نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

2016-يىللىق ئىقتىسادتىكى بەش چوڭ ئېھتىماللىق

2016-يىللىق ئىقتىسادتىكى بەش چوڭ ئېھتىماللىق

ۋاقتى: 2016-01-01 ئاۋاتلىقى: 4721 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2016-يىلى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بەش چوڭ ئىش


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


ناۋادا بىز 2015-يىلىدىكى دۇنيا بازىرىنى بىرلا سۆز بىلەن خۇلاسىلىسەك، ئۇ دەل ‹‹تۆۋەنلەش›› دېگەن سۆزدۇر، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردىكى پۇللار، پاي چېكى بازارلىرى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەي قالمىغان. 2015-يىلىمۇ ئاخىرلىشىپ، 2016-يىلىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ يىلمۇ بۇ خىل ‹‹ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەش›› ئەھۋالى داۋاملىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يېقىندا، فىرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى كېلەر يىللىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان 10 چوڭ ئىشنى رەتلەپ چىققان، ئەمما بۇ قېتىم بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان بەش ئىشنى رەتلەپ چىقتۇق.


بىرىنچى، ماي باھاسى توساتتىنلا چۈشۈپ كېتىشى ياكى بىراقلا ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2014-يىلىغا قەدەر ماينىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرىغا قايتمايدىكەن، ۋال كوچىسىدىكى ھەرقايسى چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى نۆۋەتتىكى 35 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدىكى ماي باھاسىنىڭمۇ داۋاملىق چۈشۈشىگە ئۈمىد باغلىماقتا. ماي باھاسى داۋاملىق چۈشۈۋەرسە ئېنېرگىيە كارخانىلىرى، شۇنداقلا باشقا قەرز بىلەن تەمىنلەيدىغان بانكىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار زەربىگە ئۇچراپ، بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار تەشۋىشكە چۈشۈشى مۇمكىن.


دۇنيا بازارلىرىنىڭ ماي باھاسىدىن رايى قايتقان ئىشلار شۇكى، سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىندا بىر تۈرلۈك ‹‹ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش›› ھالىتىنى، يەنى 2016-يىللىق مالىيە خامچوتىنى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسىنى قىسقارتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى يېقىلغۇ ماي باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن. بۇلار سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ باھاسىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تۆۋەنلىشىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ، چەت ئەللەردىكى يۇقىرى تەننەرخلىك رىقابەتچىلىرىنى قىينىماقچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن، ماي باھاسى كەلگۈسىدە كۈتۈلمىگەندە قايتا ئۆرلەپ كەتسىمۇ، ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. <<بلۇمبېرگ>> ئاگېنتلىقى كەسپىي ئەربابلارنى زىيارەت قىلىشتىن بايقىشىچە، پەقەت بۇ ئەھۋاللار يۈز بەرسىلە، ماي باھاسى 100 دوللارغا ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن: ئەسەبىي تەشكىلات ___ <<شام ئىسلام دۆلىتى>> ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلدى، نېپال __ دېلتا نېفىت دۆلىتى، ۋېنسۇئېلا، شۇنداقلا ئالجىرىيەدە سىياسىي داۋالغۇش بولدى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئامالسىز قېلىپ، تەمىنلەشنى تۆۋەنلىتىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى.


شۇنداقتىمۇ، خام نېفىت بازارلىرىدا مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرسە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ئىدارىسى ئەمدىلا يولغا قويغان ئۆسۈم قوشۇش دەۋرى توختاپ قېلىشى، جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئەمما يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرى بۇ سەۋەبلىك نەپكە ئېرىشىشى مۇمكىن.


ئىككىنچى، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن.

2015-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، ئەنگلىيە <<مۇستەقىللىق گېزىتى>> ھەر ئايدا 2000 ئەنگلىيە پۇقراسىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈرگەن. 11-ئايدىكى تەكشۈرۈشتە، تۇنجى قېتىم % 50 تىن ئارتۇق زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى <<ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشى>>نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا داۋاملىق قېلىشنى قوللايدىغانلار % 48 نى ئىگىلىگەن.


بۇ يىل 5-ئايدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىكى ئەربابلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاشكارىلاپ، كامېروننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلىشىنى كېلەر يىلىغا كېچىكتۈرۈپ، 2017-يىلى فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە سايلىمى بىلەن <<توقۇنۇشۇپ قېلىش>>تىن ساقلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. كامېرون بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا كېڭىشىگە خەت يېزىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئەنگلىيە تەشەببۇس قىلغان تۆت تۈرلۈك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغانىدى ھەمدە ناۋادا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئامالسىز قالسا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ سالاھىيىتىنى <<قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى>> بىلدۈرگەنىدى.

فىرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسىنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش سۆھبىتىنى باشلىسا، خەلقئارا بانكىلار ۋە قوش فوندلار چوقۇم ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ ئەركىن سودا رايونىدا قالدۇرۇپ، ئەنگلىيەدىن چېكىنىشى، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىمۇ سىرتقا يۆتكىلىشى مۇمكىن.


كېيىن، بۇ ۋەزىيەت فوندستېرلىڭنىڭ تۆۋەنلەپ، ئەنگلىيە FTSE 100 كۆرسەتكۈچى بىراقلا يوق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى كانى كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆسۈم قوشۇشقا مەجبۇر بولغان. شوتلاندىيەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇستەقىللىق ئومۇمىي خەلق بېلىتى تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئەنگلىيە زايوم باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

بىراق، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئۈچىنچى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىشى مۇمكىن.

بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 2016-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي خېيىم-خەتەر دەپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ئىكەن. بۇ جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى چۈشەندۈرىدىكەن، شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن بېسىم ۋە رىقابەت ئىكەن.

2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن كېيىن، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى باشلامچىغا ئايلىنىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا، جۇڭگو دۇنيانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا % 37.6 لىك تۆھپە قوشقان، 2014-يىلى % 27.8 لىك تۆھپە قوشقان. 2015-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا سەپ پەسىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان تۆھپىسى يەنىلا % 30 كە يەتكەن.


2016-يىلى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى يەنە داۋاملىشىشى، دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا چوڭقۇر تەڭشىلىش باسقۇچىدا تۇرۇشى مۇمكىن. <<سىتى>> ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدىكى دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئىككى يىلدا، جۇڭگو باشچىلىقىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ دۇنيانى مۆتىدىل ئىقتىساد چېكىنىشىنىڭ تۆۋەن نۇقتىسىغا ئەكىرىشىدە % 40 ئېھتىماللىق بار بولۇپ، كېلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەمەلىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 2، ھەتتا ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

ناۋادا كېلەر يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا داۋاملىق پەسەيسە، ئاسىيا پاي بازىرىنىڭ زەربىگە ئۇچراشتىن ساقلىشىنى تەسكە توختايدۇ، بىراق ماي باھاسىدىمۇ داۋالغۇش بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پېيى نەپكە ئېرىشىشى مۇمكىن.


تۆتىنچى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ئىدارىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى بىلەن ماس قەدەمدە بولىدۇ.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ئىدارىسى 2015-يىلى 16-دېكابىر تۇنجى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسىدە ئۆسۈمنىڭ ئۆسىدىغانلىقىدىن كۈچلۈك بېشارەت بەرگەنىدى، شۇ كۈندىكى پاي بازىرىمۇ ئاجايىپ جانلىنىپ كەتكەنىدى. ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ئىدارىسى ناۋادا پۇل پاخاللىقى يامراپ كەتمىسە ياكى پايدا ئالىدىغان ھالەتكە قايتسىلا داۋاملىق ئۆسۈم قوشىدۇ. سولارىس گۇرۇھىدىكى ئىقتىسادشۇناس تىم گرسنىڭ دېيىشىچە، ئۆسۈمنىڭ قوشۇش بىر تۈرلۈك دائىملىق ئەندىشە ئىكەن. ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، زايوم قاتارلىق كاپىتال تۈرىدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پاي چېكىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى نىسبتەن ئاجىز بولىدىكەن.


يەنە بىر جەھەتتىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋېتىشى، ھەتتا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىشى، پاي بازارلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، پاي بازىرى ھەر قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئادەتتە نىسبەتەن قالتىس تەرىپىنى نامايان قىلىپ كەلگەن، بىر سانلىق مەلۇماتتا ئايان بولۇشىچە، 1950-يىلىدىن بۇيانقى 16 قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ئۆلچەملىك پۇل 500 كۆرسەتكۈچى ئۇلارنىڭ ئىچىدە 13 يىل ئۆرلىگەن.

ئەمما ۋال كوچىسىنىڭ ئانالىزچىلىرى 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يىللارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا، چۈنكى ترامپ بىلەن ساندېرستەك كىشىلەرنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولغان. ترامپ ئامېرىكا باج قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش، كۆچمەنلەر سىياسىتىنى قىسقارتىش، ئامېرىكىنىڭ قوراللىق قىسمىنى تولۇقلاش قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسچىسى.


بەشىنچى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىشى مۇمكىن.

ۋال كوچىسىنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئىستراتېگىيەشۇناسلارنىڭ ئىچىدە بىر نەچچەيلەن تېررورىزم ياكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى 2016-يىللىق پاي بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ خېيىم-خەتەرلەر قاتارىغا قويغان. فېدېراتېد شىركىتىنىڭ پاي چېكى مەبلەش باشقۇرغۇچىسى سىتېۋ ئوتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىملىق خېيىم-خەتەرلەر ئادەتتە مەلۇم خىل سىياسىي ۋەقەلەرگە باغلانغان بولىدىكەن.


ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، ماي باھاسى ئەركىن چۈشكەن جىسىم شەكلىدە تۆۋەنلەپ، پاي بازىرىغا پايدىسىز ئەھۋال شەكىللەندۈرسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن. ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ماي باھاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى