نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مىسىردىكى تۇتانكامۇن قەبرىسىنىڭ سۈرەتلىرى

مىسىردىكى تۇتانكامۇن قەبرىسىنىڭ سۈرەتلىرى

ۋاقتى: 2015-11-09 ئاۋاتلىقى: 5742 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مىسىردىكى ئۆسمۈر فىرئەۋن ـــ تۇتانكامۇننىڭ جەسەتدانىنىڭ سۈرەتلىرى ئېلان قىلىندى



بۇ سۈرەت 1925-يىلى 11-ئايدا تارتىلغان. جەسەتداننىڭ ئاغزى ئېچىلغاندىن كېيىن، تۇتانكامۇننىڭ نىقاب تاقالغان جەسىتى.


   خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 2015-يىلى 8-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 1922-يىلى 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە مىسىردىكى ئۆسمۈر فىرئەۋن ـــ تۇتانكامۇننىڭ قەبرىسى بايقالغان بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىپ چىقىرىلغان، شۇ يىلى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغانىدى. بۇ قەبرىنىڭ بايقالغىنىغا 93 يىل بولغاندا، شۇ يىلى ئەنگلىيەلىك فوتوگراف خاررى بۇرتون تارتىۋالغان قەبرىنىڭ قېزىلىش جەريانى ۋە قەبرىنىڭ ئىچى كۆرۈنۈشىنىڭ رەڭسىز سۈرەتلىرى يېقىندا رەڭلىك شەكىلدە رەسمىي ئېلان قىلىنغان، نيۇيوركتا ‹‹تۇتانكامۇننىڭ بايقىلىشى›› دېگەن نامدا ئاشكارا كۆرگەزمە ئېلىپ بېرىلغان.
   1907-يىلى، ئەنگلىيەلىك ئارخېئولوگ، مىسىرلىق قەدىمىي مەدەنىي يادىكارلىق مۇتەخەسسىسى خوۋارد كارتېر  تەكلىپكە بىنائەن قېزىش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 15 يىللىق ئىزدەش ئارقىلىق، كارتېر ئاخىرى تۇتانكامۇن قەبرىسىنىڭ پەلەمپىنى بايقىغان. 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، كارتېر قاتارلىقلار قەبرىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، قەبرە ئىچىنىڭ تولىمۇ مۇكەممەل ساقلانغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار قەبرىدە 5000 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇمىنى بايقىغان، بۇلار تۇتانكامۇننىڭ تاش جەسەتدانى، ئالتۇن نىقابى ۋە بوۋاق مومىيا قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

   ئەمما تۇتانكامۇن قەبرىسىنى قېزىش خىزمىتى تېخى تولۇق ئاخىرلاشمىغان. تەتقىقاتچىلار قەبرە ئىچىدە يەنە ئىككى يۇشۇرۇن ئۆينىڭ بار بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا، ئۇلار كاتېر بايقىغان تۇتانكامۇن قەبرىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، بەزىلەر ئۇ يەردە ئېھتىمال يەنە تۇتانكامۇننىڭ ئانىسى نېفېرتىتى خانىشنىڭ قەبرىسى بولۇش مۇمكىن دەپ قارىماقتا، نۆۋەتتە قەبرىنى قېزىش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.


كارتېر بىر ئىشچى بىلەن جەسەتداننىڭ ئىچىنى تەكشۈرمەكتە.


1922-يىلى 12-ئايدا سۈرەتكە تارتىلغان تۇتانكامۇننىڭ قەبرىسىنىڭ ئىچكى سۈرىتى. سۈرەتتە قەبرىگە قويۇلغان قىممەتلىك بۇيۇملار.


















بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى