىز - ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇردى . بىر قىسىم ئۇيغۇر موڭغۇل ئاياللار بىلەنمۇ تۇرمۇش قۇردى . 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىغا كەلگەندە موڭغۇلىيەدە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆسۇپ يېتىلدى . ئەپسۇس ، موڭغۇلىيەدە ئۇيغۇر مەكتىپى يوق ئىدى . ئەۋلاد تەربىيەسى تاشقى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا يەنە بىر يېڭى قىيىنچىلىقنى تاشلىدى . كېرىيەدىن بارغان يۈسۈپئاخۇن ياقۇپ دېگەن خۇمدانچى (ئاپامنىڭ دادىسى ، يەنى مېنىڭ چوڭ دادام بولىدۇ)1940- يىلى مەخسۇس خۇمدان قۇرۇپ كۆك خىش پىشۇرۇپ ، خۇبدا شەھەر مەركىزىدە ئالتە سىنىپلىق بىر ئۇيغۇر مەكتەپ سالدى . بۇ مەكتەپ ھازىرمۇ خۇ بدا شەھىرىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت ئابىدىسى قىلىپ ساقلىنىۋاتىدۇ . ئەمما ، بۇ مەكتەپ پۈتكەن بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئوقۇش باشلىيالمىدى . چۈنكى ، ئۇيغۇردىن ئوقۇتقۇچى تېپىلمىدى ، بىر - ئىككى ساۋاتلىق ئادەم چىققان بولسىمۇ يېتىشمەيتتى . ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇر تىلىدا دەرسلىك يوق ئىدى . ئاخىر بۇ مەكتەپنىڭ " ئۇيغۇر مەكتىپى " دېگەن نامى ساقلىنسپ قالغان بولسىمۇ ، ئۇيغۇر بالىلىرى يەنىلا موڭغۇل تىلىدا ئوقۇشقا باشلىدى . ئەپسۇس ، كېيىنكى يىللاردا بىزنىڭ ئائىلىدە شۇنداق بىر پاجىئە بولدىكى ، چوڭ ئاچام تۇردىخان موڭغۇلىيەدە موڭغۇل تىلىدا ئوقۇدى ، ئوتتۇرانچى ئاچام رەۋىخان ئاتۇشتا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ئوقۇدى ، كىچىك ئاچام زورە بورتالا شەھىرىدە ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا مەكتەپ پۈتكۈزدى . ئۇچ ئاچام ساۋاتلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر - بىرىنىڭ يازغان خەتلىرىنى ھەرگىز ئوقۇيالمايتتى ...

   20 - ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا موڭغۇلىيەدە كۆلخوزلىشىش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى . ئۇيغۇرلار بۇ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشكە ناھايىتى ئاكتىپ قاتناشتى . گۇچۇڭلۇق ھېيتاخون روزى موڭغۇلىيە ئۆلگەي ئۆلكىسىنىڭ ئاقچى دېگەن كۆلخوزىغا رەئىس بولۇپ سايلىنىپ ، بۇ كۆلخوزنى ناھايىتى تېزلا ئەڭ ئىلغار كۆلخوز قىلىپ قۇرۇپ چىققاچقا ، 1952-يىلى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك ئەمگەك قەھرىمانى بولۇپ مۇكاپاتلاندى . كەنجىئاخۇن دېگەن ئاتۇشلۇق كىشى كۆپ يىل ئاشۇ ھېيتئاخۇن رەئىسكە مۇئاۋىن بولۇپ كۆلخورنىڭ مالىيەسىنى باشقۇردى . ئاتۇشلۇق قارا كېرەم دېڭەن كىشى خوبدا شەھىرىدە بىر كولخورنىڭ ئورۇنباسار رەئىسى بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشلىدى . قارا كېرەم يەنە تاشقى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ يىگىت بېشى ئىدى . ئۇ بىر ھەپتىدە بىر قبتىم مەشرەپ ئۇيۇشتۇراتتى . داپ ، دۇتار بىلەن قايناپ كەتكەن بۇ مەشرەپكە موڭۋللارمۇ كېلىپ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى . تېيىپاخۇن دېگەن كىشى خوبدا بويۇنسۇمۇل ئۇيغۇر 16- كۆلخوزىغا رەئىس بولغانىدى . ئۇيغۇر ياشلار كۆپلەپ ھەربىي ۋەرىپە ئۆتەشكە قاتناشتى . خوبدا ، ئۆلگەي شەھەرلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىمۇ خېلى كۆپ ئۇيغۇر ھۆكۈمەت مەمۇرى بولۇپ ئىشلەيتتى . گۇچۇڭدىن بارغان ياسىن دېگەن كىشى ئايالى خالىدەم بىلەن خوبىدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمىكىگە ناخشىچى ، ئۇسسۇلچى بولۇپ كىردى ، كېيىن ياسىن خوبدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ باشلىقى بولدى .1962- يىلى "موڭغۇلىيە خەلق ئارتىسى" دېگەن ئەڭ ئالىي شەرەپكە? ئېرىشتى .

   موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ئىزچىل ھالدا دوستانە مۇئامىلە قىلاتتى . جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى مەزگىلىدە موڭغۇلىيە جۇڭگو خەلقىگە زور ياردەم بەردى. 1938-يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو چاخار ئۆلكىسىگە ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا 200 نەپەر ئەسكەر بىلەن نۇرغۇن قورال - ياراغ ھەمدە ئاشلىق ئەۋەتتى . بۇ 200 نەپەر ئەسكەر ئارىسىدا 20 نەچچە ئۇيغۇر جەڭچى بار ئىەى . بۇ جەڭچىلەر ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن بولغان نەچچە قېتىملىق جەڭگە قاتناشقان ، ھەممىسى جەڭدە قۇربان بولغان . بۇلارنىڭ ئارىسىدا پىچانلىق ئابدۇل دېگەن يىگىت 1940- يىلى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى بىر ئۇرۇش مەيدانىدا ياپونلارغا ئەسىرگە چۈشكەن چاغدا باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىىپ ، ياپونلارنىڭ بىر پولكوۋنىكىنى ئېتىۋەتكەن . ياپونلار ئۇنى نەق مەيداندا ئېتىىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىنمۇ پۈتۈن بەدىنىنى نەيزىلەپ ، قىيما - چىيما قىلىۋەتكدن .2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلانباتور شدھىرىدە مەخسۇس خاتىرە مۇنارى تۇرغۇرۇپ ، ئىسىملىرىنى ئويغانىدى .

مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تورى

داۋامى بار

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى