نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

30 ياشتىن بۇرۇن 28 ئىشقا پىسەنت قىلماڭ

30 ياشتىن بۇرۇن 28 ئىشقا پىسەنت قىلماڭ

ۋاقتى: 2015-10-23 ئاۋاتلىقى: 9458 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش



ما يۈن: 30 ياشتىن بۇرۇن 28 خىل ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن

‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن ياشلارغا 30 ياشتىن بۇرۇن 28 ئىشقا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمەسلىكنى ئەسكەرتىدۇ.

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇخبىر) 



  1. سەرسانلىق. سەرسانلىق بىر خىل بەختسىزلىك ئەمەس، بەلكى بىر خىل سالاھىيەت. ئائىلىنىڭ غەم-غۇسسىسى بولمىغان، تېنىڭىز ساغلام چاغدا سەرسان بولماي، قاچان سەرسان بولماقچىتىڭىز؟
  2. مۇقىملىق. 30 ياشتىن بۇرۇن مۇقىم تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتا پەقەت ئىككى خىل ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن، بىرى لاتارىيەدە مۇكاپات چىقىش، يەنە بىرى ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىشتىن ئىبارەت.
  3. باھا. بىز ئەڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىش دەل باشقىلارنىڭ باھاسىنى دەپ ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشتۇر. چۈنكى ئاشۇ سىزنى كەلسە-كەلمەس تەنقىد قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھەرگىزمۇ قائىدە بويىچىلا ئىش قىلىمەن دېمەڭ، قائىدە دېگەن ھامان تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ، گەرچە سەل ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ، ھەربىر ئىشنى ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمىگە تايىنىپ قىلغىنىمىز تۈزۈك.
  4. ساددىلىق. باشقىلارنىڭ سىزنى ساددا، گۆدەك دېيىشىدىن قورقماسلىقىڭىز كېرەك. بۇ سىزنىڭ تېخى ياش ئىكەنلىكىڭىزنى، ھاياتىي كۈچىڭىزنىڭ تولۇق-تاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
  5. ماسلىشالماسلىق. ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان مۇھىتقا قارىغۇلارچە ماسلىشىمەن دېمەڭ. چۈنكى ئېھتىمال سىز ياشىغان مۇھىت ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغاندۇ؟
  6. مەغلۇبىيەت. ‹‹مەغلۇبىيەت غالىبىيەتنىڭ ئانىسى›› دېگەن كونا گەپكە ئېسىلىۋالماڭ. مەغلۇبىيەتكە قانچە بالدۇر يولۇقسىڭىز شۇنچە ياخشى، ناۋادا 30، 40 ياشلاردىن كېيىن مەغلۇب بولسىڭىز، بەزى ئىشلاردا بەكلا كەينىدە قېلىشىڭىز مۇمكىن. 
  7. چاغلىق. ناۋادا ھەر قېتىم ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىمنى كۆرۈپلا كۆز يېشى قىلىپ، ھەر قېتىم ‹‹غەربكە ساياھەت ھەققىدە پاراڭ›› ناملىق فىلىمنى كۆرۈپلا كۈلۈپ تېلىقىپ قالسىڭىز، بەزىلەر سىزنى چاغلىقكەنغۇ دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشلار پەقەت سىزنىڭ نېرۋىڭىزنىڭ يەنىلا ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى، ئىتايىن ئاجىز غىدىقلىنىشلارغىمۇ تېزلىكتە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرالايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. سېزىملىرىڭىز قاشاڭلىشىپ كەتسە، كىشىلەر سىزنى بوشىشىپ كەتتى دېيىشىدۇ. 
  8. چولپان. بۇنىڭغا پىسەنت قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق بولۇپلا قالماستىن، كارى بولماسلىق كېرەك. چولپان تاۋارلاشقان جەمئىيەتتىكى بىر خىل ئىستېمال بۇيۇمى. پۇل خەجلەش، ناخشا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش قاتارلىقلاردا چولپانلارنىڭ ئىپادىسى يەنىلا ياخشى، بىراق ئۇلارنىڭ قەدرىنى قىلساقلا بولىدۇ، چوقۇنۇپ كېتىشكە بولمايدۇ.
  9. بەدەل تۆلەش. بەدەل تۆلەش بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ھەر قانداق ئىشتا چوقۇم بەدەل تۆلەش كېرەكلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىز ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس. 
  10. يالغۇزلۇق. بۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل.
  11. خاتالىق. بۇ ياشلارنىڭ پاتېنتى.
  12. رايى قايتىش. رايى قايتىش ھېسسىياتىغا ئارتۇقچە ئېسىلىۋېلىش تەقدىرنىڭ سىز بىلەن ئويناشقىنى ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالاشتۇر.
  13. كەمچىلىك. بەلكىم بويىڭىز پاكاردۇ، بەلكىم ئانچە كېلىشكەن ئەمەسسىز، بەلكىم ئاۋازىڭىز يېقىملىق ئەمەستۇ؟ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەۋزەللىكىڭىز شۇكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ تاشقى قىياپىتىدىكى بەزى نەرسىلەر تۈپەيلىدىن دەخلىگە ئۇچرىمايسىز، ۋاقتىڭىز ئاز كېتىدۇ، بىر ئەگرى يولنى ئاز ماڭىسىز-دە، ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى ئەۋزەللىكىنى بىۋاسىتە بايقىيالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى بىۋاسىتە قېزىپ چىقىرالايسىز.
  14. ئۇقۇشماسلىق. ناۋادا ئۇقۇشماسلىقنى تېگى پەسلەرگە مىڭ چۈشەندۈرسىڭىزمۇ پايدىسى يوق، چۈشەندۈرسىڭىزمۇ پايدىسى يوق، قەلبى پاكىز كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. 
  15. پىتنە-پاسات. بۇ بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل، بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش ئەڭ ياخشى قورال. سىز ئۇنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقمىغۇچە، قانچە چۈشەندۈرسىڭىزمۇ يامراپ مېڭىۋېرىدۇ. 
  16. ئەسەبىيلىك. بۇ ياشلاردىكى ئەڭ ياخشى پىسخىكىلىق تەڭشەش بولۇپ، پەقەت سىزنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتڭىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. سىزنى ئەسەبىي، غالجىر دېگەنلەر بىر قىسىم تۇرمۇشتا بېسىمغا ئۇچرىغان، قاتتىق چارچىغان قېرىلارنىڭ زەھەرخەندىلەرچە باھاسىدۇر. ئۇلار يىلبويى رېمونتسىز قالغان ئۈسكۈنىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ماسلىشىشقا ئېھتىياجلىق. ئەمما پەقەت ئىچىكە تەڭشىيەلىسىلا، بىرلا قېتىمدا ئۇلارنى تۈگەشتۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ.
  17. بېسىم. ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ نۇرغۇن بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلىشى ئۇلارنىڭ ئەۋرىشىملىككە ئىگە ئىكەنلىكىدۇر. ياشلارنىڭ نۇرغۇن بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلىشى ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايان قىلالىغانلىقىدۇر. 
  18. چەت ئەلگە چىقىش. بۇ بەلكىم يا پۇرسەتتۇ، يا قىلتاقتۇ؟ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندىن كۈندىن باشلاپلا بۇ نىشاننى قوغلىشىش كېرەك، چەت ئەلگە چىقىش پوزىتسىيەسى مۇھەببەتكە تۇقان پوزىتسىيەگە ئوخشاپ قالىدۇ، تىرىشسىلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئۇتۇق قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇش ئۆز ئىلكىڭىزدە.
  19. مائاش. پەقەت باشقىلارغا ئىشچى بولۇش، مائاش يۇقىرى بولسىمۇ باشقا يەرگە بارالماسلىق. شۇڭا 30 ياشتىن بۇرۇن، پۇرسەت پۇلدىن مۇھىم، ئىشلار پۇلدىن مۇھىم، كەلگۈسى پۇلدىن مۇھىم. نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، 30 ياشتىن بۇرۇنقى قىلغان ئىشلىرىدىكى باش نىشانى پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
  20. ئامانەت قويۇش. بۇنىڭدىكى سەۋەب بىزنىڭ پۇلىمىزنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، ياشلار ھازىر پۇلنىڭ ياشاش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. پۇرسەت شۇنچە كۆپ، شارائىت شۇنچە ياخشى، رەنىلىك قەرز ئالسا بولىدۇ، بۈگۈنكى ئىشنى قىلىشتىن مەقسەت ئەتىدىكى پۇلنى خەجلەشتىن ئىبارەت. مەبلەغ سېلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تولۇقلىسىمۇ بولىدۇ. پۇل پەقەت ئوبوروت داۋامىدىلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ، بولمىسا پەقەت دۇنيادىكى سۈپىتى ئەڭ ياخشى قۇرۇق قەغەز بولۇپ قالىدۇ، خالاس.
  21. ئۆي. ئۆي شەھەر تۇرمۇشىدىكى كىنايە بولۇپ قالدى، بۇ كىنايە ياشلار بىلەن بەل بالدۇر ئالاقىدار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. 
  22. ياش. قىزلار ئادەتتە 25 ياشتىن ئاشسىلا ئۆز يېشىنى يۇشۇرۇشقا باشلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ھازىر ياشلىق دەۋر 45 ياشقا سۈرۈلدى، بۇنىڭ ئالدىدا 25 ياش نېمىگە ھېساب؟
  23. كۆڭلىگە كېلىش. بۇ بىر خىل قۇتۇلغىلى بولمايدىغان روھىي ھالەت، ئۇنىڭ ئەكسى ۋاز كېچىش ئەمەس، بەلكى ئەركىن بولۇش، مەڭگۈ ئۈمىدۋارلىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت. 
  24. ئىشسىزلىق. 30 ياشتىن ئىلگىرى ئىشسىزلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش ئەلۋەتتە بىر خىل بەختسىزلىك، ئەمما يامان ئىش ئەمەس. 30 ياشتىن ئىلگىرى بالدۇرلا مۇقىم بىر كەسىپنىڭ پېشىنى تۇتۇۋېلىش بەلكىم ئۆمرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىشسىزلىق بەلكىم سىزگە ئاجايىپ كاتتا ئارزۇلارنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن، بەلكىم سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ سىز تېخى ھېس قىلمىغان يۇشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ئىشقا سېلىشىڭىزغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم سىز ئەزەلدىن قىلمىغان ئارزۇلارنى دەل ئىشسىز قالغاندا خىيال قىلىشىڭىز مۇمكىن. 
  25. مودا. قۇرۇق مودا قوغلاشماڭ. ياشلارنىڭ مودا قوغلاشقىنى ياخشى، ئەمما مۇستەقىل تەپەككۇر ۋە خاس تۇرمۇش بولۇشى ئەڭ مۇھىم.
  26. پەزىلەت. كىشىلەر پەزىلەتتە ئەقىل-پاراسەت، تەربىيە، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە پۇل كەم بولسا بولمايدۇ دېيىشىدۇ. ئاساسىي چۈشەنچە باشقا تۈردىكىلەرنى چەتكە قاقمايدۇ، باشقا تۈردىكىلەر ياشلارنىڭ ئىدىيەسىكى ئاساسىي چۈشەنچىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇرۇنقى نەرسىلەر باشقىچە كۆرۈنمەكتە. ھالقا شۇكى بۈگۈنكى جەمئىيەت بىر ئىجادچان ئاڭغا ئىگە دەۋر، قاتمال ئىدىيەلەرنى قۇچاقلاپ ياتىدىغان دەۋر ئەمەس.
  27. ۋاز كېچىش. چىڭ تۇتۇشنىڭ ئەكسى ۋاز كېچىشتۇر، پۇرسەتنى تاللاشنىڭ ئۆزى باشقا بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن ۋاز كېچىش دېمەكتۇر. يېڭى پۇرسەتلەر ئالدىدا تۇرغاندا، ئېرىشكەن بارلىق نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك، بۇ غۇلاچقا چىداپ، غېرىچقا چىدىمىغانلىق ھېسابلانمايدۇ، بۇ يېرىم يولدا توختاپ قالغانلىقمۇ ئەمەس، بۇ تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت.

  28. مۇھەببەتتە مەغلۇب بولۇش. بۇ تولىمۇ نورمال ئىش. 30 ياشتىن بۇرۇن يوقىتىپ قويۇشتىن قورققان نەرسىلەر ھەرگىزمۇ ئىلگىرى بىز ئېرىشكەن نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى ئارزۇدۇر. مۇھەببەت ناۋادا پەقەت بىر جەريانلا بولسا، ئۇنداقتا ياشلار بۇ جەرياننى چوقۇم بېسىپ بېقىشى كېرەك. 


 ئەسكەرتىش: بۇ تەرجىمە ماڭا ۋە مۇشۇ يانبىلوگقىلا مەنسۇب. باشقا ھەرقانداق شەخس، تور بەت، سالونلارنىڭ، مەتبۇئاتلارنىڭ تەرجىماننىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، يەنە تەرجىماننىڭ نامىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ يوللىشىغا بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي يول ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دىققەت قىلغايسىلەر. 
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى