نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

گۇما ناھىيەسىگە ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى

گۇما ناھىيەسىگە ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى

ۋاقتى: 2015-07-06 ئاۋاتلىقى: 3675 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەرتەۋرەش ئاپىتىگە ياردەم بېرىش بويىچە ئىئانە قىلىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلدى

   چاۋ جىننىڭ 5 – ئىيۇل شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرەپ ئون مىنۇتتىن كېيىن ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكەت لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، 1000 كارىۋات، 50 چېدىر قاتارلىق 1 – تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ، 4 – ئىيۇل سەھەر سائەت 5 تە گۇما ناھىيەسىگە يېتىپ كېلىپ، شۇ جايدىكى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا مەدەت بەرگەن.

   شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى گۇما ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا جىددىي كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن جىددىي قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 100 مىڭ يۈەن ئاجراتقان. بۇ قېتىمقى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا چېدىر تىكىش ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى خوتەن ۋىلايەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىكى 19 پىدائىي بىلەن قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ‹‹كۆك ئاسمان›› قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئالتە ئەزاسى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. قىزىل كىرېست جەمئىيىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ ئىئانە توپلاش ۋە ئىئانىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەنىڭ شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىدىغانلار تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىئانە قىلسا بولىدۇ:
   1. بانكىدىن پۇل پېرېۋوت قىلىش 
   ھېسابات ئاچقان ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى
   ھېسابات ئاچقان بانكا: يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا ئايلانما يولى تارماق بانكىسى
   ھېسابات نومۇرى: 30007001040000664
   2. بىۋاسىتە ئىئانە قىلىش
   ئىئانە پۇلنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە ياكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە بىۋاسىتە ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ.
   3. پوچتىدىن پېرېۋوت قىلىش
   تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى
   ئادرېس: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەنئەن يولى 773 – نومۇر
   پوچتا نومۇر: 830049
   4. يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئىئانە قىلىش
   جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكى ۋە جۇڭگو تېلېگراف يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرى قىسقا ئۇچۇر ‹‹1›› ياكى ‹‹2››نى يېزىپ ‹‹1069999390››غا يوللاپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونغا ‹‹1 يۈەن›› ياكى ‹‹2 يۈەن››نى تەكرار بېسىپ پۇل ئىئانە قىلسا بولىدۇ؛ جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرى قىسقا ئۇچۇر ‹‹1 – 30›› بولغان ساننى يېزىپ ‹‹1069999390››غا يوللاپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونغا ‹‹1 – 30 يۈەن››نى تەكرار بېسىپ پۇل ئىئانە قىلسا بولىدۇ.
   5. توردا پۇل ئىئانە قىلىش
   سودا – سانائەت بانكىسىنىڭ تور بانكىسى ئابۇنىچىلىرى تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل ئىئانە قىلسا بولىدۇ
   ھېسابات ئاچقان بانكا: سودا – سائەت بانكىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەنئەن يولى تارماق بانكىسى.
   ھېسابات نومۇرى: 3002021529026400557 
   ئەسكەرتىش: ئىئانە پۇل ھۆججىتى ۋە رەھمەت ئېيتىش خېتىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بانكا، پوچتا ئارقىلىق پۇل ئىئانە قىلغۇچىلار ئىئانە پۇل تالونىغا ئىسمى، ئادرېسى، ئىئانە قىلىدىغان جايى (گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ياردەم بېرىش پۇلى) قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

   ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 2567191 – 0991 2570731 – 0991

مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى