نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (30)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (30)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3550 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ــ 30)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي   
يەتتىنچى بۆلۈم، سىلۋېرنىڭ ۋاستىسى    
ئۈچىنچى باب، دوختۇرنىڭ سەمىمىي نەسىھىتى
 
    ئىككىنچى كۈنى سەھەردە بىر جاراڭلىق ئاۋازدىن ھەممىمىز ئويغىنىپ كەتتۇق.
    ـــ ئىچىدىكىلەر ئاڭلاپ تۇرۇڭلار، دوختۇر لىۋېس كەلدى.
    بۇ دوختۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى. بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم ھەم ئىنتايىن خىجىللىق ھېس قىلدىم. مەن ئۇلاردىن ئۆز ئىختىيارىمچە ئايرىلدىم، يەنە كېلىپ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ تۇتقۇن بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن. مەن ئېتىش تۆشۈكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دوختۇرنىڭ قاشا سىرتىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
    ـــ كەلدىڭمۇ دوختۇر، ـــ دېدى سىلۋېر چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ دوختۇر بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، ـــ بۇ يەردىكى كېسەللەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدىن ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، ناھايىتى روھلۇق. مەن ساڭا ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان بىرسىنى تونۇشتۇرماقچىمەن، ئاخشام ئۇ بۇ يەردە قوندى.
    بۇ چاغدا دوختۇر سىلۋېر قاشادىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى.
    ـــ سەن جىمنى دېمەكچىمۇ؟ ـــ دېدى دوختۇر. ئۇنىڭ ئاۋازى سەل ئۆزگەرگەن بولۇپ قەدىمىنى توختاتتى.
    ـــ شۇنداق، دەل جىم، ـــ دېدى سىلۋېر.
    ـــ بۇ ئىشنى سەل تۇرۇپ دېيىشەيلى، ـــ دېدى دوختۇر ئېغىز ئېچىپ، ـــ مەن يەنىلا كېسەللەرنى كۆرۈپ باقاي.
    ئارقىدىن ئۇ ياغاچ ئۆيگە كىرىپ ماڭا ئىپادىسىزلا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، ئاندىن كېسەللەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇ بىمارلىرىغا خۇددى ئائىلە دوختۇرىدەكلا ناھايىتى مۇلايىم مۇئامىلە قىلاتتى.
    ـــ سېنىڭ چىرايىڭ جىق ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، ـــ دېدى ئۇ بېشى تېڭىقلىق دېڭىز قاراقچىسىغا قاراپ، ـــ گىئورگى، سېنىڭ چىرايىڭدىن قارىغاندا ئەھۋالىڭ تازا ياخشى ئەمەس، دورا يېدىڭمۇ؟
    ـــ دورا يېدى، ـــ دەپ جاۋاب بەردى مورگان گىئورگىغا ۋاكالىتەن.
    ـــ دوختۇر، دىك بىئارام بولۇۋېتىپتۇ، ـــ دېدى بىرى.
    ـــ ھە؟ ـــ دېدى دوختۇر، ـــ دىك، بۇياققا كەل، كۆرۈپ باقاي. تىلىڭنى چىقار. سەنمۇ سېرىق قىزىتما كېسىلى بىلەن يوقۇملىنىپسەن.
    ـــ بۇ ئۇنىڭ جاجىسى، ـــ دېدى مورگان، ـــ ئۇ ‹‹ئىنجىل››ىنى يىرتىۋەتتى.
    ـــ دۆت ئەبلەخلەر، ـــ دېدى دوختۇر، ـــ بۇنىڭ ‹‹ئىنجىل›› بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. سىلەر نەم، تىنجىق ھاۋانىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلىشمەيسىلەر. سىلەر سازلىقتا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇنداقمۇ؟ سىلۋېر، سەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن ئەقىللىق ئادەم تۇرۇپ گىگېنادىكى ئەڭ ئاددىي ساۋاتنىمۇ بىلمەيدىكەنسەن.
    دوختۇر ئۇلارغا بىر-بىرلەپ دورا تارقىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ دورا ئېلىۋاتقان چاغدىكى ھالىتى تولىمۇ ئىتائەتچان بولۇپ، ئادەم ئۆلتۈرسە كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمايدىغان دېڭىز قاراقچىلىرىغا زادىلا ئوخشىمايتتى.
    ـــ بولدى، ـــ دېدى دوختۇر، ـــ بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، پىكرىڭلار بولمىسا مەن بۇ بالا بىلەن سۆزلىشىپ باقاي.
    گىئورگى مېرري كالچاڭلىتىپ دورا يەۋاتقان ئىدى، دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەرھال بېشىنى بۇراپ دېدى:
    ـــ بولمايدۇ!
    ـــ سەن ئاغزىڭنى يۇم، ـــ دېدى سىلۋېر ھاراق توڭىغا غەزەپ بىلەن شاپىلاقلىغىنىچە گىئورگىغا ھۆركىرەپ. ئاندىن ئۇ دوختۇرغا يۈزلىنىپ ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئېيتتى، ـــ بىز سېنىڭدىن ناھايىتى مىننەتدار، دوختۇر، مەنمۇ سىلەرنى كۆرۈشتۈرۈشنى ئويلاۋاتقانىدىم. جىم، مەن سېنىڭ لەۋزىڭگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن. سەن ئالدى بىلەن قېچىپ كەتمەيدىغانلىقىڭ توغرۇلۇق قەسەم بەر.
    ـــ مەن قېچىپ كەتمەسلىككە كاپالەت بېرىمەن، ـــ دېدىم مەن.
    ـــ ئۇنداق بولسا ياخشى، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ دوختۇر سەن قاشا سىرتىدا ساقلاپ تۇر، سەل تۇرۇپ مەن بالىنى باشلاپ چىقىمەن. سىلەر قاشانى ئايرىپ تۇرۇپ س‍ۆزلىشۋېلىڭلار.
    دوختۇر ئەمدىلا ئۆيدىن چىقىشىغا دېڭىز قاراقچىلىرى تاقەت قىلالماي پارتلىدى. ئۇلار تۇشمۇ-تۇشتىن سىلۋېرنىڭ دوختۇرغا مۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ئۆزىگە چىقىش يولى قالدۇرغانلىق، بۇ بىزگە ئاسىيلىق قىلغانلىق، دېيىشتى. مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سىلۋېرنىڭ يەنە قانداق تاقابىل تۇرۇش چارىسى بارلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىم. لېكىن، سىلۋېر تۈنۈگۈن كەچتىكى غەلىبىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم باش ئەگدۈردى. ئۇ ئالدى بىلەن ئاغزىغا كەلگەن سەت گەپلەر بىلەن ئۇلارنى بىر ھازا قاتتىق تىللىدى. ئاندىن:
    ـــ دوختۇرنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىساق بولمايدۇ. بىز ھازىرچە دوختۇردىن يۈز ئۆرەلمەيمىز، چۈشەندىڭلارمۇ؟ پۇرسەت كۈتۈشىمىز كېرەك، ـــ دېدى.
    گەرچە قاراقچىلار قايىل بولمىسىمۇ دەماللىققا بىرنېمە دېيەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن سىلۋېر قولۇمدىن يېتىلەپ ھاسىسىنى تايانغىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى.
    ئىشىكتىن چىققاندا سىلۋېر ماڭا:
    ـــ جىم، ئاستىراق ماڭ، بەك تېز ماڭساڭ ئۇلار يۇپۇرۇلۇپ كېلىشىدۇ، ـــ دېدى.
    دوختۇر تۇرغان قاشانىڭ يېنىغا كەلگەندە سىلۋېر توختاپ دوختۇرغا قارىدى.
    ـــ دوختۇر، مەن بۇ بالىنى قۇتقۇزۇۋالىمەن دېگەچكە ئۇلار مېنى تەختتىن چۈشۈرۈۋەتكىلى قىل قالدى. ئىشەنمىسەڭ ئۇنىڭدىن سورا. كەلگۈسىدە مەن ئۈچۈن سوتتا ياخشى گېپىمنى قىلىپ قويۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ـــ سىلۋېر، سەن قورقتۇڭمۇ؟ ـــ دەپ سورىدى دوختۇر.
    ـــ مەن توخۇ يۈرەكلەردىن ئەمەس، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ ئەمما دار ئالدىدا غالىلداپ تىترىمەيدىغان ئادەمدىن قانچىسى بار؟ بولدى، سەن جىم بىلەن ئايرىم سۆزلىشىۋال، ئۇنتۇپ قالما، بۇ مەن قىلغان يەنە بىر ياخشى ئىش.
    ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ ئارقىغا ماڭدى ھەم بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ بىر دەرەخنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئېغىزىنى ئىسقىرتقاچ بىز تەرەپكە قارىدى، بەزىدە ئۆي تەرەپتىكى قاراقچىلارغىمۇ قاراپ قوياتتى. ئۇلار ئوت قالاپ تاماق قىلىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتاتتى.
    ـــ ھەي جىم، ـــ دېدى دوختۇر ئېغىر خۇرسىنىپ، ـــ بۇنداق بولۇپ قېلىشىڭ پۈتۈنلەي ئۆزۈڭنىڭ شورى. ئەسلى سېنى ئەيىبلىمەي دېگەنتىم، ئەمما سەن كاپىتان سىمولېت يارىلانغان چاغدا قېچىپ كەتتىڭ. بۇ دېگەن قورقۇنچاقلىق.
    مەن يىغلاپ تاشلىدىم.
    ـــ دوختۇر، ـــ دېدىم مەن ئېسەدەپ تۇرۇپ، ـــ مەن خاتا قىلدىم ھەم ئۆكۈندۈم، مېنى ئەيىبلىمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلۋېرنىڭ دېگىنى توغرا، ئۇ مېنى قوغدىمىغان بولسا ئاللىقاچان ئۆلگەن بولاتتىم. دوختۇر، ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن، ئەمما ئۇلار مېنى قىيىن-قىستاققا ئالسا چىدىيالامدىم-يوق بىلمەيمەن...
    ـــ جىم، ـــ دېدى دوختۇر گېپىمنى بۆلۈپ، ـــ مەن سېنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىڭغا قاراپ تۇرالمايمەن، تېز بۇياققا ئۆت، بىز بىرلىكتە قېچىپ كېتەيلى.
    ـــ بولمايدۇ، ـــ دېدىم مەن، ـــ مەن قەسەم بەردىم.
    ـــ بىلىمەن، ـــ دېدى ئۇ جىددىيلىشىپ، ـــ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، جىم، تاپا-تەنىلەرنى مەن ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن. تېز بۇياققا سەكرەپ ئۆت، بولمىسا كېچىكىپ قالىمىز.
    ـــ ياق، ـــ دېدىم رەت قىلىپ، ـــ بۇنداق قىلالمايمەن، مەن سىلۋېرغا ۋەدە بەرگەن، لەۋزىمدە تۇرۇشۇم كېرەك. گېپىمنى ئاڭلاڭ، كېمىنى مەن ئېلىپ كەتكەن. مەن ئۇنى شىمالدىكى قولتۇقنىڭ جەنۇبىدىكى ساھىلغا توختىتىپ قويدۇم.
    ـــ كېمىنى سەن ئېلىپ كەتتىڭمۇ؟ ـــ دەپ توۋلىدى دوختۇر ھەيرانلىقتىن.
    مەن ئىككى كۈنلۈك كەچۈرمىشىمنى قىسقا سۆزلەپ بەردىم. ئۇ گېپىمنى جىممىدە ئاڭلا بولغاندىن كېيىن ئېيتتى:
    ـــ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭرىنىڭ ئىرادىسى. سەن ھەر قېتىم بىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىۋاتىسەن. ئۇلارنىڭ سۈيقەستىنى بايقاپ قالدىڭ، بېن گوئىننى ئۇچراتتىڭ، كېمىنى ئەكېتىپ يوشۇرۇپ قويدۇڭ. سەن بىزگە شۇنچە جىق ئىش قىلىپ بەردىڭ. بىز سېنى تاشلاپ قويساق بولمايدۇ، ـــ دېدى دوختۇر، ئاندىن، ـــ سىلۋېر، ساڭا گېپىم بار، ـــ دەپ ۋارقىرىدى.
    سىلۋېر كەلگەندىن كېيىن دوختۇر ئۇنىڭغا:
    ـــ ساڭا بىر نەسىھەت قىلىپ قوياي، بايلىقلارنى كولاشقا ئالدىراپ كەتمە، ـــ دېدى.
    ـــ بەلكىم بۇنى ئورۇندىيالماسلىقىم مۇمكىن، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ ناۋادا بايلىقلارنى تاپالمىسام جىم ئىككىمىز ھايات قالمايمىز.
    ـــ ئۇنداق بولسا، ـــ دېدى دوختۇر، ـــ سەمىڭگە سېلىپ قوياي، ئەرۋاھلارنىڭ پاراكەندىسىدىن قورقۇپ يۈرىكىڭلار يېرىلىپ كەتمىسۇن.
    ـــ دوختۇر، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ بىر ئىشنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، سىلەر نېمىشقا بۇ ئۆيدىن كەتمەكچى بولدۇڭلار؟ نېمىشقا خەرىتىنى ماڭا بېرىسەن؟ ماڭا راست گەپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ـــ بۇ، ـــ دېدى دوختۇر بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ، ـــ ئېيتىپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن، چۈنكى بۇ مەن بىر ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. ساڭا دېيىشكە تېگىشلىكىنى مەن دەپ بولدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن كاپىتان مېنى ئەيىبلىدى. ئەمما كاپالەت بېرەي، ناۋادا سىلەر ھايات قايتىپ كېلەلىسەڭلار، مەن كەلگۈسىدە قانۇن يول قويغان دائىرىدە سەن ئۈچۈن گەپ قىلىمەن.
    ـــ مەن ساڭا ئىشىنىمەن، ـــ دېدى سىلۋېر خۇشال ھالدا، ـــ ئەپەندىم، سەن ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدىڭ.
    ـــ ئۇنداقتا، ماڭا ماقۇللۇق بەر، ـــ دېدى دوختۇر، ـــ بۇ بالىنى ھەر ۋاقت قوغدا، مەن ھازىرلا قايتىپ سىلەرنى بىر ئامال قىلىپ بۇ يەردىن ئەكىتىشكە تىرىشىمەن. دېگىنىمنى قىلماي قويمايمەن، جىم، خەير-خوش.
    دوختۇر قاشا سىرتىدا تۇرۇپ مەن بىلەن قول سىقىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن سىلۋېرغا قاراپ باش لىڭشىتىپ قويۇپ ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى