بۇغدا كۆلى ھەققىدىكى رىۋايەت
-
بۇغدا كۆلى ھەققىدىكى رىۋايەت
ۋاقتى: 2015-05-03 ئاۋاتلىقى: 4781 قېتىميانفوندا كۆرۈش
تەڭرى كۆلى (بۇغدا كۆلى) توغرىسىدىكى رىۋايەت
نىياز كېرىمى توپلىغان
تەڭرى كۆلى ئۈرۈمچىدىن 110 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئېگىز تاغ ئۈستىگە جايلاشقان چوڭقۇر كۆل بولۇپ ، باش تەرىپىدىن بىر تۈگمەن چۆرۈگۈدەك سۇ كىرىپ تۇرىدىغان ، لېكىن سۇ چىققان جاينى بىلگىلى بولمايدىغان ، سۇ ئورنى قىش - ياز بىر خىللا تۇرىدىغان بولغاچقا ، بۇ توغرۇلۇق ئەجدادلىرىمىز ھەر خىل رىۋايەتلەرنى توقۇغان. بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ : بۇ كۆل پەرىلەر كەپتەر قىياپىتىگە كىرىپ ئۇچۇپ كېلىپ چۈشىدىغان سىرلىق كۆل ئىكەن . بۇ كۆلنىڭ تېگى يوقمىش ، ئاستىدا بىر ئالتۇن دەرۋازا بولۇپ ، ئىككى ياقىسىدا ئىككى يولۋاس پوستتا تۇرىدىكەن. كۆل سۈيى شۇ دەرۋازا ئىچىگە ئېتىلىپ كىرىپ تۇرىدىكەن . دەرۋازىدىن كىرگەن سۇنىڭ ئايىغى "بۇلاق تاغ" (شۆيمۈگۇ تېغى ئىلگىرى بۇلاق تاغ دېيىلەتتى)دىن چىقىدىكەن . بۇلاق تاغدىكى ئېتىلىپ چىقىدىغان قاينام بۇلاقلار مۇشۇ كۆلنىڭ ئاياغ سۈيى ئىكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ كۆل ياقىسىدا تۆپە ئاتا غوجام (بۇغدا چوققىسى ئىلگىرى 《تۆپە ئاتا》دەپ ئاتىلاتتى) دېگەن بىر ئەۋلىيا بار ئىكەن . سايئوپىدىكى ئايدىڭكۆل قەدىمكى زاماندا كاتتا شەھەر بولۇپ ، خەلقى ئىسلامغا كىرمىگەنىكەن . تۆپە ئاتا غوجام دېگەن بۇ ئەۋلىيا سايئوپا شەھىرىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنى ئىسلامغا دالالەت قىلىپ ، دىنغا كىرگۈزەلمەي نۇرغۇن يىل جەڭ قىلغانىكەن . ئۇ زات مۇشۇ كۆل ياقىسىدا تۇرۇپ ئۇ شەھەرگە سالغا بىلەن تاش ئاتىدىكەن . سالغا تېشىنىڭ چوڭلۇقى ئۆيدەك كېلىدىكەن. سايئوپىنىڭ يۇقىرىسىدىكى سايدىكى قاتار تاشلار شۇ ئەۋلىيا ئاتقان سالغا تاشلىرى ئىكەن .
دەرۋەقە 1930-يىللىرى بۇ سايدا خۇددى تىزىپ قويغان ئادەمدەك ئۆرە - ئۆرە تاشلار كۆپ ئىدى . كېيىن بۇ تاشلار توشۇپ كېتىلگەن . بۇددىست ئۇيغۇرلانى ئۇزۇن يىل جەڭ قىلىپمۇ يەنىلا ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇرالمىغاندىن كېيىن ، ئەۋلىيا دۇئايى بەند قىلىپ بۇ شەھەرنى دۈم كۆمتۈرۈۋەتكەنمىش ، شۇنىڭ بىلەن ئۈستى كۆل ، ئاستى شەھەر بولۇپ قاپتىكەن. سايئوپا ئايدىڭكۆل ئەتراپىدا ياتسا ، كېچىسى يەر ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلسرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن . تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا ، تۆپە ئاتا غوجام دېگەن بۇ زات ئەسلىي قاراخانىيلار سەركەردىسى ئەبۇلپەتتاھ بولۇپ ، تۇرپان خەلقىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تۇرپان ۋە تەڭرى كۆلى ئەتراپلىرىدا جەڭ قىلىپ شۇ ئەتراپتا شېھىت بولغانىكەن . تۇرپان ئۇيغۇرلىرى15- ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، بۇ زاتنىڭ قەبرىسىنى تەڭرىتېغىدىن تېپىپ،� جەسەتنى تۇرپان ئاستانىگە ئاپىرىپ قويغانىكەن . ھازىرمۇ تۇرپان ئاستانىدە ئەبۇلپەتتاھ غوجام مازىرى دېگەن مەشھۇر مازار بار .
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئوتتۇرا ئافرىقا مۇساپىرلىرىنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇ
2015-04-07 11:21:5342922016-يىللىق ئىقتىسادتىكى بەش چوڭ ئېھتىماللىق
2016-01-01 21:42:494935ما يۈننىڭ نامراتلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى
2015-09-22 17:28:036104ئۇدۇن يېزىقى ۋە ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر
2015-03-06 16:01:023919دىلغا ھۇزۇر گۈل-چىمەنلەر (2)
2015-04-20 15:47:013584پاكىستاندىكى كېۋرا تۇز كېنى مەنزىرىگاھى
2015-04-09 18:37:144555ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن: مەلىكە بەرنا
2015-08-13 13:31:024113دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى
2015-03-06 12:51:314109
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-