نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پۇتىننىڭ 2015-يىللىق پاراتتىكى نۇتۇقى​

پۇتىننىڭ 2015-يىللىق پاراتتىكى نۇتۇقى​

ۋاقتى: 2015-11-04 ئاۋاتلىقى: 10259 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پۇتىننىڭ 2015-يىللىق پاراتتا سۆزلىگەن نۇتۇقى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى رۇسىيەنىڭ قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن پاراتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇخبىر)


نۇتۇق تولۇق تېكىستى:

ھۆرمەتلىك رۇسىيە پۇقرالىرى!

قەدىرلىك پېشقەدەم ئەسكەرلەر!

مۆھتەرەم مېھمانلار! ئەسكەرلەر ۋە ئوفىتسېرلار! ھەربىيلەر، گېنىراللار!

سىلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش شادلىقىغا جۆر بولغانلىقىڭلارنى تەبرىكلەيمەن.

بۈگۈن، بۇ مۇقەددەس كۈندە، بىز فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئولتۇرماقتىمىز. بىز تولىمۇ ئىپتىخارلىق ھېس قىلماقتىمىز، چۈنكى بۇ كۈن بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ زۇلمەتلىك كۈچلەرنى بىتچىت قىلغان كۈن.

ھىتلېرنىڭ زوراۋانلىقى پۈتۈن خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ساۋاق. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، غەپلەتتىن ئويغانغان ياۋروپا ناتسىسىتزمنىڭ ئەجەللىك تەھدىتىنى دەمالىققا ھېس قىلىپ يېتەلمىگەنىدى.

ئەمما 70 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، تارىخ يەنە بىر قېتىم بىزنىڭ تارىخقا قايتىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، بىزنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. بىز ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئىرقىي ئەۋزەللىك ۋە ئىرقىي يەكلەش ئىدىيەسى بۇ قانلىق ئۇرۇشنىڭ باش جىنايەتچىسى. پۈتۈن دۇنيادا % 80 كە يېقىن كىشى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىلگەن، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىگىلىۋېلىنغان ۋە ئاسارەتتە قالغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى دۈشمەننىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان. ناتسىستلار بۇ يەردە ئەڭ خىللانغان قىسمىنى ئەۋەتىپ، پۈتۈن ھەربىي كۈچنى جۇغلىغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قارار خاراكتېرلىك جەڭ مانا مۇشۇ يەردە بولغان، بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان قىسىم ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن رېكورت ياراتقان. ئەلۋەتتە، ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيە بېرلېننىڭ ھۇجۇمىنى كۇكۇم-تالغان قىلىپ ھىتلېر گېرمانىيەسى بىلەن بولغان جەڭنىڭ غەلىبە توچكىسىنى سىزىپ چىقتى.

ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلقى باتۇرلارچە جەڭگە ئاتلاندى. بارلىق مىللەت ئۇرۇش كەلتۈرگەن ئاچچىق قىسمەتلەرنى قوبۇل قىلدى. شۇنداقلا بارلىق مىللەتلەر ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتا ئۆچمەس تۆھپە يارىتىپ، ئاخىرىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى بەلگىلەپ، ناتسىستلارنىڭ قولىدىن ياۋروپا خەلقىنى ئازاد قىلىپ چىقتى. ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر بۈگۈن مەيلى نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار بىلىشى كېرەككى، بۇ يەردە، رۇسىيەدە بىز ئۇلارنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، باتۇرلۇقى ۋە سەپداشلار ئارىسىدىكى ھەقىقىي دوستلۇق مېھرىگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

بۇ بىر ئۇلۇغ غەلىبە مەڭگۈ دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىدىكى بىر قەھرىمانلىق ئابىدىسى. يەنە بىز ھىتلېرغا ئورتاق قارشى تۇرغان ئىتتىپاقداشلارنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايمىز.

بىز ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ غەلىبە ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىمىز، بىز ھەرقايسى تارماق جەڭ مەيدانلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر قىسىملاردىكى مىننەتسىز جەڭ قىلغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فاشىزمغا قارشى تۇرغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

بىز يەنە ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئېلبى دەرياسىدىكى تارىخىي ئۇچرىشىشىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز. ئۇ خىل ئىشەنچ، ئىشىنىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش روھى بىزنىڭ ئورتاق بايلىقىمىزغا ئايلاندى، يەنە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ئۈچۈن زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ قىممەتلىك روھىي بايلىق ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىغا ئۇل سېلىپ بەردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، زامانىۋى خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىمۇ بېكىتىلدى. بۇ مېخانىزملارمۇ ئەمەلىيەت ئارقىلىق تالاش-تارتىش، توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش جەريانىدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئىسپاتلىدى.

شۇنداقتىمۇ، يېقىنقى 10 يىلدا، خەلقئارا ھەمكارلىق ئاساسىي پىرىنسىپلارنى نەزەرگە ئالمايدىغان ئەھۋاللار پات-پاتلا يۈز بېرىپ تۇردى، بۇ پىرىنسىپلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇشتا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى، تەجرىبە-ساۋاقلىرى بەدىلىگە كەلگەن.

بىز ھازىر بەزىلەرنىڭ يەككە قۇتۇپلۇق دۇنيا قۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بىز زوراۋان گۇرۇھلارنىڭ ئىدىيەلىرىنىڭ ئەدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت سالماقتا. بىراق بىزنىڭ ئورتاق ۋەزىپىمىز بارلىق دۆلەتلەر باراۋەر، بىخەتەر بولغان سىستېما، زامانىۋى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش، رايونلىشىش، يەرشارىلىشىش، غەيرىي گۇرۇھلىشىشنى ئاساس قىلغان سىستېما بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. پەقەت مۇشۇنداق قىلساقلا، بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايمىز.


قەدىرلىك دوستلار!

بىز بۈگۈن بۇ يەردە زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەللىك مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ھەمدە ئاشۇ ناتسىستلار ۋە ياپون مىللىتارىزمى بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز.

بۈگۈن 10 دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسمى رۇسىيە قىسمى بىلەن بىرلىكتە قىزىل مەيداندا پاراتقا قاتنىشىدۇ. بۇ ۋەكىللەر ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، بېلورۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستاندىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مەيلى ئالدىنقى سەپتە ياكى ئارقا سەپتە بولسۇن، ئوخشاشلا دۈشمەنگە نەپرەت ياغدۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگودىن كەلگەن ئەسكەرلەرمۇ بار. ئاسىيادىكى مىللىتارىزم بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوخشاشلا بۇ ئۇرۇشتا سانسىزلىغان بەدەللەرنى تۆلىدى. ھىندىستان ئارمىيەسىمۇ ناتسىستلار بىلەن شەخسىيەتسىز ھالدا جەڭ قىلدى. سېربىيەلىكلەر فاشىسىزمغا قارشى ئۇرۇشتا زور قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى. پۈتۈن ئۇرۇش جەريانىدا، موڭغۇلىيە تەرەپ دۆلىتىمىزنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.

ھازىر بىرلەشمە پاراتتىكى چاسا سەپتە ئەينى چاغدا جەڭگە قاتناشقان كوماندىر، جەڭچىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بار. غالىبىيەت كۈنى بىزنىڭ ئورتاق بايرىمىمىز، چۈنكى ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان ئۇرۇشتىن ئىبارەت.

بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەت ۋە نامراتلىق ۋە يوقىتىشلارنى باشتىن كەچۈردى. ئۇلار تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ، ئېسىل ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

بىز ھەربىر كوچا، ھەربىر ئۆي، ۋەتەننىڭ ھەربىر چېگراسىنى قوغداشتا جان پىدا ئەيلىگەن بارلىق كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. دەھشەتلىك موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشى، سىتالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى، كۇرسك ئۇرۇشى ۋە دىنوېر دەرياسى ئۇرۇشى قاتارلىقلادا قۇربان بولغان كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. لېنىنگرادتىكى ئاچلىق ۋە سوغۇقتا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. يەتكۈچە جەبىر-زۇلۇم تارتقان، قۇل قىلىنغان، لاگېرلاردا ئېزىلگەن كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

بىز ئوغۇللىرىمىز، قىزلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز، ئانىلىرىمىز، بوۋىلىرىمىز، ئەرلىرىمىز، خوتۇنلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، ئاچا-سىڭىللىرىمىز، سەپداشلىرىمىز، تۇغقانلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىزنىڭ پارلاق ئەسلىمىلىرى بىلەن ئۇلارنى ياد ئېتىپ تۇرىمىز. بىز ئاشۇ ئۇرۇشلاردىن قايتىپ كېلەلمىگەن بارلىق كىشىلەرنى ياد ئېتىمىز، بىز ئاشۇ بىزگە ھەمراھ بولۇشقا قادىر بولالمىغان بارلىق كىشىلارنى ياد ئېتىمىز.

ھازىر بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرايلى.

(بىر مىنۇتلۇق سۈكۈت ئاخىرلاشتى.)

قەدىرلىك پېشقەدەم ئەسكەرلەر!

سىلەر ئۇلۇغ غالىبىيەت كۈنىنىڭ تۆھپىكارلىرى. دەل سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن، ئۇلارنى ئىجاد قىلىشقا، باتۇرلارچە ئالغا بېسىشقا ئۈندەپ كەلگەن.

بۈگۈن سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلار غالىبىيەت شەرىپىڭلارنى داۋاملىق ساقلاپ، ۋەتەننىڭ ھازىرى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن تىرىشماقتا، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇپ، زامانىۋى رىقابەتلەرگە ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.

شەرەپ غالىب خەلققە مەنسۇپ!

بايرىمىڭلارغا شادلىق تىلەيمەن! ئۇلۇغ غالىبىيەت كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئەسكەرتىش: بۇ نۇتۇقنى تەرجىماننىڭ نامىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ يوللىغۇچىلار بايقالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى