نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى

چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى

ۋاقتى: 2015-02-05 ئاۋاتلىقى: 3851 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگونىڭ چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى

 مۇھەممەد تۇراپ

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
    جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1840-يىلدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن بۇيان ئۇرۇش ۋە نامۇۋاپىق سودا-سېتىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئېلىمىزنىڭ زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چەت ئەللەرگە ئېقىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ جەرياندا ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ياپونىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا ئېلىمىزنىڭ 10 مىڭ دانىدىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چىقىپ كەتكەن. ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەڭ مول ساقلىنىۋاتقان جاي ياۋرۇپادىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەدە ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەڭ كۆپ. لوندوندىكى بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيى، بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى، ۋىكتورىيە ۋە ئالبېرت مۇزېيى، كامبىرىجدىكى پوسۋېليام مۇزېيى، كەمبرىج ئۇنىۋېرستېتى مۇزېيى، ئوكسفوردتىكى ياشموران مۇزېيى، ئالبېرت ئىدىنبورگ خان جەمەتى خىگلان مۇزېيى، بىرىستوۋ ۋە گىلاسگوۋ قاتارلىق جايلاردىمۇ جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانماقتا.
    بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
    ئەنگلىيەدىكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مۇزېيلار ئىچىدە بۈيۈك ئېنگىلىز مۇزېيى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، بۇ مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سانى ۋە سۈپىتى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يەردە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق جەۋھەرلىرى، بولۇپمۇ بىباھا گۆھەرلەر ئەڭ كۆپ ساقلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەجدىھا شەكىللىك قاشتېشى ھەيكەل، شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گو كەيجىنىڭ ‹‹خانىش دەستۇرخانچىلىرىنىڭ سۈرىتى››، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ساپالدىن ياسالغان قاراچوغا ھەيكەل ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئولتۇرغان قىزىل قاشتېشى كۈچۈك بولۇپ، بۇلار كۆرگەزمە قىلىنمىغان بۇيۇملاردىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە دۈنخۇاڭدىكى تەۋەررۈك كىتابلاردىن ئېلىمىزدە ساقلىنىۋاتقانلىرى ئاران 20 مىڭ دانە بولۇپ، ئەنگىلىيەدىكى بۈيۈك ئېنگىلىز مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقانلىرى 13 مىڭ 700 دانىدىن ئاشىدۇ. بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گو كەيجىنىڭ ‹‹خانىش دەستۇرخانىچىلىرىنىڭ سۈرىتى›› جۇڭگونىڭ ئىستېتىكا تارىخىدا ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت ئۈچ خىل رەڭلىك قاچىلار، ساپال ھەيكەل ۋە ئويما بۇيۇملار ناھايىتى مول. ئەمما دۈنخۇاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت تۇغ، يىپەك، كىلاسسىك ئەسەرلەر ۋە خەت-چەكلەر بولۇپ، قاشتېشى ئەسۋابلار، فار-فۇر قاچا-قۇچىلار، سىر قاتارلىقلار ناھايىتى مول. بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ شەرق بۆلۈمىدە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى سۇلالىلىرىنىڭ زور مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ.
    دۈنخۇاڭنىڭ تەۋەررۈك بۇيۇملىرى
    19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىي دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ راھەتبېغىغا ئايلاندى. بەزى ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت خارابىلىقلىرىدىكى نۇرغۇن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سىرتقا يۆتكەپ، زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىدىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلاردىن ئېسىل تام سىزمىلىرى ۋە ھەيكەللەردە بىر قەدەر يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت نامايەن قىلىنغان. بىراق 1900-يىلى بايقالغان دۈنخۇاڭدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئاپەت يېقىنلاپ كەلدى. ئەنگلىيەلىك مەشھۇر ئارخېئولوگ ئاۋرېل . سىتەيىن 1907-يىلى 3-ئايدا جۇڭگولۇق تەرجىمان جاڭ شاۋۋەننى باشلاپ تۇنجى قېتىم دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىگە كەلگەن. ئۇ مىڭئۆينى باشقۇرۇۋاتقان ۋاڭ راھىبنى ئالداپ، 24 ساندۇق قەدىمىي قوليازما، نەپىس يىپەكە سىزىلغان بەش ساندۇق قەدىمىي رەسىم ۋە كەشتىلەنگەن يىپەك بۇيۇملاردىن 10 مىڭ دانىدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى لوندوندىكى بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىغا ئېلىپ كەتكەن. ئۇ، بۇ قىممەتلىك بۇيۇملار ئۈچۈن ۋاڭ راھىبقا ئاران 500 سەر كۈمۈش ۋە 130 فوندستىرلىڭ باج تۆلىگەن. 1914-يىلى ئاۋرېل . ستەيىن يەنە دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىدىن بەش چوڭ ساندۇق قوليازما (بۇ قول يازمىلار 570 قىسىملىق خەنزۇچە قوليازما بولۇپ، ۋاڭ راھىب مەخسۇس توپلىغان مۇكەممەل نۇسخا بولغاچقا، تولىمۇ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئېسىل بۇيۇم ھېساپلانغان) ۋە 600 پارچىدىن كۆپرەك بۇددا نومىنى ئېلىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مىلادىيە 868-يىلىدىكى ‹‹ۋاجراسسىدىكا پىراجىنا پارامىتا سوترا››نىڭ ياغاچقا ئويۇلغان نۇسخىسى بار بولۇپ، بۇ باسمىچىلىق تارىخىدا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بۇيۇملار ھېسابلىنىدۇ. ئاۋرېل . سىتەيىن 1900-يىلدىن 1916-يىلغىچە خوتەننىڭ مەلىكەئاۋات، يوتقان، ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقلىرىدىن 187 دانە قەدىمكى خوتەن مىس پۇلىنى قېزىۋېلىپ، بۇ پۇللارنىڭ بىر قىسمىنى ياۋرۇپادىكى مەشھۇر موزېيلارغا ساتقان. يەنە بىر قىسمىنى ئەنگلىيەدىكى مىللەتشۇناسلىق، شەرقشۇناسلىق، گۈزەل-سەنئەت مۇزېيلىرىغا كۆرگەزمىگە قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىن فىرانسىيەلىك پاۋىل . پېللىيوت مارالبېشىدىكى تۇمشۇق ۋە كۇچادا نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى تالان-تاراج قىلغان، كۇچادا تالان-تاراج قىلىنغان قىممەتلىك بۇيۇملار ئىچىدە ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى يېزىق ئارقىلىق يېزىلغان بۇددا نومى كىتابى بار ئىكەن. پاۋىل . پېللىيوت دۈنخۇاڭدىكى مەخپىي غارنى ئۈچ ھەپتە ئاختۇرپ، ئاۋرېل . سىتەيىن ئېلىپ كېتەلمىگەن بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاران 500 سەر كۈمۈش باج تۆلىگەن. پاۋىل . پېللىيوت دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىنى سۈرەتكە تارتىپ، ‹‹دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىنىڭ تام سىزمىلىرى توپلىمى›› ناملىق ئالتە چوڭ كىتابنى بېسىپ چىقارغان. بىر قانچە يىللاردىن كېيىن، مىڭئۆيلەر ئاق ئۇرۇس ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، بىراق بۇ سۈرەتلەر مىڭئۆيلەردىكى تام سىزمىلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىممەتلىك ماتېرىيالغا ئايلانغان. ياپونىيەلىك يوكاۋا شاۋيىلاڭ ۋە جۈرۈيچاۋلار دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىدىن تەخمىنەن 600 پارچە مۇقەددەس كىتابلارنى ئېلىپ كەتكەن، رۇسىيەلىك ئولدىنبورگ دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىدىن ئۆزى يالغۇز 200 پارچىدىن كۆپرەك قول يازما ۋە نۇرغۇن رەڭلىك بۇتلارنى بۇلاپ كەتكەن. 
    ئامېرىكىلىقلار دۈنخۇاڭغا كەلگەندە بۇ يەردە ھېچقانچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قالمىغاچقا، ئۇلار دىققەت ئېتىبارىنى چوڭ تىپتىكى تام سىزمىلىرى ۋە ھەيكەللەرگە قاراتقان. 1924-يىلى راندېن . خولنا دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت 36 دانە تام سىزمىلىرىنى ۋە يەنە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت نەپىس رەڭلىك ھەيكەلنى ئوغۇرلاپ كەتكەن ھەم ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى جىڭشەن ناھىيەسىنىڭ ۋاڭمۇ ئىبادەتخانىسىدىن بۇدساتىۋانىڭ يەتتە دانە باش ھەيكىلى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇدساتىۋانىڭ كەمتۈك بەدىنى، چۇلۇڭقايدىكى قارا بالغاسۇندىن رەڭلىك بۇت ۋە تام سىزمىلىرىنىمۇ ئوغۇرلاپ كەتكەن. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆپەيگەنلىكتىن، خارۋاردتىكى كىچىككىنە فوگ مۇزېيىدا بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ باھاسى يۈز ھەسسە ئۆرلىگەن. كېيىنكى يىلى خولنا يەنە بىر ئۆڭكۈردىن مىلادىيە 538-539-يىللاردىكى تام سىزمىلىرىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، شۇ جايدىكى ئامما ئۇنى توسىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.
    ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر دۆلىتىمىز ئىچىدە دۈنخۇاڭنىڭ تەۋەررۈك كىتابلىرىدىن 20 دانە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەمما ئەنگلىيەدىكى بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ شەرق قوليازما بۆلۈمىدە 13 مىڭ 700 دانە، فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا 6000 دانە، رۇسىيەنىڭ سانكىت پېتىربورگ ئاسىيا مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىدا 12 مىڭ دانە، ئەنگلىيەدىكى ھىندىستان ئىشلىرى بۆلۈمى كۇتۇپخانىسىدا 2000 دانە ساقلانماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە، ئامېرىكا، شىۋىتسىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە كورىيەلەردىمۇ دۈنخۇاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا قاراسۇ شەھىرىدىكى غەربىي شيا خانلىقىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت خارابىلىقى، كىروران قەدىمىي شەھىرى خارابىلىقى، ئۇدۇن بەگلىكى خارابىلىقى، كۈسەن مىڭئۆيى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان كارۇشتى يېزىقىدىكى تارىشا پۈتۈك ۋە ۋېي، جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىشا پۈتۈكلەر بار.
    دۈنخۇاڭدىكى قول يازمىلار
    1900-يىلى دۈنخۇڭ مىڭئۆيىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملار بايقالغاندىن بۇيان، نەچچە مىڭ پارچە قەدىمكى زامان خەت-ئالاقىلىرى جامائەتكە تونۇلۇپ تەتقىقاتچىلارنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىدى. دۈنخۇاڭ ئالاھىدە تەبىئىي مۇھىت ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتقا ئىگە بولغانلىقتىن، زور مىقداردىكى تام سىزمىلىرى رەڭلىك ھەيكەللەر ۋە قول يازمىلار ساقلىنىپ قالغان. دۈنخۇاڭدىن قېزىۋېلىنغان قول يازمىلار ئېلىمىزنىڭ سۈي، تاڭ، ۋېي، جىن، چىن ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
    دۈنخۇاڭدىكى خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، مىڭئۆيدىن قېزىۋېلىنغان تەۋەرۈك كىتابلار خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى دۈنخۇاڭ رايونىدىكى قەدىمكى خارابىلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت تارشا پۈتۈكلەرگە خەنزۇچە يېزىلغان خەتلەر، مىڭئۆيدىكى بېغىشلىمىلار ۋە ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئابىدە خېتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۈنخۇاڭدىكى تەۋەررۈك كىتابلار جىن سۇلالىسى، 16 بەگلىكتىن تارتىپ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان 40 مىڭ جىلددىن كۆپرەك خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ يېزىق تارىخى ۋە خەتتاتلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ مول ۋە ئەڭ سىستېمىلىق بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. دۈنخۇاڭدىكى تەۋەرۈك كىتابلار روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ يېزىق ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى پۈتۈن جەريانلىرى خاتىرىلەنگەچكە، يېزىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. دۈنخۇاڭدا تارىختا نۇرغۇن مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، مۇقەددەس كىتابلاردا يەنە سانسكرىت يېزىقى، مۇڭغۇل يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، غەربىي شيا يېزىقى ۋە تۈبۈت يېزىقىدىن ئىبارەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىل يېزىقلىرى ساقلىنىپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە تۈبۈت يېزىقىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ. بۇ قول يازمىلار يۇڭ قەلەم بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قەدەر يۇقىرى خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ قىممىتى نامايەن قىلىنغان. دۈنخۇاڭدىكى تەۋەررۈك كىتابلارنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قەلەم بىلەن كۆچۈرۈلگەن.
    دۈنخۇاڭدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت خارابىلىقلاردىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، تەخمىنەن 17 مىڭ 480 دانىدىن كۆپرەك تارىشا پۈتۈكلەر قېزىۋېلىنغان، بۇلار ئېلىمىزدە ھازىرغىچە بايقالغان خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت تارىشا پۈتۈكلەر ئىچىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئېلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ خەتتاتلىق ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەتتاتلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
    دېمەك، چەت ئەللەرگە ئېقىپ كەتكەن ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىگە ئائىت قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاھانغا جاكارلاپ تۇرماقتا.
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى