نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بوغدا ئابدۇللا: ئانا (شېئىر)

بوغدا ئابدۇللا: ئانا (شېئىر)

ۋاقتى: 2015-06-26 ئاۋاتلىقى: 5006 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بوغدا ئابدۇللا: ئانا (شېئىر)

*
توقسانغا ئۇلاشتى،
كۆزى خىرەلەشتى.
تونۇمايدۇ گاھىدا سېنى،
سېنى چاقىرماقچى بۇلۇپ،
چاقىرىدۇ باشقا بىرىنى،
باشقا بىرىنى چاقىرغاندەك.
توقسان ياز،
توقسان كۈز،
توقسان قىش،
توقسان ئەتىياز،
ئۆتۈپ كەتتى
ماڭلىيىغا ئىز سېلىپ،
ئۆتۈپ كەتتى سۇدەك
ئەمدى،
تېتىكلىكى يوق
بۇرۇنقىدەك.
كۆرپىدە ياتار،
ئىشىككە قارار.
سەن كەلمىسەڭ بىر كۈن
كۆڭلى يېرىم بولار،
كۆزگە ياش ئالار،
كىچىك بالىدەك.
ھەي !
جاھاننى ياشاپ تۈگىتىپ قويدى،
ئەمدى مېھماندەك !
كۆڭۈل نازۇك نەرسە،
كۆتۈرەلمەس گەپنى
سۇ مىسقال تۆمۈرنى كۆتۈرەلمىگەندەك.
شۇڭا
تاشلىما ئۇنى،
ئۇنۇتما ئۇنى.
يوقلا !
تاتلىق بىلەن !
ئاچچىق - چۈچۈك بىلەن !
ھالداش،
مۇڭداش،
ئوغلى بولمىسا ئوغلى بول !
قىزى بولمىسا قىزى بول !
يۇيۇپ قوي،
چاچلىرىنى تاراپ قوي.
دۈمبىسىنى سىلاپ قوي،
پۇتىنى تۇتۇپ قوي،
شۇنداق قىلساڭمۇ
بىر كېچە بەرگەن سۈتى ھەققىنى
تۆلىيەلمەيسەن،
بولۇپ پايپېتەك !
ئۇ بولمىسا
سەن قېنى؟!
مەن قېنى؟!
توققۇز ئاي
توققۇز كۈن
توققۇز سائەت
توققۇز دەقىقە
كۆتۈرگەن بىزنى قورسىقىدا.
ئاش ئېتىپ،
نان يېقىپ
كىر يۇيۇپ. ....
يول يۈرۈپ،
جاھان لەرزىگە كەلگەن تولغىقىدا. ....
چاقماق چاققاندەك 
بوران گۈركىرىگەندەك !
بىز
ئۇنىڭ بەختى،
ئارزۇسى ئىدۇق.
بۈگۈنى،
ئەتىسى ئىدۇق.
بىز !
ئۇنىڭ قايتا تۇغۇلۇشى ئىدۇق.
ئوغۇل بولۇپ،
قىز بولۇپ،
بىز !
ئۇنىڭغا ئوخشىدۇق ؛
كۆزىمىز ئوخشار،
قېشىمىز ئوخشار،
بۇرنىمىز ئوخشار،
ئاغزىمىز ئوخشار،
گۈل - گۈلىگە ئوخشىغاندەك.
كۆز نۇرىمىز،
قارا چېچىمىز،
قېنىمىز
ئۇنىڭ ئىدى، ئۇنىڭ. ...
خۇددى سۇنىڭ بېشى بولغىنىدەك.
ئىنسان
ھەم ئەقىللىق بولار،
ھەم نادان.
كۆيەر بالىسىغا، كۆيمەس ئانىسىغا،
ئانا كۆيەر بالىسىغىلا :
سېنى ئاسماندا ئۇچسا دەيدۇ،
دېڭىزغا شۇڭغۇسا دەيدۇ.
تۆھپەڭنى كۆرۈشنى تىلەيدۇ
شەيخ جەينامازدا تىكىلىگەندەك.
تاپسا
بىر تال كەمپۈت،
بىر تال ئالما،
گېلىدىن ئۆتمەس،
يالغۇز يېگۈسى كەلمەس
سېنى يەۋالسۇن دەيدۇ،
سېنى ئورۇقلاپ قالمىسۇن دەيدۇ،
كەپتەر باچكىسىنى ئاسرىغاندەك.
توقسانغا ئۇلاشتى،
قۇلىقى ئېغىرلاشتى،
چىشى چۈشكەن،
بېلى ئېگىلگەن،
بېشى ئاغرىيدۇ
پۇتى سىرقىرايدۇ. ...
لېكىن،
تۇرغۇسى كېلەر،
يۈرگۈسى كېلەر،
ھاسىسىنى تاشلىغۇسى كېلەر،
يۈگۈرگۈسى كېلەر 
ياش - قىرانلاردەك.
يەر ئايلىنار،
ۋاقىت ئۇچار.
بۈگۈننىڭ بوسۇغىسىدا
ئەتە ساقلاپ تۇرار.
شۇنداق
قېرىيدۇ بارچە :
ئادەممۇ،
دەرەخمۇ
قۇشلارمۇ. .....

1983-يىل، فېۋرال


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى