دوستلۇق ۋە كىتاب سوۋغا قىلىش
-
دوستلۇق ۋە كىتاب سوۋغا قىلىش
ۋاقتى: 2015-03-14 ئاۋاتلىقى: 4817 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دوستلۇق ۋە كىتاب سوۋغا قىلىش
ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى
ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا ئۆز ئارا سوۋغا بېرىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. سوۋغا بېرىش كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ دوستلۇق رېشتىنى مۇستەھكەملەيدۇ. خەلقىمىزدىكى بۇ ئادەتنىڭ شەكلى ھەر خىل بولغان. مەسىلەن، خان – پادىشاھ، بەگ – تۆرىلەر تۆھپىكار سەركەردە – باتۇرلارغا ئات، قىلىچ؛ تۆھپىكار ئەمەلدار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىگە شاھانە تون، خانىش – مەلىكە، خېنىملارغا زىبۇ زىننەت سوۋغا قىلسا، باشقىلار ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەر، تونۇش – بىلىشلەر ئارا يوللۇق تۇتۇش، سەپەر سوۋغىسى ئالغاچ كېلىش، مۇھىم ۋاقىت، خاتىرە كۈنلەردە ئەتىۋارلىق بۇيۇملارنى ھەدىيە قىلىش قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە كىتاب سوۋغا قىلىش قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.كىتاب مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدىغان، ئەڭ قىممەتلىك دوستلۇق سوۋغىسى ھېسابلىنىدۇ. كىتاب سوۋغا قىلىش دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ساداقەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى ئۇلۇغ دوستلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نى يېزىپ تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇنى مىلادى 1076 – يىلى سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ 27 – خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاھقا تەقدىم قىلغان. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قوتادغۇبىلىك››ناملىق شاھانە ئەسىرىنى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. مەشھۇر تارىخچى مىرزاھەيدەر كوراگان ‹‹تارىخى رەشىدى›› ناملىق كىتابىنى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى سۇلتان ئابدۇلرەشىد خانغا تەقدىم قىلغان. مەشھۇر مۇزىكانت، شائىر ۋە تارىخچى موللائسمەتۇللا بىننى نېمەتوللا مۆجىزى مۇزىكانتلارنىڭ تارىخى پۈتۈلگەن مەشھۇر ئەسىرى ‹‹تەۋارىخي مۇسقىيۇن›› نى ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ تاماملىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن، خوتەننىڭ ھاكىم بېگى مۇھەممەد ئەلشىر بىننى ئابدۇمۆمىنبەگ(ئەلشىر ھېكىم بەگ) گە تەقدىم قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ ئۈلگىلىرى خەلقىمىزدە كىتابنى سۆيۈش، كىتابنى قەدىرلەش ۋەكىتابنى ئۇلۇغلاش ئىدىيەسنى يېتىلدۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈندە دوستلار قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە بىر – بىرگە كىتاب سوۋغا قىلىدىغان ئادەتنى بارلىققا كەلتۈردى.ئىلگىرى قىز – ئوغۇللار مۇھەببەتلەشكەندە، كۆڭلىنى ئىزھار قىلغاندا ئۆزئارا كىتاب ھەدىيە قىلسا، ھازىر تەرەققىيپەرۋەر، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىنىڭ تەرغىباتچىلىرى بولغان بەزى كىشىلەر دوستلۇق سوۋغىسى سۈپىتىدە كېسەل يوقلىغاندا، سەپەرگە ئۇزاتقاندا، ھال سورىغاندا ياكى مەخسۇس خاتىرە كۈنلەردە كىتاب سوۋغا قىلىدىغان بولدى. ھەقىقەتەن كىتاب بىباھا گۆھەر بولۇپ، دوستلۇقنىڭ قىممەتلىك سوۋغىسى. كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتاب قوبۇل قىلىش، كىتاب ئوقۇش ئىلغار ئىدىيەنى شەكىللەندۈرىدىغان كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئىلغار ئىدىيەلىرى مۇجەسسەملەنگەن .كىتاب كىتاب ئوقۇيدىغان، كىتابنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئەكسىچە، كىتابنى سۆيمەيدىغان، كىتابنىڭ قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى بىلمەيدىغانلار باشقىلارغا كىتاب سوۋغا قىلىشنى بىلمەيدۇ، باشقىلارنىڭ كىتاب تەقدىم قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ ھەم ئۇنى ئوقۇمايدۇ. بۇنداقلارنىڭ جىسمانىيىتى ساغلام بولسىمۇ، ئەمما مەنىۋىيىتى پۇچەك، كۆزى ئوچۇق بولسىمۇ، يىراقنى كۆرەلمەيدۇ، دۇنيانى چۈشەنمەيدۇ.بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرغان بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ جەۋھىرى. ئۇنى ئىگىلەش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق پايانسىز ئالەمنى، جەمئىيەتنى چۈشەنگىلى، تەرەققىياتنى كۆرگىلى بولىدۇ. كىتاب مەنىۋى ساپانى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، قەلبلەرنىڭ ئەينىكى، دۇنيانىڭ كۆزنىكى، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس بۇلىقى. ئۇ ئىنسانلارغا روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ، ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ، كىشىلەرنى يېڭىلىق يارىتىشقا، توغرا دۇنيا قاراش يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دوستلار ئۆزئارا كىتاب سوۋغا قىلىش، ھەدىيە قىلغان كىتابنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش، ئۇنى ئوقۇش كېرەك.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
موناللىزانىڭ تەبەسسۇمى
2015-04-27 17:50:163877دىلغا ھۇزۇر گۈل-چىمەنلەر (2)
2015-04-20 15:47:013718ما يۈن: 11 خىل كىشىگە ياردەم بەرمەسلىك كېرەك
2015-03-05 12:23:234206ھىندونېزىيەدىكى چەكمە بەدەنلىك قەبىلە
2015-08-12 16:26:584177جۇڭگو ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ 22 يىللىق مۇساپىسى
2016-03-31 19:06:311972ما يۈننىڭ تەيۋەندىكى نۇتۇقىدىكى 10 نۇقتا
2015-10-22 23:13:576596كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايرىمى ــــ نورۇز
2015-03-15 22:59:313956دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۇتۇپخانىلار
2015-08-14 19:55:305087
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-