نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ما يۈننىڭ يەنە بىر نادىر نۇتۇقى (1)

ما يۈننىڭ يەنە بىر نادىر نۇتۇقى (1)

ۋاقتى: 2015-08-28 ئاۋاتلىقى: 4899 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈننىڭ ‹‹ما يۈنگە سوئال›› پائالىيىتىدىكى نۇتۇقى (1-بۆلىكى)


تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي

(تەرجىمان: شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر)


    2015-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن بېيجىڭ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ما يۈنگە سوئال›› پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە ‹‹كۈللى ئالەم بىر ئائىلە›› شياڭگاڭ ياشلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۆمىكىگە نۇتۇق سۆزلىدى. 



نۇتۇق تولۇق تېكىستى:
   بەزىلەر مېنى نىسبەتەن يىراقنى ئويلايدۇ، نىسبەتەن تېز يۈگرۈيدۇ، تولىمۇ قالتىس دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئوخشاش، مەن بۇ دۇنيادا ئالاھىدە قالتىس ئادەملەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن، بىز ھەممىمىز تولىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەر، پەقەت پۇرسەت بولسىلا بىر قىسىم نەرسىلەرنى كۆرۈپ، بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز، خالاس. نىسبەتەن يىراقنى ئويلايدۇ دېيىشنىڭ سەۋەبى، يېقىننى ئويلاشقان ئامالسىزمىز، يېقىندىكى پۇرسەتلەر بىزنىڭ ئەمەس، بىز پەقەت يىراقنىلا ئويلىيالايمىز. ئاستىراق يۈگۈرۈشكە پۇرسەت يوق، شۇڭا پەقەت تېزلا يۈگۈرەلەيمىز. 
   نېمىشقىكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مېنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئۇتۇق قازىنالمىغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى بىلىدىغان ئادەملەرگە مەنسۇپ. كىچىكىمدە ئاتا-ئانام، ساۋاقداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى كەلگۈسىدە ئۇتۇق قازىنىدۇ، دېيىشەتتى، نەتىجىدە مەن يامان ئەمەس قىلالىدىم، تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئوخشاش تەتۈرىگە ئايلىنىشنى بەك قالتىستەك ھېس قىلدىم. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئوخشاش. ھەممىمىز نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، بىر دەۋر، بىر پۇرسەت مېنى بۈگۈنكىدەك ھالەتكە ئەكەلگەن. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىگە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كەلگەنلىكى مېنىڭچە زور ئىلگىرىلەش، زور باشلىنىش بوپتۇ. مېنىڭچە، مىڭلاپ كىتاب ئوقۇش تۈمەن چاقىرىملىق سەپەرگە يەتمەيدۇ، ھەربىرەيلەننىڭ ئىشلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى نۇقتىئىنەزىرى ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ئادەملەرنى كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەن دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە مەدەنىيەتكە نەزەر سېلىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك ئىچكىرىگە كېلىپ، نۇرغۇنلىغان تەسىراتقا كەلدى، ھەربىرەيلەننىڭ كۆزقارىشى ئوخشىمىغاچقا، بەزىلەر ئويلاپلا بولدى قىلىۋېتىدۇ، بەزىلەر ئاز-ئازدىن بولسىمۇ قىلىپ ماڭىدۇ.
   نۇرغۇن كىشىلەر سەن بەك قالتىس، چۈنكى سەن ‹‹ئالى بابا››نى، يەنە ‹‹تاۋباۋ››نى قۇردۇڭ، يەنە چىقىمدانغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىڭ، دېيىشىدۇ. كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇلارنى مەن قىلمىغان، بەلكى بىر كوللېكتىپ قىلغان، بىر تۈركۈم ئادەم قىلغان. ئەمما شەك-شۈبھىسىزكى، بۈگۈنكى ‹‹تاۋباۋ›› بىلەن ‹‹ئالى بابا››، چىقىمدانلارنىڭ ھەممىسى 13، 14 يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ بۈگۈنكى كۆزقارىشىمىز ـــ بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۆزقارىشىمىز ئىدى. ناۋادا ئۇتۇق قازانماقچى بولساق، بۈگۈن ئەتە ئۇتۇق قازانماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى يوق، سىز ئۇتۇق قازانماقچى بولسىڭىز ھېچكىممۇ سىزگە ياردەم بەرمەيدۇ. كۆپچىلىك ئۆزلىرى بىرەر ئىش قىلغاندا دائىم نەس باسقاندەك، ياردەم بېرىدىغان ئادەم يوقتەكلا ھېس قىلىدۇ. بۇ تولىمۇ نورمال ئىش، ياردەم بېرىدىغان ئادەمنىڭ چىقماسلىقى نورمال ئىش، ياردەم بېرىدىغان ئادەم چىقسا، بىنورمال ئىش بولغان بولىدۇ. بەزىلەر ئىگىلىك تىكلەشتە ‹‹مېنى مۇشۇنداق نەس باستى، مەن پۇل قەرز ئالالمىدىم›› دېيىشىدۇ، پۇل قەرز ئالالماسلىقمۇ نۇرمال ئىش، پۇل قەرز ئالالىسىڭىز بىنورمال ئىش بولغان بولاتتى، كىممۇ سىزگە بۇنداق پۇرسەتنى بېرەلىسۇن؟

   كۆپچىلىك ھەممىڭلار ياشكەنسىلەر. مەن ياۋروپادىن قايتىپ كېلىپ نۇرغۇن ياۋروپا ياشلىرىنىڭ شياڭگاڭلىق ياشلارغا ئوخشاش، ھازىر ھېچنەدە پۇرسەت قالمىغاندەك، گاڭگىراپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، تەيۋەنمۇ ئوخشاش، چوڭ قۇرۇقلۇقمۇ ئوخشاش، ياۋروپاغا بېرىپ، ياۋروپانىڭمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەنمۇ ياش ۋاقتىمدا گاڭگىراپ قالغان، تۈنۈگۈن بىرەيلەن ماڭا ئۆزىنىڭ بەكلا گاڭگىراپ قالغانلىقىنى، نېمىلا ئىش قىلسا قاملاشتۇرالمىغالىقىنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭدىن نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدىم، ئۇ 26 گە كىرىپتۇ، مەن ئۇنىڭغا ‹‹مەن 28 ياشتىن بۇرۇن بىرەر ئىش قىلىشنىمۇ بىلمەيتتىم›› دېدىم. بۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، گاڭگىراپ قېلىشنىڭ خىجىل بولغۇدەك يېرى يوق، بىزمۇ گاڭگىراپ باققان، بىل گايتسمۇ گاڭگىراپ باققان، سىزنىڭ يول تاپماستىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى بېكىتىشتىن بۇرۇن گاڭگىراپ قېلىشىڭىز ناھايىتى نورمال ئىش. مەن 20 نەچچە تۈرلۈك خىزمەت ئىزدەپ، بىرىگىمۇ قوبۇل قىلىنالمىغان؛ بىز بەش ساۋاقداش ساقچى مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ، تۆتەيلەن قوبۇل قىلىنغان؛ 24 ىمىز كېنتاكېيغا ئىمتىھان بېرىپ، 23 ى قوبۇل قىلىنغان؛ بىراق مەنلا قوبۇل قىلىنالمىغان. ئېھتىمال تەڭرىم ئۆزىڭىز ئىشلەشنى، باشقىلارغا ئىشلىمەسلىكنى ئورۇنلاشتۇرغاندۇ؟


   ھەممەيلەن بىلىش كېرەككى، ئادەم بولۇشتا كەيپىيات كۆرسەتكۈچى ۋە ئەقىل بۆلۈنمىسى بولۇشى، يەنە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان تىجارەتچى بولۇشى كېرەك، كۆپچىلىككە مەلۇمكى، مەن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەربىرەيلەننىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ چوقۇم ئەجدادلىرىدىن خېلىلا يۇقىرىلىقىغا ئىشنىمەن. مېنىڭ ئەقىل بۆلۈنمەن يۇقىرى ئەمەس، ناۋادا ئەقىل بۆلۈنمەم يۇقىرى بولغان بولسا، ئىگىلىك تىكلەپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مەن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغانلىقتىن ئەمەس، ياخشى خىزمەت تاپالمىغانلىقتىن ئۆزۈم قىلغانىدىم. مېنىڭ كەيپىيات كۆرسەتكۈچۈممۇ يۇقىرى ئەمەس، كەيپىيات كۆرسەتكۈچى قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئپڭۇشسىزلىق، مەغلۇبىيەت، رايى قايتىش، گاڭگىراش، ئازاب-ئوقۇبەت، ئۈمىدسىزلىك قاتارلىقلارنىڭ بىر يەرگە جۇغلىنىشى كەيپىيات كۆرسەتكۈچىدۇر. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، سىز ناۋادا ئۆزىڭىزگىلا مەسئۇل بولۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىز بىر ئادەتتىكى ئادەم، ناۋادا سىز بەش ئادەمگە مەسئۇل بولالىسىڭىز، سىز بەلكىم بىر كوللېكتىپنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. 
   بۈگۈن سىزنىڭ قەلبىڭىز قانچىلىك كەڭ بولسا، قىلالايدىغان ئىشلىرىڭىزمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دۇنيادا ئويلىغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلالايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك، مەن بىل گايتستىن بىزار، ئۇ شۇنچىۋالا ئۇتۇق قازىنىپ، بىزگە پۇرسەتمۇ قويمىدى. نېمىلا بولمىسۇن، پۇلدار كىشىلەر بىزارلىق كېلىدۇ، ئۇتۇق قازانغان كىشىلەر سوغۇققان كېلىدۇ. بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاشلا، باشقا قايتىپ كەلسەك، بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەر بىزدىن بىزار بولۇپ، 15 يىل بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بولسا، ئىنتېرنېت باشلىنىشىغىلا ئۇتۇق قازىنىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

   مەن ئىگىلىك تىكلىگەندە، 20 نەچچە دوستۇمنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىپ، ئىنتېرنېت كەشپى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلىقىمنى ئېيتقانىدىم، ئۇ يىلى 1994-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىدى. شۇ چاغدا پەقەت بىرەيلەن قوشۇلۇپ، قالغانلار قارشى تۇرغانىدى. ئۇلار ماڭا ‹‹بۇ تامامەن ئىشەنچسىز››، ‹‹ما يۈن كومپيۇتېرنى بىلمەيدۇ، باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ، پۇلى يوق، كومپيۇتېر بىلەن ئالاقىسى يوق، سەن نېمەڭگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەيسەن؟›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلغانىدى. مەن بۈگۈنمۇ نېمىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىمنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن، ئەمما مەن ھەمىشە بۇ ئىشلارنى قىلمىسام تولىمۇ ئازابلىنىدىغاندەك ھېس قىلىمەن، مەن سىناپ كۆرۈپ باقتىم، ناۋادا قىلالمىسام كېيىنچە بىر گەپ بولار. نۇرغۇن ياشلار كەچتە نۇرغۇن ئىشلارنى خىيال قىلىدۇ، ئەتىسىلا ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئىگىلىك تىكلەشتە مۇھىمى، دەرھال ھەرىكەتلىنىشتىن ئىبارەت.


   ئەمما كۆپچىلىككە شۇنى دەپ قويايكى، ئىگىلىك تىكلەش ھەممەيلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مەن دائىم شۇنداق دەيمەن: 100 ئادەم ئىگىلىك تىكلىسە، 95 ى مەغلوپ بولىدۇ، سىز ھەتتا ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلىيالمايسىز. قالغان بەشەيلەننىڭ ئىچىدە تۆتەيلەننىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرىسىز، پەقەت بىرلا كىشى ئۇتۇق قازىنىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى قانداقتۇر بىر تۇغما تالانتنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئۇنىڭدا مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ بولۇشى، ئۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى، ئۇ قەتئىي چىڭ تۇرۇشى، ئۇنىڭ ۋاقتى بولۇشى كېرەك. ھېچكىممۇ لايغەزەللىك قىلىپ ئۇتۇق قازىنالىغان ئەمەس، بۈگۈنكى جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئەھمىيەتلىك ھادىسە شۇكى، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ھەممەيلەننىڭ يېڭىلىق يارىتىشى بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە زور ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، مانا بۇنىڭ ئۆزى پۇرسەت.
   بىز ھازىر بۈگۈنكىدەك بىر بەختلىك دەۋردە تۇرماقتىمىز، ناۋادا بەزىلەر مەندىن: ‹‹ما يۈن سەن بۇ دەۋرگە قايتا كېلىشكە توغرا كەلسە، قانداق قىلىسەن؟›› دەپ سورىسا، مەن چوقۇم قايتا كەلمەيمەن، چۈنكى قايتا يەنە بىر قېتىم كەلسەم مەن بەلكىم بۈگۈنكىدەك ما يۈن بولالماسلىقىم مۇمكىن، دەيمەن. باشقىلار رەنجىگەندە، باشقىلار قارشى تۇرغاندا بىز قەتئىي چىڭ تۇردۇق، ھازىرغىچە 15 چىڭ تۇرۇپ، يەنە ماڭامسەن دېسە، مېڭىپ بولالمايمەن. ناۋادا چوقۇم قايتا ئىگىلىك تىكلەش توغرا كەلسە، مەن چوقۇم بىر قابىل خوجايىن، بىر قابىل كوللېكتىپ ئىزدەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىگەن بولاتتىم. خۇشاللىقتا، ئىگىلىك تىكلەشتە ئۆزىمىزنىڭ خوجايىن بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزىمىز خوجايىن بولغاندا، ئۆزىمىز ياخشى ئىشلىشىمىز، ئەمما بىر مۇنەۋۋەر ئادەمگە ئەگىشىپ ئىشلەشمۇ قالتىس ئىش. 
   مەن ياشلارغا شۇنداق دەيمەنكى، بۇنىڭدىن ياخشى دەۋر ئەمدى كەلمەيدۇ.
   كۆپچىلىك 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ تەخمىنەن 50 يىلدا باش كۆتۈرگەنلىكىنى بىلىدۇ. 2-قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئىنقىلابىغىمۇ 50 يىل ۋاقىت كەتكەن، ئامېرىكا شۇندىلا قەد كۆتۈرەلىگەن. 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدا سانسىزلىغان بايلا بارلىققا كەلگەن، 2-قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابىدا سانسىزلىغان ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلار بارلىققا كەلگەن. بۇ قېتىمقىسى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى 3-قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى، ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىنقىلابىدۇر. ئۇ ھەممەيلەنگە بېرىلگەن پۇرسەت، بەزىلەر 200 يىل، 300 يىللاپ ساقلىسىمۇ كەلمەيدىغان پۇرسەت، ئىنتېرنېت ئەمدىلا 20 يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتتى، كەلگۈسى 30 يىلدا ھەقىقىي پۇرسەت كېلىدۇ.

1-بۆلىكى تۈگىدى، داۋامى بار.


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى