تاڭ دەۋرىدىكى قانۇن ئەمەلدارى __ سۇ يۇەنلى
-
تاڭ دەۋرىدىكى قانۇن ئەمەلدارى __ سۇ يۇەنلى
ۋاقتى: 2015-05-03 ئاۋاتلىقى: 4414 قېتىميانفوندا كۆرۈش
تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇن ئەمەلدارى-سۇ يۇەنلى
ئابلىز مۇھەممەت سايرامى
سۇيۇەنلى (素元礼 )تاڭ دەۋردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر سانغۇن ھەم قانۇنچى ئەرباپ.‹‹ئوكيانۇس››نىڭ 297-بېتىدە سۇ يۇەنلىنى ئۇيغۇر(胡人)دەپ تۇنۇشتۇرغاندىن باشقا، ئۇنىڭ قانۇن ئەمەلدارى بولغانلىقىنى ۋە جازانى قاتتىق يۇرگۇزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ‹‹ كونا تاڭنامەبىلەن ‹‹يېڭى تاڭنامە››دىكى خاتىرلەرگةەقارىغاندا، سۇ يۇەنلىنىڭ ئەسلى يۇرتى ئېدىقۇت بۇلۇپ، ئۇ كىچىك ۋاقتىلىرىدا ئېدىقۇتتىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان ھەم خۇشخەت، رەسساملىق بىلەن مەشخۇل بولغان. مىلادى 679-يىلى ئېدىقۇتلىق بىر قىسىم دىن تارقاتقۇچىلار، رەسساملار بىلەن بىرگە چاڭئەنگە بارغان ھەم بۇ جايدىكى ئۇيغۇر بۇددىسلار بىلەن بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شاڭدا ئەپەندى يازغان ‹‹تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەن ۋە غەربى يۇرت مەدەنىيىتى›› (唐代长安与西成文明) دىگەن كىتاپتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چاڭئەن شەھرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نەچچە مىڭ بۇلۇپ، (ئۇلارنىڭ مەخسۇس كوچا مەھەللىلىرى ھەم دوكان-ئاشپۇزۇللىرى بولغان) سۇ يۇەنلىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇرلار قاتارىدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇلغان.ۋۇزىتىيەن تەخىتكە ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا (690~705-يىللار) ئۇ سەييارە قۇشۇنلار سانغۇنى بولۇپ تەيىللەنگەن. كېيىن چاڭئەننى قوغداش ئۇرىشى ۋە تاڭ سۇلالىسىگە قارشى كۈچلەرنى بېسىقتۇرۇشتا خىزمەت كۆرسۇتۇپ، لوياڭ شەھرىدىكى جازا پىرقىسىدە مەنسەپكە قۇيۇلغان بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ تۇتۇلغان ۋە قولغا چۇشكەن ئوغۇرلارنى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان مۇشتۇمزورلانى قاتتىق جازالاپ، ھەربى جازالارنى ئىنتايىن قاتتىق يۇرگۇزگەچكە، بىر ئادەمنى قامىسا نەچچە يۇز ئادەم چۇچۇيدىغان، بىر ئادەمنى ئۆلتۇرسە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ يۇرۇكى پوكۇلدايدىغان بولۇپ كەتكەن، گەرچە ۋۇ زىتىيەن مىلادىنىڭ 690-يىلى تەخىتكە چىقىپلا ئۆزىنى مۇقەددەس خان، دۆلەت نامىنى جۇ، يىلنامىسى تىيەنشۇ دەپ ئاتاپ <<ئوردا ئىمتىھان تۈزۈمى>>نى يولغا قويغان ھەم مەخسۇس قانۇن-تۇزۇملەرنى بېكىتكەن بولسىمۇ .ئەمما يېنىلا دۆۋلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقلار ئازايمىغان. ئۇ سۇ يۇەنلىگە ئوخشاش جازا پىرقىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈچىدىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان.سۇ يۇەلى لوياڭ شەھرىدە تۇرغان مەزگىلدە، ۋۇ زىتىيەننىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلغاچقا، ئوردىدىكى مەنسەپدارلانىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغىغان. شۇنىڭدىىن كېيىن ئۇ ۋۇ زىتىيننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن چاڭئەن شەھرىگە يۆتكۇلۇپ كىلىپ، تاكى ئۆمۇرىنىڭ ئاخىرغىچە خان ئوردىسىدا قانۇن يۇرگۇزۇش ۋە قانۇن ئەمەلدارلىرىغا مەسلىھەت بىرىش بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ قايسى يىلى تۇغلۇپ، قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى خاتىرلەر بىزگىچە يېتىپ كىلەلمىگەچكە، ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى ھەققىدە كەڭ دائىرلىك توختۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدىم.
ئابلىز مۇھەممەت سايرامىنىڭ <<سۇي، تاڭ سۇلالىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر>> دېگەن ئەسەردىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
پوۋېست: قارا يۈرەك - 7 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:23:084069«بوستان»نىڭ يېزىلىش سەۋەبى (2)
2015-02-06 11:17:443467داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (30)
2015-03-01 23:12:043546ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرىدىن __ تۇماق
2015-04-25 19:41:405293نىدائىي: 2011-يىلىدىكى توي نۇتۇقى
2015-03-17 14:53:083554ھىندىستاندىكى «يوگا ئاستانىسى» ___ رىشىكېش
2016-07-26 20:19:25588دۇنيادىكى 100 داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت (2015)
2015-10-27 00:56:134613ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش قوشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر
2015-05-29 13:41:234488
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-